ياپونىيىدە تونۇلغان ئاتاغلىق تۈركىي مىللەتلەر تەتقىقاتچىسى،كەيئو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ساكاموتو،ئىسلام تارىخى،تۈركىي مىللەتلەر تەتقىقاتىدا بەلگىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەن، ياپون تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى.ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن «پارىس گېلىمىنىڭ يولى» , «ئىسلام ۋە ئىبادەت» «تۈركىي مىللەتلەر تارىخىي» قاتارلىق كىتابلىرى بار.
ساكاموتونىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ياپونىيىدىكى تەسىرى ھەققىدە توختالغان ئارىكا خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«كېيئو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور ساكاموتونىڭ ئىسلام ۋە تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدە يازغان ماقالە، ئەسەرلىرى ياپونىيىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە، ئۇ بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىدارلىق تەتقىقاتچىلاردىن بىرى».
تۈركىي مىللەتلەر تارىخىي تەتقىقاتىدا ئىزدىنىش لىپ بېرىۋاتقان ئاكى خانىم مەزكۇر ماقالە ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«تەتقىقاتچى ساكاموتونىڭ بۇ ماقالىسىدىن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسلام دىنىي بىلەن بولغان سىياسىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن».
تەتقىقاتچى ساكاموتو «قۇرۇلالمىغان تۈركىستان دۆلىتى» ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولغان تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى تۆۋەندىكىدەك تېمىلار ئارقىلىق بايان قىلغان.
ئاپتور «رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بېسىۋېلىشتىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيا» دېگەن تېمىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلغان:
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر چارۋىچى، ئاتلىق مىللەتلەر ئىدى. ئۇلار، موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىن يىپەك يولى ئارقىلىق ئاناتولىيىغىچە كۆچۈپ بارغان.ھازىرقى،قازاق،ئۆزبېك،تاتار،
تۈركمەن،ئازارى،ئۇيغۇر قاتارلىقلار ئەسلىدە تۈرك مىللىتىدۇر. ئۇلارغا بۇ خىلدىكى ناملار مىللەت سۈپىتىدە يېقىنقى زاماندىلا بېرىلگەن.19 - ئەسىردە تۈرك دۇنياسى ياۋروپا،رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،بېسىۋېلىنغان. سىياسىي، ئىقتىساد جەھەتتە رۇسىيە،ياۋروپاغا قارشى كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان.ئۇلار تىلىنى،سىياسىتىنى،ئىقتىسادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشقان.
ئاپتور ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىختا قۇرۇلغان خاندانلىقلار ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
رۇسىيە ئىمپېرىسىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىۋېلىشتىن ئىلگىرى، بۇ رايوندا ئۈچ خاندانلىق ھۆكۈم سۈرگەن.بۇ خاندانلىقلاردىن قوقەن خاندانلىقى سىر دەرياسىنى،تەڭرىتانغلىرىنىڭ شىمالىنى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاندانلىق ئىدى. بۇخارا خاندانلىقى بولسا،زەرەپشان، ئامۇ دەريالىرىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى بوستانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خوراسان رايونى ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى يەرلەرنى ئاساس قىلغان خىۋە خاندانلىقىمۇ بار ئىدى. رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بۇ خاندانلىقلارنى 1860 - يىللىنىڭ، ئوتتۇرلىرىدا ئۆز ھامىلىقىغا قوشۇۋالغان.1865 - يىلى تاشكەنتنى،1867 - يىلى،ئالماتانى،1868 - يىلى بۇخارانى ۋە 1873 - يىلى خىۋە خانى بېسىۋالغان.1876 - يىلىغىچە پەرغانە ۋادىسىدىكى قوقەن خاندانلىقى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ،رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن قىلغان ھەربىي ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن قوقەن خاندانلىقى ئەڭ ئاخىرى 1881 - يىلى بېسىۋېلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى رۇسىيە ئىمپېرىيىسى پۈتۈنلەي ئۆز كونتورۇلۇقىغا ئالدى.ئوتتۇرا ئاسىيانى رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بېسىۋېلىشتىن ئىلگىرىلا،رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن قىرىم،ۋولگا تاتارلىرىنىڭ تۇپراقلىرىمۇ رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئاللىقاچان مۇستەملىكە قىلىنغان ئىدى.
