13-ئۆكتەبىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق ئۆيىدە كۆرۈنەرلىك ئالىم، جامائەت ئەربابى ۋە ئاكادېمىك مەرھۇم غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ «تاللانغان ئەسەرلەر - تۈركشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. بۇ، غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ئىلمى ئەسەرلىرىنىڭ 6-تومى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى قىسمىدا غ. سەدۋاقاسوفنىڭ تىل، ئەدەبىيات، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. مەزكۇر ماقالىلەردە ئالىمنىڭ تۈركشۇناسلىق ئىلمى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى كۆرسىتىلگەن. كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمى غ. سەدۋاقاسوفقا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالىمنىڭ كەسىپداشلىرى، يېقىنلىرى، شاگىرتلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ماقالىلىرى، ئەسلىمىلىرى بېرىلگەن.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە زىيالىيلار، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، مەرھۇمنىڭ شاگىرتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشتى. يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى روشەنگۈل ئاۋاكوۋا ۋە «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف ئاكادېمىك غ. سەدۋاقاسوفنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىلمىي ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
دەسلەپ سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ كۆپلىگەن قازاق، رۇس ۋە باشقىمۇ مىللەت ئالىملىرى تەرىپىدىن يۇقىرى باھالانغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىدە پەقەت تىل، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت مەسىلىلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان قىزىقارلىق ھەم سالماقلىق ئوي-پىكىرلەرنىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ق. غوجامبەردى شۇنداقلا ئالىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇ يۆنىلىشتە ئىنتايىن كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا جامائەت ئەربابى سۈپىتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، تەرغىب قىلىشتا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەشكىلاتچانلىق قابىلىيەتلىرىنى نامايىش قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا سۆزگە چىققان ئالمۇتا جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شەردىنوف، شائىر مۇھەممەتئىمىن ئوبۇلقاسىموف، پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروف، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف، تارىخچى ئالىم ئەبلەھەت كامالوف، «تۇران دۇنياسى» بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف، تىلشۇناس ئالىم ۋالېرىي مەخپىروف، مەرھۇمنىڭ يۇرتداشلىرى ۋە باشقىلار غ. سەدۋاقاسوفنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھمىيىتى، بۇ ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، بۈگۈنكى تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى، تەقدىرى ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتىكى رولى، مەرھۇمنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف ئۆزىنى غ. سەدۋاقاسوفنىڭ ھەم يۇرتدىشى، ھەم شاگىرتى بولغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «غ. سەدۋاقاسوف ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن كۆپ قىرلىق تالانت ساھىبى ئىدى. ئۇنى شۇنداقلا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەڭداشسىز تۆھپە قوشقان سىما دەپ قاراشقا بولىدۇ. غ. سەدۋاقاسوف مىللىي مەكتەپلەرگە بېغىشلانغان پروگراممىلارنىڭ، دەرسلىكلەرنىڭ ئاپتورى ھەم تەرجىماندۇر. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئىملا قائىدىلىرىمىزنى بىر ئىزغا سېلىپ بەردى».
غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ «تاللانغان ئەسەرلەر. تۈركشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى» ناملىق كىتابى جەمئىي 25 باسما تاۋاق ھەجىمدە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئابدۇۋەلى قايداروف، سېرك قىرابايېف، تۇغلۇقجان تالىپوف، ئەدخەم تېنىشېف قاتارلىق ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ، شۇنداقلا باشقىمۇ ئالىملارنىڭ، شائىرلارنىڭ، ژۇرنالىستلارنىڭ ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. كىتابنىڭ كىرىش قىسمىنى يازغان ئاكادېمىك ئابدۇۋەلى قايداروف غ. سەدۋاقاسوفنى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ پېشۋاسى دەپ كۆرسىتىپ، مۇنداق دېگەن: «غوجەخمەتنىڭ تىنىمسىز ئەمگەك-ئەجرى بەدىلىگە ۋۇجۇدقا كەلگەن ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ دەسلەپكى ئىلمىي مەكتىپى بولغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېپىلىپ قېلىشى ئىلىمنىڭ ھەقىقىي جانكۆيەرى-غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئارىمىزدا يوقلۇقىدىن دەپ بىلىمەن. ئېلىگە، خەلقىگە خىزمەت قىلىپ، پەرزەنتلىك پەرزىنى ئاقلىيالىغان ئەزىمەتنىڭ ئەل يادىدا مەڭگۈ ساقلىنىشىمۇ، ئۇ توغرىلىق ئۆمۈر داستانىنىڭ يېزىلىشىمۇ قانۇنىدۇر».
يىغىن ئاخىرىدا سۆزگە چىققان ئاكادېمىك غ. سەدۋاقاسوفنىڭ رەپىقىسى ئوماق ھەسانوۋا غ. سەدۋاقاسوفنىڭ ھەقىقىي ئالىمغا خاس قابىلىيەتلىرى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى ھەم كەلگەن بارلىق مېھمانلارغا ئۆز رەھمىتىنى ئىزھار قىلدى.
