«يۈكسەك مۇختارىيەت چۈشى» نىڭ بەربات بولۇشى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.04.22
sheng-shisey.jpg 1933-يىلدىن 1944-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان لياۋنىڭلىق خىتاي شېڭ شىسەي.
en.wikipedia.org

1930-يىللاردىكى بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يوق قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرىدىن خوجا نىياز ھاجى باشلىق بىر قىسىم رەھبىرىي شەخسلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى شېڭ شىسەي رەھبەرلىك قىلغان ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايون بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدىكى شېڭ شىسەينىڭ 12 يىلغا سوزۇلغان يەرلىك ھاكىمىيىتى مەۋجۇت بولدى. بۇ جەرياندا خىتاي مەركىزىي ھاكىمىيىتىدە شېڭ شىسەيگە قارشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى پىكىرلەر كۈچەيدى.

مانا شۇ جەرياندا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى چوڭچىڭغا شېڭ شىسەيگە قارشى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىدىيەدىكى ۋە شۇ تەرغىباتلار بىلەن شۇغۇللانغان ئەيسا ئالىپتېكىن، مەسئۇد سەبىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق بىر توپ ئۇيغۇر رەھبىرىي شەخسلىرى ۋە مىللەتچىلىرىنى توپلاپ، ئۇلارغا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن تۈرلۈك ھوقۇق سالاھىيەتلىرىنى بەردى.

بۇ ئۇيغۇر رەھبەرلىرى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ» سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، يۈكسەك مۇختارىيەت ھوقۇقى ئېلىش ئەنە شۇنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

1945-يىلى 8-ئايلاردا مەسئۇد سەبىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا ئەپەندى، قادىر، ئىسمائىل قاتارلىقلارنىڭ ئىمزاسى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە رەسمىي شەكىلدە «شىنجاڭغا يۈكسەك مۇختارىيەت بېرىش» تەلەپ لايىھەسى سۇنۇلغان. «تەيۋەن تارىخ سارىيى» دا مەزكۇر تەلەپ لايىھەسىنىڭ تولۇق خىتايچە نۇسخىسى ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، لايىھە خىتاي مەمۇرىي پالاتاسىغا بېرىلگەندىن كېيىن ئىچكى سىياسەت مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

تۈركىيەدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۈچ ئەپەندى يۈكسەك مۇختارىيەت تەلىپىدىن باشقا يەنە «شىنجاڭ» دېگەن نامنى تۈركىستانغا ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەلەپلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئۈچ ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل تەلەپلىرىنى 1944-1949-يىللىرىغىچە ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىچكى سىياسەت مىنىستىرلىقى ئۈچ ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭغا يۈكسەك مۇختارىيەت بېرىش لايىھەسى» تاپشۇرۇۋېلىنىش بىلەن تەڭ مەخسۇس بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىن 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىلغان. بۇ يىغىنغا ھەربىي قوماندانلىق، ھەربىي سىياسىي ئىشلار ئورگانلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، موڭغۇل-تىبەت كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە قاتناشتى. «مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا يۈكسەك مۇختارىيەت بېرىش تەلەپ لايىھەسى ھەققىدىكى مۇزاكىرە يىغىنى» دەپ ئاتالغان بۇ ئىچكى يىغىندا «شىنجاڭغا ھەرگىز يۈكسەك مۇختارىيەت بەرمەسلىك» قارار قىلىنغان.

يۈكسەك مۇختارىيەت بېرىش مەسىلىسىدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئاكتىپ ئىنكار قىلغان ئورگان ئىدى.

ھەتتا 1946-يىلى 2-سېنتەبىر كۈنى شاڭخەيدىكى «ۋېنخۇي گېزىتى» مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، «مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسا، قادىر قاتارلىقلار يۈكسەك مۇختارىيەت تەلەپ قىلدى، ئۇلار قارىماققا مەركەزگە بويسۇنغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاستىرتىن ئىلى بىلەن بىرلىشىۋالغان» دەپ يازدى. گېزىتتە يەنە «يۈكسەك مۇختارىيەت بېرىلگەندە، خەنزۇلار چەتكە قېقىلىپ ئىككىنچى تاشقى موڭغۇلىيە بولىدۇ» دېيىلگەن. يۈكسەك مۇختارىيەت مەسىلىسى 1946-يىلى 11-12-ئايلاردا نەنجىڭدە ئېچىلغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىمۇ يەنە بىر قېتىم رەسمىي لايىھە شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تاران ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىممۇ خىتاي رەھبەرلىرى تۈرلۈك باھانە ۋە ئۇسۇللار بىلەن بۇ تەلەپ لايىھەسىنى رەت قىلىۋەتكەن.

ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە، ئۈچ ئەپەندى قاتارلىقلار شۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي شارائىتقا ۋە ۋەزىيەتكە ئاساسەن بۇ خىل يۈكسەك مۇختارىيەتنى ئالدى بىلەن قولغا كەلتۈرۈش ئىدىيەسىدە بولغان بولۇپ، ئىككىنچى قەدەم مۇستەقىللىق ئىدى.

ئومۇمەن، جاڭ كەيشى باشچىلىقىدىكى خىتاي رەھبەرلىرى باشتىن-ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك مۇختارىيەت تەلىپىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قارشى ئالغاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنى قەتئىي رەت قىلغان ھەم ئۇلارغا مۇنداق بىر يۈكسەك ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىشنى ئويلاشمىغان.

تولۇق تەپسىلاتىنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.