سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتمىگەن «ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومىدىكى ئۇچۇرلار (6)

0:00 / 0:00

ستالىن: ئۇيغۇرلار كۈرەشچان خەلق ئىكەن

1950-يىلى، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى موسكۋادا «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالىنىشتىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن «شىنجاڭ»، يەنى ئۇيغۇرلار دىيارى ئارىسىدا رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇشقا ئائىت مەخسۇس ئىككى ئايرىم كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئىمزالاش ئېشىپ قالدى.

ماۋ زېدوڭ ۋە جۇ ئېنلەي باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىقلارغا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىككى شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش ۋەزىپىسىنى يۈكلەپ، 1950-يىلى 17-فېۋرال كۈنى بېيجىڭغا قايتىش ئالدىدا ستالىن ئۇلارغا ئۇزىتىش زىياپىتى بەرگەن بولۇپ، ستالىننىڭ بۇ تارىخىي زىياپىتىگە سەيپىدىن ئەزىزمۇ قاتناشتى. سەيپىدىن ئەزىز ستالىننىڭ بۇ زىياپىتىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەيدۇ. زىياپەتتە، ستالىن، ئەنە شۇ سوۋېت رەھبەرلىرى ۋە ماۋ زېدوڭ، جۇ ئېنلەي قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى ئالدىدا سەيپىدىن ئەزىز ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش نۇقتىسىدىن سەيپىدىن ئەزىزگە «مەن سىزنى بىلىمەن» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ شۇنىڭدەك ئۇنى قەدەھكە تەكلىپ قىلىدۇ. ستالىن سەيپىدىن ئەزىزگە: «ئۇيغۇر خەلقى كۈرەشچان خەلق ئىكەن» دەيدۇ.

سەيپىدىن ئەزىز ئۆزىنىڭ ستالىن بىلەن بولغان دىيالوگىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ ستالىننىڭ بۇ سۆزىگە جاۋابەن: «‹مەن قەيەردە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە كۈرەش بولىدىكەن، ئېزىلگەن خەلقلەر كۈرەشچان بولۇشى تەبىئىي› دېدىم. ستالىن كۈلۈپ، ‹گېپىڭىز توغرا، ئەمدى يولداش ماۋ زېدوڭ بار، ئۇيغۇرلار ئېزىلمەيدۇ› دېدى. ھەممە كۈلۈشتى، مەن ‹بۇنىڭدا ھېچقانداق مەسىلە يوق، ئەمدى ئۇيغۇرلار خاتىرجەم›دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ستالىن ئالدىدىكى چوڭ رۇمكىغا يېرىم قويۇلغان شامپانسكىينىڭ ئۈستىگە يەنە شامپانسكىينى تولدۇرۇپ، ماڭا ‹گەمبېي› دېدى. ستالىن خەنزۇچە ‹گەمبېي› دېگەن سۆزنى ئۆگىنىۋاپتىكەن. مەن رەھمەت دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ستالىن سۇنغان باقالغا سوقۇشتۇرۇپ ئازراق ئىچىپ، رەھمەت دەپ ئولتۇرماقچى بولغانىدىم، ستالىن ئولتۇرۇشقا قويمىدى. ‹گەمبېي› دەپ تۇرۇۋالدى. ماۋ جۇشى ‹گەن جىئۇ گەنما› (ئىچسىڭىز ئىچىۋېتىڭ) دېدى. مەن كۈچىنىپ ئىچىۋەتتىم. يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ كەتتى»، دەپ بايان قىلىدۇ.

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى ماۋ زېدوڭ كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن چاتاق يوقلۇقىنى سورايدۇ، ئارقىدىن ئاندرېي ۋىشىنسكىي ئۇنى ياندىكى ئايرىم ئۆيدە دەم ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بىراق، سەيپىدىن ئەزىز داۋاملىق ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، سەيپىدىن ئەزىز شۇ كۈنى ستالىننىڭ زىياپىتىگە ۋە ستالىن بىلەن ماۋنىڭ 6 سائەتلەرچە داۋاملاشقان پاراڭلىرىغا تولۇق داخىل بولىدۇ.

ستالىننىڭ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇزىتىپ قويۇش زىياپىتى ۋە زىياپەتتە ستالىننىڭ سەيپىدىن ئەزىزگە ئۇيغۇر خەلقى ھەققىدە ئېيتقان بۇ سۆزلىرى ھەققىدە ئەلۋەتتە، سەيپىدىن ئەزىزنىڭ مەزكۇر خاتىرىلىرىدىن باشقا ھېچقانداق باشقا بىرەر ھۆججەت يوق. شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى رولى ۋە ئورنى ھەقىقەتەن مۇھىم ئەمما، بۇ ھەقتە شۇنىڭدەك سەيپىدىن ئەزىزنىڭ شۇ قېتىمقى موسكۋا زىيارىتى ھەققىدە يەنە باشقا مەنبەلەردىنمۇ ئىزدىنىش زۆرۈردۇر.

