«مانا بۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخ كىتابى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.03.29


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بۈگۈنكى تارىخ ۋە بۈگۈن پروگراممىمىزدا تۈركىيە قىرشېھىر ئاخى - ئەۋران ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور كۈرشات زورلۇ ئەپەندىنىڭ 14 - مارت كۈنى يېنىچاغ گېزىتىدە ئىلان قىلىنغان «مانا بۇ تۇركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخ كىتابى» ماۋزۇلۇق ئوبزورىنى ئاڭلىتىمىز. ئۇ، ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ:

ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىمدا تۈرك ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئەرگەنەقون ۋادىسىنىڭ رەسىملىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدىم. بۈگۈنكى ماقالامدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تارىخى توغرىسىدىكى كىتابنى سىلەرگە تونۇتماقچىمەن. ئالدى بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ۋە كېلەچەكى ئۈچۈن ئورتاق تارىخىنىڭ يېزىلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنداق بىر كىتابنىڭ يېزىلىشى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىگە بولغان سەلبىي كۆز قاراشلىرىنى يوق قىلىش ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيەلىكلەر، قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبەكلەر، ئەزەربەيجانلىقلار ۋە باشقا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تارىخ كۆز قارىشىنى تىكلەش تۈرك بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. مانا بۇنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدىغان ئورتاق تارىخ كىتابى ۋە ئورتاق تۈرك تارىخى دەرسلىك كىتابى يېزىش خىزمىتىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. تۈرك دۇنياسى تۇنجى قېتىم ئۆز تارىخىنى يازدى. تۈرك دۇنياسى ئورتاق تارىخى يېزىش قارارى 2012 - يىلى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھرىدە چاقىرىلغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا ماقۇللانغان ئىدى. 2013 - يىلى گەبزەدە، 2014 - يىلى بودرۇمدا چاقىرىلغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئالىي كېڭىشى يىغىنلىرىدا مەزكۇر كىتاب ھەققىدە قايتا - قايتا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، كىتابنىڭ قايسى دەۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بېكىتىلدى. بۇ كىتابدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىلادىن كېيىنكى 15 - ئەسىرگىچە بولغان ئورتاق تارىخى بايان قىلىنغان. مەقسەت ياش گۇرۇپپىرىغا قاراپ ئوقۇغۇچىلارغا بۇ مەزگىلدىكى تارىخ توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشتىن ئىبارەت.

در. كۈرشات زورلۇ ئەپەندى ئوبزورىدا تۈرك دۇنياسى ئورتاق تارىخىنى ئۆگىتىشتىكى مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

1 - ئورتاق تۈرك تارىخىدىكى تارىخ ئاتالغۇلىرىنى ئۆگىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش. 2 - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى چۈشىنىشى ۋە ئۇلارنى تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش. 3 - تۈرك دۇنياسىغا زور تۆھپە قوشقان تارىخىي شەخىسلەرنى ئۆگىتىش. 4 - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۈلتۈرى ۋە مەدەنىي مىراسلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش.

مەزكۇر كىتابنى تۈزۈش خىزمىتىدە ۋەزىپە ئۆتۈگەن پروف. در. دارخان ھىدىرالى نېمە ئۈچۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخى 15 - ئەسىرگىچە بولغان دەۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا، تۈركىي قوۋىملەرنىڭ 15 - ئەسىرگىچە بولغان تارىخىنىڭ تۈرك تارىخىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

در. كۈرشات زورلۇ ئەپەندى يەنىچاغ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «مانا بۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخ كىتابى» ناملىق ئوبزورىدا كىتابنىڭ مۇندەرىجسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

تۈركىي قوۋىملەرنىڭ ئورتاق تارىخى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:

1 - دۇنيا تارىخىدا تۈرك تارىخىنىڭ ئورنى، 2 - ھۇن ئىمپەرىيىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرك خانلىقلىرى، 3 - تۈرك خاقانلىقلىرى، 4 - تۇنجى تۈرك ئىسلام دۆلەتلىرى: قاراخانىلار ۋە ئىدىل - بۇلغار دۆلىتى، 5 - ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك دۆلەتلىرى، 6 - تۈرك - موڭغول ئىمپېريەلىرى، 7 - تۆمۈرلەڭ دۆلىتى، 8 - جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيا تۈرك خاندانلىقلىرى، 9 - ئوسمانلى ئىمپەريەسى، 10 - تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى ۋە كۈلتۈر مىراسلىرى.

