تارىخ ۋە بۈگۈن (4‏-مارت)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا 20-ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ھەربىي قوماندانلىرىدىن بىرى سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىگە ئائىت ئۇچۇرلار، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئۇيغۇر-تۈرك مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى» ناملىق رومانىدا ئەسكى ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي بايانلار بىلەن تونۇشىسىلەر .

0:00 / 0:00

20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرىدىن بىرى، 1930-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ جەڭچىسى، 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قابىل ھەربىي قوماندانلىرىدىن بىرى، پولكوۋنىك سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ « بىز كەچكەن كېچىكلەر» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسى 2010-يىلى، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئەسەرنىڭ بىردىنلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزغىنلىق قوزغىغانلىقى، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ھەمدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى تۇشمۇ-تۇشتىن ئېلان قىلىنغان ئىنكاسلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.

سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ « بىز كەچكەن كېچىكلەر» ناملىق ئەسلىمىسى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي -ئىجتىمائىي ھاياتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي يادرو قىلغان خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇرەككەپ سىياسىي، مىللىي ،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى چۈشىنىشتە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تارىخچىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە .

ھەقىقەتەن، 1931-يىلى، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلار باشلىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ئاددىي جەڭچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان سوپاخۇن سوۋۇروف شېڭ شىسەينىڭ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرۈش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي-سىياسىي ۋەقەلەرگە قاتنىشىش، تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاش يوللارنى ياساش، شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مىللىي روتىنى باشلاپ، ئوسمان ئىسلام قوماندانلىقىدىكى قازاق قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن مەجبۇرىي جەڭ قىلىش شۇنىڭدەك شىخو-جىڭ لىنىيىسىگە ئەۋەتىلىپ، گومىنداڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىش ھەرىكەتلىرىدە ئارقا سەپ قوشۇنىلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرۇشتەك بىر قاتار مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك قىسىمى، ئۇنىڭ بىر روتا ئەسكىرىنى باشلاپ، ئىسيان كۆتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرىگە، ئايلىنىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋە قوشۇنى بىلەن سوقۇش قىلىش يولىنى تاللىۋالغانلىقىدۇر. سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك قىسىمى دەل مانا مۇشۇ 4 يىللىق مۇساپە بولسا كېرەك . ئۇ ، ئاددىي جەڭچىدىن ئاخىرىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ پولكوۋنىكىلىك دەرىجىسىگە يېتىپ، تېكەس ئاتلىق پولكىغا قوماندانلىق قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ھەربىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى شۇنىڭدەك خۇلاسىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ «بىز كەچكەن كېچىكلەر »ناملىق ئەسىرى 496 بەت بولۇپ، ئەسەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ، مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈشىگىچە بولغان قىسمىغا بېغىشلانغان. بىراق، ئۇنىڭ 1945-يىلى، 6-ئايدىن 1949-يىلى 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەربىي ھاياتى، بولۇپمۇ كىشىلەر ئەڭ قىزىققان ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت تەپسىلاتلار ئازراق يېزىلغان. بۇ ئەمەلىيەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى ئەڭ كۆپ قىسىمى بولۇپ، كۆپلىگەن تەپسىلاتلار يورۇتۇلماي ئۆتۈپ كېتىلگەن.

سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ ئەسلىمىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلابقا بولغان ئارىلىشىشى، سوۋېت ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى قاتارلىقلاردۇر. سوپاخۇن ئەسلىمىسىدە زاكىر قاتارلىق بىر قىسىم سوۋېت مەسلىھەتچىلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، قوماندانلىق شىتابىدىكى سوۋېتلىك رۇس ئوفىتسېرلار ئۇنىڭغا ئانچە ياخشى تەسىرات قالدۇرمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاقسۇغا چۈشكەن زاكىر ۋە ئىسكەندەر دېگەن كىشىلەر سوپاخۇننىڭ ھاياتىدىكى ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن سوۋېتلىك ئەربابلاردۇر. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى چۈشىنىشتە مۇھىم مەنبەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
سوپاخۇن سوۋۇروف، 1915-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ، 2001-يىلى، 86 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان

ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى
ئەركىن تارىم

ئاناتولىيىدىكى تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى قەدىمىي تارىخقا ئىگە. تارىخىي مەنبەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللار بىلەن بىرلىكتە ئاناتولىيىگە كېلىپ بەگ ۋە ۋالىغا ئوخشاش بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەللەرنى ئىجرا قىلغانلىقى يېزىلغان. ھەتتا بۇ ئۇيغۇرلار قەيسەرى، كونيا قاتارلىق يەرلەرگە جايلاشتۇرۇلغان.
تارىخ كىتابلىرىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مەمەت خاننىڭ ئۇيغۇر تىلىدا پەرمان تارقاتقانلىقى ھەتتا ئوسمانلى ئوردىسىدا ئۇيغۇر تىلى كۇرسى ئاچقانلىقىمۇ يېزىلغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى بەك قەدىمىي تارىخقا ئىگە. بۇ ھەقتە ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ئوسمانلى بىلەن جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى» تېمىسىدا ماقالە يېزىپ تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلغان ئىدى. بىز بۈگۈنكى تارىخ ۋە بۈگۈن پروگراممىمىزدا بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن بۇ ماقالىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىتىمىز.

زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى » (9)
ئۇمىدۋار

مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدى ئۆز ھاياتىدا بىر قانچە تارىخىي رومانلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان.
بۇلارنىڭ ئارىسىدا « يىللار سىرى» ئالاھىدە ۋەكىل خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇ رومان ئاساسلىقى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ھاياتىغا بېغىشلانغان.
زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى » ناملىق رومانىنىڭ بۈگۈن ئاڭلىتىدىغان قىسمىدا ، گېنېرال ماھمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردە شېڭ شىسەيگە قارشى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم ھەمراھلىرىنى باشلاپ، چەتئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىغا ئائىت تارىخىي ۋەقەلەر بەدىئىي ئۇسۇل بىلەن بايان قىلىنىدۇ.