روبېرت شاۋنىڭ «قەشقەر ۋە يەركەند دىئالېكتى» ناملىق ئەسىرى ئەنقەرەدە تۈركچە نەشىر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.06.21


ئەنگلىيىلىك تۈركولوگ ۋە ئېكىسپەدىتسىيەچى روبېرت بارككلېي شاۋنىڭ «قەشقەر ۋە يەركەند دىئالېكتى» ناملىق ئەسىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى تىل تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.

مەزكۇر ئەسەر 1880 - يىلى يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا يېزىلغان لۇغەت دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما بۇ كىتابنىڭ قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا يېزىلغان لۇغەت بولۇشىلا ئەمەس، بەلكى ئەسەردە تارىخ، تىلشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇرچە سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ ئېتىمولوگىيەسى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ كۆپلىكىدىندۇر. ئەلۋەتتە لۇغەتنى تۈزۈش جەھەتتە بەزى نوقسانلار بولسىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى ئېيتقىلى بولىدۇ.

روبېرت بارككلېي شاۋنىڭ «قەشقەر ۋە يەركەند دىئالېكتى» ناملىق ئەسىرىنى تۈرك تىلشۇناس فىكرەت يىلدىرىم ئەپەندى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. ئۇ، كىتابنىڭ تۈركچە نەشرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىغا لۇغەتنى تەرجىمە قىلىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

بۇ كىتابتا ئاساسەن لۇغەتتىكى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ئىنگىلىزچە مەنىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇق. بەزى يەرلەردە ئۇيغۇرچە بىر سۆزنىڭ ئىككى يېرىم بەتلىك ئىزاھاتىنى، شاۋنىڭ ئىنگىلىزچە مۇرەككەپ جۈملىلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش ئاسانغا توختىمىدى. لۇغەت تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى چۈشىنىشلىك، ئاددىي ۋە راۋان بولۇشى بولغاچقا تەرجىمىدە مۇمكىن بولغىنىچە شاۋنىڭ لۇغىتىنىڭ ئورگىنال نۇسخىسىغا سادىق بولۇشقا تىرىشتۇق.

ئىككىنچى جەھەتتىن لۇغەتتىكى سۆز - ئاتالغۇلارنى سېلىشتۇرما شەكلىدە بېرىشكە تىرىشتۇق. روبەرت بارككلېي شاۋ «قەشقەر ۋە يەركەند دىئالېكتى» ناملىق ئەسەرنى يازغىلى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولغاچقا، لۇغەتتىكى سۆز - ئاتالغۇلار بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز - ئاتالغۇلار ئارىسىدا فونېتىكا جەھەتتىن ئوخشىماسلىقلار پەيدا بولغان. ھەتتا بەزى سۆزلەر ئىستىمالدىن چۈشۈپ قالغان. بۇنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاۋنىڭ لۇغىتىدىكى سۆزلەر بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى سۆزلەرنى سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق.

كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان فىكرەت يىلدىرىم ئەپەندى كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا، لۇغەتتە بېرىلگەن سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ قايسى تىلدىن كىرگەنلىكى، يەنى ئېتىمولوگىيەسى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى يازغان.

شاۋ لۇغىتىدا ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئەرەبچە يېزىلىشىنى، كېيىن لاتىن يېزىقى ترانسىكىرىپسىيەسىنى بەرگەن. تۈركچە تەرجىمىسىدە بولسا تۈرك ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كونا يېزىقنىڭ ئورنىغا تۈرك ئېلىپبەسى بىلەن تىرانسىكىرىپسىيەسى بېرىلگەن.

شاۋ 1879 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان، شاۋ توغرىسىدىكى بىر پارچە ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان:

روبېرت شاۋ 1839 - يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپتە فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇيدۇ. بۇ مەزگىللەردە ياۋرۇپا تىللىرىنىڭ كۆپىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تىلشۇناس بولۇشنىڭ ئاساسىنى ئورناتقان بولىدۇ. شاۋ 1859 - يىلى چاي يېتىشتۈرۈش تېخنىكا خادىمى سۈپىتى بىلەن ھىندىستانغا كەلگەن. بۇ جەرياندا تەتقىقات ساياھەتلىرىگە قاتناشقان شاۋنىڭ، قەشقەر ۋە يەركەنت توغرىسىدا توپلىغان ماتېرىياللىرىنىڭ يەركەنت ۋە قەشقەر خەرىتىسىنى سىزىشقا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئەنگىلىيە جۇغراپىيەچىلەر جەمىيىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.

شاۋ 1871 - يىلى يازغان «ئا ۋىسىت تو ھىغ تارتاري، ياركەند ئاند كاشگار» ناملىق كىتابىدا قەشقەر ساياھىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. شاۋ فارس تىلىنى ياخشى بىلگەچكە قەشقەر ۋە يەكەندىكى رەھبەرلەر بىلەن سۆزلىشىشتە قىينالمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ يەرلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ بەكلا ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى يازغان.

شاۋ يەركەندە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا تىلشۇناسلىق جەھەتتە كۆپ تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شاۋ يازغان قەشقەر ۋە يەركەن دىئالېكتى لۇغىتىنىڭ بىرىنچى قىسمىدىكى تىلشۇناسلىق ھەققىدىكى مەلۇمات تىلشۇناسلارنىڭ قاتتىق قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.

تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شاۋ ئۇ يىللاردا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن ۋاخان ۋە سېرىققۇل ۋادىلىرىدە ئىشلىتىلگەن، بۇرۇن ھېچكىم بىلمەيدىغان گاتچۇخ تىلى توغرىسىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

روبەرت بارككلەي شاۋ، «قەشقەر ۋە يەركەند دىيالېكتى» ناملىق كىتابىنىڭ باش قىسمىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۇنجى گرامماتكىسىنى يازغان شاۋ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھىند - ياۋرۇپا تىللىرى بىلەن بولغان پەرقىنى، نۇقتىلىق ھالدا تۈركىي تىللارنىڭ ياۋرۇپا تىللىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۈركىي تىللارنىڭ قوشۇمچىلىق تىل ئىكەنلىكىنى، سۆزنىڭ يىلتىزىغا قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى سۆزلەرنى ياساش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. ئۇ، كىتابىدا ئۇيغۇر تىلىغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ قانچىلىك يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەپ يازغان:

«ئەرەبچە بىلىم، فارسچە شېكەر، ھىندىچە تۇز، ئۇيغۇر تىلى بولسا سەنئەتتۇر».

شاۋ كىتابىدا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق مېتودىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرچە بىلەن ئوسمانلى تۈركچىسىنى قارشىلاشتۇرۇپ، قوشۇمچىلاردىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

روبەرت بارككلەي شاۋنىڭ تۈزگەن «قەشقەر ۋە يەركەند دىئالېكتى» ناملىق ئىنگىلىزچە كىتابنى تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى نەشرىياتى نەشىر قىلغان بولۇپ، ھازىر كىتابخانلاردا سېتىلىشقا باشلىدى. كىتاب 453 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.