در. كۈرشات زورلۇ ئەپەندى ماقالىسىدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخى ناملىق كىتابدا تۈركىي تىللار توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

تۈركىي تىللىرى ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، تۈركىي تىللارنى شەرقىي ياۋروپادىن سىبىرىيەگىچە ۋە خىتاينىڭ غەربىگىچە بولغان كەڭ زېمىندا 180 مىليون كىشى تەرىپىدىن ئانا تىل سۈپىتىدە، ئىككىنچى تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنى قوشقان ۋاقتىمىزدا 250 مىليون كىشى تەرىپىدىن قوللىنىلماقتا. دۇنيادا ئەدەبىي تىلى ۋە يېزىقى بار 30 ئەتراپىدا تۈركىي تىل مەۋجۇت. ئەڭ كۆپ كىشى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان تىل تۈركىيە تۈركچىسىدۇر. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تارىخى ناملىق كىتابدا تۈرك تىلى ئىشلىتىلىۋاتقان يەرلەر تۆۋەندىكىدەك بېرىلگەن:

1 - ئوتتۇرا ئاسيا، 2 - سىبىريە، 3 - ئالتايلار، 4 - شەرقىي تۈركىستان، 5 - ئىدىل - يايىق، 6 - كۇزەي قافقازيە، 7 - قارا دېڭىزنىڭ شىمالى، 8 - ئاناتوليە، 9 - بالقانلار.

در. كۈرشات زورلۇ ئەپەندى ئوبزورىدا تۈرك دۇنياسى ئۇقۇمى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

تۈرك دۇنياسى تارىخى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە بۇ چوڭ ئائىلە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە شىمالىي سىپۇرۇش تۈرك جۇمھۇرىيەتى قاتارلىق 7 مۇستەقىل دۆلەت ۋە شەرقىي تۈركىستان، باشقۇرتىستان، چۇۋاشىستان، تاتارىستان، قاراچاي - چەركەز، قاباردىن - بالقار، ئالتاي، خاقاسيا، تۇۋا، ساخا، داغىستان، گاگاۋۇز - يېرىگە ئوخشاش ئاپتونوم رايونلاردىن تەركىپ تاپماقتا. بۇلاردىن سىرت خىتاي، ئافغانىستان، ئىران، ئىراق، سۇرىيە ۋە بالقانلاردىمۇ تۈركىي مىللەتلەر مەۋجۇت. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونوم رايونلاردىكى خەلقلەر پەقەت ئورتاق تارىختىلا ئەمەس، باشقا جەھەتلەردىنمۇ ئورتاقلىقلارغا ئىگە. ئەگەر ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، مىللىي بايراملىرى، رىۋايەت، داستان، مەسەل، لەتىپە ۋە قوشاقلىرىغا قارايدىغان بولساق بۇ ئورتاقلىقلارنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا مەزكۇر ئورتاق تارىخ كىتابىدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق داستانلىرى، مەنىۋى قىممەتلىرى، ماددىي كۈلتۈرى ۋە مىللىي ئويۇنلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

قىرشېھىر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. كۈرشات زورلۇ ئەپەندى «تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخ كىتابى»نىڭ قاچاندىن تارتىپ مەكتەپلەردە ئوقۇتىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئالىي كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر كىتاب پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە 8 - سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇتىلىدىكەن. بۇ كىتاب ھەپتىدە بىر سائەت يىلدا 34 سائەت ئوقۇتىلىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز دۆلەت تىلىدا نەشىر قىلدۇرىدىكەن. قاچاندىن تارتىپ ئوقۇتىلىدىغانلىقى بۇ يىل قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا چاقىرىلىدىغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئالىي كېڭىشىدە قارار قىلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.