سەيپىدىن ئەزىز ئۆزىنىڭ ستالىن بىلەن بولغان بۇ كۆرۈشۈشىدىن ۋە ئۆزىنىڭ سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاشقا قاتناشقانلىقىدىن ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ ھەم ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭنىڭ ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئۇ؛ ستالىن ھەققىدە: «ستالىن ئۇ بىر ماركس، ئادەتتىكى ماركس ئەمەس، نامدا ئۇلۇغ ماركس، لېكىن خاتالىقى ئېغىر بولغان ماركس» دەپ، ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ، ئەمما ماۋ زېدوڭغا بولسا: «يولداش ماۋ زېدوڭ يالغۇز جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ داھىيسى بولۇپلا قالماستىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ھەم دۇنيادا ھۆرمەتكە ئىگە بولغان ئۇلۇغ داھىي» دەپ باھا بېرىدۇ.

ۋەھالەنكى، ستالىن ئۆزى ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆزى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىز ئۆزى 1944-1946-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مائارىپ مىنىستىرى بولغان ۋە ستالىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن قانداق چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى بولغان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئەپەندى 2003-يىلى ھايات ۋاقتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ستالىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرىنى باشتا قوللاپ، ياردەم بېرىپ ئاخىرىدا ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتكەنلىكىنى ئاچچىق بىلەن تەكىتلىگەنىدى. ئۇ: «ستالىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مېيى بىلەن ئۆز گۆشىنى قورۇدى، ئۇ بىزنى ئالداپ، ئاخىرىدا ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتتى، ئاخىرىدا بىزگە ماۋ زېدوڭنى ئەكېلىپ بەردى، بىزنى خىتاينىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردى» دەيدۇ.

1950-يىلى، 14-فېۋرال كۈنى، «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق، ئىتتىپاقداشلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ بولۇپ، ماۋ زېدوڭ قاتارلىقلار قايتىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، سەيپىدىن ئەزىز باشچىلىقىدىكى ئۆمەك بىلەن سوۋېت مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي گرومىكو باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا سوۋېت-خىتاي رەڭلىك مېتال ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇشقا ئائىت سۆھبەت يەنە داۋاملىشىپ، لايىھەلەر مۇزاكىرە قىلىندى. سۆھبەتلەر بىر يېرىم ئايغا سوزۇلغاندىن كېيىن، يەنى 1950-يىلى، 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخىرى «شىنجاڭدا سوۋېت-خىتاي رەڭلىك مېتال ۋە كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىم» بىلەن «شىنجاڭدا سوۋېت-خىتاي نېفىت ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىم» دىن ئىبارەت ئىككى كېلىشىم ئىمزالىنىپ، خىتاي تەرەپتىن سەيپىدىن ئەزىز ئىمزا قويىدۇ. ئۇلار سوۋېت تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە 30 يىللىق مۆھلەتكە ماقۇل بولىدۇ.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ستالىن، ۋىشىنسكىي قاتارلىق سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ سەيپىدىن ئەزىزگە يۇقىرى ھۆرمەت كۆرسىتىشىنىڭ تۈپ مەقسىتى سەيپىدىن ئەزىزنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەكىلى، يەنى ئۆزىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى 1944-يىلىدىن باشلانغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرگەنلىكى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يەر ئاستى بايلىقلىرى شەرتنامىسىنى ئىمزالىغۇچى شەخس بولۇشى ئىدى.

ئەنە شۇ رەڭلىك مېتال ۋە نېفىت شىركىتى كېلىشىم بويىچە، ئىككى تەرەپ 50 % بويىچە تەڭ پايدا ئېلىش نىشانلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولغانىدى. بىراق، 1954-يىلى خرۇشېف تەختكە چىقىپ، بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا ستالىننىڭ مەزكۇر كېلىشىملىرىنى بىكار قىلىپ، لۈشۈن پورتى، ئىككى شىركەتنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. مەزكۇر كېلىشىملەردىن ئەمەلىيەتتە ماۋ زېدوڭ ئىچىدە قاتتىق نارازى بولغان بولۇپ، ئۇ ستالىننى شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ يېرىم كولونىيەسىگە ئايلاندۇرۇۋالدى، زورلۇق بىلەن ئۆز تەسىرىنى تىكلىدى دەپ خاپا بولغان. ئۇ 1957-يىلى، ئۆزىنىڭ بۇ نارازىلىقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىسى بىلەن بولغان سۆھبەتتە كۆرسەتكەن.