ئاپتور رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاستىدىكى تاتار جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان مائارىپ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ،بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
تاتارلار جەمئىيىتىدە بىر مەزگىل ئۆلۈمالار ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى.مەدىرىسلەر تاقالدى،ئىسلامىي كىتابلار كۆيدۈرۈلۈپ،رۇسىيە ئىمپېرىيىسى،ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.بۇنىڭ بىلەن تاتار جەمئىيىتىدە ئۆز كىملىكىنى تونۇش ئېڭى قوزغالدى.تاتارلاردىن موسكۋا ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ،فرانسىيىدە ئوقۇغان،ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىنمۇ تەلىم ئالغان، گاسپىرالى چەتئەلدىكى ئوقۇش ھاياتىنى تاماملاپ،قىرىمدىكى باغچا ساراي شەھىرىگە شەھەر باشلىقى بولدى.گاسپىرالىنىڭ تىل،مائارىپتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن جەددىزىم ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەردە ئۆز كىملىكىنى قايتىدىن تونۇش باشلىنىپ،تۈركىيىدىكى بوسپورۇس قانىلىدىكى قېيىقچىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردىكى تۆگىچىگىچە ئورتاق قوللىنىدىغان تىل يەنى تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق تىل - يېزىقنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكىتى باشلاندى.بۇنىڭغا يانداش ھالدا 1880 - يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەۋج ئالغان پانتۈركىزىم ھەرىكىتى ئاساسىدا بارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق نام ئاستىدا رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدە ئۇيۇشىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.
ئاپتور ماقالىسىدىكى «قوقەنگە توپلانغان تۈركىستانلىقلار» دېگەن تېمىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۈركىستان دۆلىتىنى ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ،ئەينى ۋاقىتتا قوقەندە قۇرۇلغان بۇ ھاكىمىيەت ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەرگەن:
1917 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پەرغانە ۋادىسىكى تۈركىستانلىقلار قوقەنگە توپلىنىپ،بۇ يەردە تۈركىستان ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.بۇ ھاكىمىيەتنى قۇرغۇچىلار جەدىدىزىم ھەرىكىتىنىڭ باشلامچى ئىنقىلابچىلىرى،ئىلغار زىيالىلار،ئىلغار پىكىرلىك سودىگەر - بايلار،ئۆلۈما -
سوپىلارلاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى.ھەتتا بۇ ھۆكۈمەت قاتلىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكىت تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق تارىختىن بېرى بىرگە ياشاپ كەلگەن پارىس تىللىق تاجىكلارمۇ بار ئىدى.ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى يەنى بولشېۋىكلار تاشكەنتە ھۆكۈمەت قۇرغان ئىدى.تۈركىستانلىقلار بۇ قۇرۇلغان ھۆكۈمەتكە ئىشەنمىدى. چۈنكى تۈركىستانلىقلار ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى رۇسلارنى ئاساس قىلغان،رۇس مىللىتىنىڭ ئىنقىلابىي دەپ تونۇيتتى. شۇڭا تۈركىستانلىقلار رۇسلار تاشكەنتتە قۇرغان بۇ ھاكىمىيەتكە يىراق بولغان قوقەندە ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇردى.بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەت بىلەن تۈركىستانلىقلارنىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت ئىككى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.سوۋېت ھۆكۈمىتى ناھايىتى ۋەھشى ئىدى.ئۇلار تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى سوتسىيالىزمغا قارشى ھۆكۈمەت،ئۇلار سوۋېتكە قارشى قوزغىلاڭ ئېلىپ بارىدۇ دەپ ئويلايتى.1918 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تاشكەنتتىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى قىزىل ئارمىيىدىكى ئەرمەن مىللىتىدىن تەشكىللەنگەن ھەربىي قوشۇننى ئىشقا سېلىپ،قوقەندىكى تۈركىستان دۆلىتىنى بېسىۋالدى.ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يەنى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز ئارزۇلىرى بىلەن قۇرۇلغان بۇ تۈركىستان دۆلىتى ئۈچ ئايدا مۇنقەرز قىلىندى.