ئوقۇرمەنلەرگە يەتمىگەن «ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومىدىكى ئۇچۇرلار (1)

0:00 / 0:00

1945-1946-يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان، 1949-يىلى 10-ئايدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تارىخىي شەخس سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ھايات مۇساپىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئەگرى توقاي دەپ قارىلىدۇ. ئۇ گەرچە ئەلىخان تۆرە رەھبەرلىكىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنىستىرى ۋە كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدىكى مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىدىكى بىر ئەمەلدار بولۇپ، خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ھازىرغىچە «سىرلىق قازا» دەپ قارىلىۋاتقان ئايروپىلان ھادىسىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بېيجىڭدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دۆلەت قۇرۇش سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە ئۇنىڭ «ئورتاق پروگراممىسى» نى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. سەيپىدىن ئەزىز شۇ يىلى 10-ئايدا بىۋاسىتە ماۋ زېدوڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەزا بولغان تۇنجى ئۇيغۇرغا ئايلانغان ھەمدە ئۆمرىنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەمۇرىي رەھبىرى ۋە خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى بۇ دۇنيادىن خوشلاشقانىدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنىستىرى بولغانلىقىغا قارىماي، بەرىبىر ئۇنىڭغا «جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللىي خىزمىتىدىكى مەشھۇر رەھبىرى» دەپ باھا بەرگەن.

ئەمما، 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قاتناشقۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭ كۆپلىگەن سەپداشلىرى ئۇنىڭغا تامامەن ئەكسىچە باھا بېرىشكەنىدى. بۇنداق سەلبىي باھالار ئۇنىڭ 1955-1962-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كېتىپ يەرلەشكەن سەپداشلىرى، مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى، بولۇپمۇ زىيا سەمەدى، ئاسىم باقى، يۈسۈپبەك مۇخلىسى، ھاشىر ۋاھىدى، باتۇر ئەرشىدىنوف، سابىت ئابدۇراخمان ۋە باشقا ئونلىغان ئاتاقلىق ئەربابلارنىڭ قەلەملىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالغانىدى.

سەيپىدىن ئەزىزى ئۆز ھاياتىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەردىن باشقا يەنە ئۆز ھايات مۇساپىسىنى بايان قىلىدىغان ئۈچ توملۇق «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسىرىنى يازغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەسەرنىڭ ئىككى تومىنى تەستىقلاپ، رەسمىي نەشر قىلغان. بۇ كىتابلار 1990-يىلى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. ئەمما، 2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچەيتىپ باشلانغان «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش»، «ئەسەبىيلىك تۈگىتىش» ھەم كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا سولاپ ئىدىيە ۋە مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا سەيپىدىن ئەزىزنىڭ مەزكۇر ئەسلىمىسىنىڭمۇ كۆپلىگەن تەكشۈرۈلىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان تارىخىي كىتابلار قاتارىغا كىرگەنلىكى مەلۇم. شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، سەيپىدىن ئەزىزنىڭ «ئۆمۈر داستانى» ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن رەسمىي نەشر قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، قايتىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان تارىخىي ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئوقۇشىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان.

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» نىڭ بىرىنچى تومى ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرى، بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋەقەلەر، شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقى دەۋرى ۋە باشقا كۆپلىگەن تارىخىي تەپسىلاتلارغا ئائىت بولسا، 2-تومىدا 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەشلىرى ھەم ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاسىغا ئائىت تەپسىلاتلار ۋە باشقا كۆپ مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئېيتىشىچە، سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئەسىرى گەرچە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن سىياسىي پرىنسىپ، يەنى «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش» پرىنسىپى بويىچە يېزىلغان ۋە شۇ ئاساستا تارىخىي شەخسلەرگە ھەم ۋەقەلەرگە باھا بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدا يەنە شۇ دەۋر تارىخى رېئاللىقلىرىغا ئائىت نۇرغۇن تەپسىلاتلار، شۇ ۋاقىتتىكى ئازادلىق كۈرەشلىرى، ئىچكى-تاشقى زىددىيەتلەر ۋە دېتاللار ئەكس ئەتكەن.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قارىشىچە، سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن پرىنسىپ ۋە شارائىتتا يېزىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن تارىخى مەلۇماتلار شۇ دەۋرنى چۈشىنىش ۋە بىلىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

لېكىن، سەيپىدىن ئەزىز 1980-1990-يىللاردا «ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومىنىمۇ يېزىپ پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر 3-توم نەشر قىلىنماي قالدۇرۇلغان، يەنى سەيپىدىن ئەزىز بۇ ئەسىرىنىڭ نەشرىنى كۆرەلمىگەن. ۋەھالەنكى مەزكۇر ئەسەر چەتئەللەرگە ئېلىپ چىقىپ كېتىلىپ، دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن. ئەسەرنىڭ قىسمىتىدىن خەۋەردار ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومىنىڭ نەشر قىلىنماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئەسەردىكى بىر قىسىم ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن نازۇك بولغانلىقىدىندۇر.

«ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومى ئۇنىڭ 1949-يىلىدىن 1980-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھايات مۇساپىسى ۋە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن سىياسىي، مىللىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە باشقا بىر قاتار ئەھۋاللار ھەم كۈرەشلەرگە بېغىشلانغان. بولۇپمۇ ئەسەردىكى 1949-يىلى، 9-ئايدا سەيپىدىن ئەزىزنىڭ بېيجىڭغا بارغاندا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار، سەيپىدىن ئەزىزنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى داھىيسى ماۋ زېدوڭ بىلەن بىرگە موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، ستالىن بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنىڭ ئېلىپ كېلىنىشى، 1949-1950-يىللىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىي-سىياسىي باشلىقلىرىدىن ۋاڭ جېنىنىڭ ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرى، ۋاڭ ئېنماۋ باشچىلىقىدا 1958-1959-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش مەسىلىسى ۋە باشقا نۇقتىلارغا ئائىت بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئۆزگىچە ۋە مۇھىمدۇر.

(داۋامى بار)