ئۇيغۇر قەھرىمان رىزۋانگۈلنىڭ ھاياتى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمىدە
2014.04.27
![rizwangul.jpg rizwangul.jpg](https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rizwangul-20050217.html/rizwangul.jpg/@@images/5ce45eb5-6e09-4343-8c0b-ac206287ae05.jpeg)
تۈركىيە يېدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ قارىمىقىدىكى، «ئاياللار ئەسەرلىرى كۇتۇپخانىسى ۋە ئىلىم مەركىزى فوندى» ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان «ئاياللارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى يېزىش: كەچۈرمىشلەر، تەرجىمھال ۋە تارىخ» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر قەھرىمانى رىزۋانگۈلنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بېرىلدى.
19 - 20 - ئاپرېل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ئەزەربەيجان، برازىلىيە، فرانسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، گرۇزىيە، ھىندىستان، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، ئىران، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، شىۋىتسارىيىدە، كانادا، لاتۋىيە ۋە ۋېنگرىيە قاتارلىق 20 ئەتراپىدا دۆلەتتىن 200 ئەتراپىدا ئايال مۇتەخەسسىس قاتناشقان. يىغىندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. مەغپىرەت كامال يۇنۇسوغلۇ خانىم بىلەن سەلىمە كامال خانىم «قەھرىمان ھەمشىرە رىزۋانگۈل ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەر» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.
يىغىندا 200 ئەتراپىدا ئايال مۇتەخەسسىس مەشھۇر ئاياللار توغرىسىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ۋە ئۇلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.
ئۇنداقتا سېسترا رىزۋانگۈل كىم؟
1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قەھرىمانلىرىدىن بىرى رىزۋانگۈل ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ 1933 - يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. غۇلجىغا كەلگەندىن كېيىن غۇلجىدىكى يېڭىچە مەكتەپلەردە ئوقۇغان. مەكتەپتە ئوقۇشى ناھايىتى ياخشى، پائالىيەتچان قىز ئىكەن. مەكتەپتە تىياتىرىدىمۇ رول ئالغان ئىكەن. ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئىككى يىل مالىيە كەسپىدە ئوقۇغان.
رىزۋانگۈل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ پوچتىخانىدا بوغالتىر بولۇپ خىزمەتكە باشلىغان، 1945 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى غۇلجا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان.
رىزۋانگۈل 1944 - يىلى غۇلجىدا باشلانغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقانلاردىن بىرى. رىزۋانگۈل قىسقا مۇددەت سېسترالىق كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن 30 قىزنى ئۇيۇشتۇرۇپ مىللى ئازادلىق ئۇرۇشىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا سېسترالىق قىلغان.
در. مەغپىرەت كامال يۇنۇسوغلۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە رىزۋانگۈل 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن غۇلجىدا باشلانغان ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يارىدار ئەسكەرلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ، 1945 - يىلى، 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۇرۇشتا يارىدار بولغان قادىر ئىسىملىق ئەسكەرنى قۇتۇلدۇرىۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ شېھىت بولغان. شېھىت بولغاندىن كېيىن رىزۋانگۈلنى مەدھىيىلەپ نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلغان.
در. مەغپىرەت كامال يۇنۇسوغلۇ خانىم ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خەلقئارالىق يىغىندا رىزۋانگۈلنىڭ ئىش - ئىزلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا رىزۋانگۈلگە ئاتاپ يېزىلغان رومان، ھېكايە، شېئىر، داستان، رەسىم ۋە ھەر خىل ماقالىلار توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خەلقئارالىق يىغىندا رىزۋانگۈل توغرىسىدا دوكلات بېرىش ئۇيغۇر ئايال قەھرىمانلارنىڭ خەلقئارادا تونۇلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.