ئوماق ھەسانوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «غوجەخمەت تۈگەپ، ئۇنىڭ ئارخىپىدا چېچىلىپ ياتقان ماتېرىياللارنى يىغىپ، تۆت توم قىلىپ تەييارلىدىم. ئۇنىڭغا مەن بىلەن بىللە ئىشلىگەن بالىلارمۇ قاراشتى. ئاندىن ئوتتۇز يىل بۇرۇن يېزىلىپ كەتكەن ئىملا لۇغىتى بار ئىدى، شۇنى چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلدىم. كىتابنى 70 مىڭ سۆزلۈك قىلىپ چىقاردۇق».
ئو. ھاسانوۋانىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئىملا لۇغىتى جۇمھۇرىيەتلىك ۋە شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن 500 نۇسخىدا نەشر قىلىنغان ئىدى. ئۇ غ. سەدۋاقاسوف ئەسەرلىرىنىڭ 6-تومىغا يۇقىرىدا ئاتالغان ماتېرىياللاردىن تاشقىرى، مەرھۇمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئالغان مۇكاپاتلىرىنىڭ، كۆپلىگەن رەسىملەرنىڭ بېرىلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە باغلىق ماتېرىياللارنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۆرلېئۇ» مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف غ. سەدۋاقاسوفنىڭ 1929-يىلى ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كېلىپ، 1953-يىلدىن باشلاپ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئىلمىي خادىم لاۋازىمىدا ئىشلەشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «غ. سەدۋاقاسوف ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى تاماملاپ، دەسلەپتە ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بۆلۈمىدە ئىشلىدى، ئاندىن قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىنى باشقۇردى. ئۇ، 1972-يىلى، دوكتورلۇق ئىشىنى ئۇتۇقلۇق ياقىلاپ، 1975-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر-ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. غوجەخمەت ئاكا 1986-يىلدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە، يەنى 1991-يىلنىڭ نويابىر ئېيىغىچە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە ئىلمىي كادىرلارنى تەربىيىلەش ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، يىرىك تەشكىلاتچى سۈپىتىدە قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ چەتئەل ئىلمىي مەركەزلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سالماقلىق تۆھپە قوشتى. ئاكادېمىك غ. سەدۋاقاسوف دەسلەپكىلەردىن بولۇپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى سىستېمىغا سېلىپ، ئىملا قائىدىلىرى بىلەن ئىملا لۇغىتىنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئىلمىي ئاساستا ئىشلەپ چىقتى. ئۇ ئىلمىي پائالىيەتتىن تاشقىرى، جەمئىيەتلىك ئىشلارغىمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. غوجەخمەت ئاكا دەسلەپكىلەردىن بولۇپ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىنى باشقۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەشكىلاتچانلىق تالانتىنى نامايىش قىلغان ئىدى".
ر. ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، غ. سەدۋاقاسوفنىڭ ئەمگەكلىرى ئىچىدىن «پەرغانە ۋادىسى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى» ناملىق ئىككى قىسىمدىن ئىبارەت ئەمگىكى پەرغانە ۋادىسىغا قىلىنغان بىر نەچچە ئېكىسپېدىتسىيەسى نەتىجىسىدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇ چۇقان ۋەلىخانوف نامىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ گرافىكىسى بىلەن ئىملاسى» ناملىق كىتابلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
ئاكادېمىك غ. سەدۋاقاسوف ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى شارائىتىدا راۋاجلىنىش مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويۇش يۆنىلىشىدە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى.
ر. ئارزىيېف مۇنداق دېدى: «غوجەخمەت ئاكا سەدۋاقاسوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ سەكسەنىنچى يىللىرى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەت باغلاش مۇمكىنچىلىكى پەيدا بولغاندىن باشلاپ، شوئار دىكى ئۇيغۇرشۇناسلار بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشتى. قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئاساسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىل يېزىق كومىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشتى. نەتىجىدە ئۈرۈمچى ۋە ئالمۇتادىكى ئالىملار ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئورتاق لايىھىلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە بولدى. ئامما بۇ پائالىيەتلەر ئالىمنىڭ ۋاپاتى، كېيىنرەك ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنتىقلىق داۋامىنى ئېلىپ بارالمىدى».
ر. ئارزىيېف شۇنداقلا غ. سەدۋاقاسوفنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر تىلچىلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىگە ناھايىتى دىققەت بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق بىر ياخشى ئىلمىي نەتىجىلىرىگە دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئىملا ۋە ئاتالغۇ جەھەتتىن بىرلىككە كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەم ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا شۇ يۆنىلىشتىكى پائالىيەتلەرنى بەلگىلىگەن ئىدى.