«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2012-يىلى 21-ئۆكتەبىر)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىنىڭ 21-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى قىسمىدا دىققىتىڭلارغا 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرۇلغان ئۇيغۇر قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جەددىچىلىك ھەرىكىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ھەمدە 1970-يىللاردىكى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت ئانالىز ۋە باشقا مەزمۇنلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.

0:00 / 0:00

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ تەقدىرى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا سوۋېت رۇسىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلاردىن قىزىل ئارمىيە قوشۇنى قۇرۇپ، ئۇلارنى «سوۋېت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش»، «باسمىچىلارنى تازىلاش» دېگەندەك شوئارلار ئاستىدا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قوزغالغان كەڭ كۆلەملىك مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە كوممۇنىستلارغا قارشى ئاق گۋاردىيە قوشۇنلىرىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش يولىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش يولىدا ئىشلەتكەن ئىدى. ئەمما ئابدۇللا روزىباقىيېف باشلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى بۇ چاغدا سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىگە ياردەم بېرىش شوئارىغا ئىشىنىپ، بۇ كۈرەشكە ئاتلانغان بولسىمۇ، بىراق سوۋېت ھۆكۈمىتى كېيىن بۇ نىيىتىدىن يېنىۋالغان ھەمدە ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى تارقىتىۋەتكەن.

1917-يىلى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتى تىكلىنىشكە باشلىدى. 1917-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مۇستاپا چوقاي قاتارلىق تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قوقەنت شەھىرىگە جەم بولۇپ، قۇرۇلتاي چاقىرىپ، تۈركىستان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنى قۇردى. بۇلاردىن باشقا يەنە تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا مۇنەۋۋەر قارى قاتارلىق ئۆزبېك مىللەتپەرۋەر جەدىتلىرىنىڭ «شورائىي ئىسلامىيە» ناملىق تەشكىلاتى مەۋجۇت بولۇپ، مۇستاپا چوقاينىڭ قوقەنت مۇختارىيىتى ۋە «شورائىي ئىسلامىيە» بىردەك ھالدا چوڭ رۇس شوۋىنىزم ئىدىيىسى كۈچلۈك بولغان رۇس كوممۇنىستلىرى قۇرغان خەلق نازىرلار كېڭىشى نامىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمىدى.

سابىق تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى، پروفېسسور ئەخەد ئەندىجانىنىڭ «تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەشلەر» ماۋزۇلۇق كىتابىدا قەيت قىلىنىشىچە، 1918-يىلى، تاشكەنتنى مەركەز قىلغان كوممۇنىستلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى زور قوشۇن ئەۋەتىپ، قۇرۇلغىنىغا 60 كۈن بولغان تۈركىستان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. قىزىل ئارمىيە قوقەنت شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت رەئىسى مۇستاپا چوقاي ۋە باشقا مىنىستىرلارنىڭ بىر قىسمى باشقا جايلارغا قېچىپ كەتتى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق كۈرەش ئەۋج ئالغان بولۇپ، بۇ كۈرەش تاكى 1931-يىلىغىچە داۋاملاشتى. بىراق، سوۋېت ھۆكۈمىتى تاكى 1991-يىلىغىچە بولغان 70 يىل جەريانىدا مەزكۇر قوزغىلاڭچىلارنى «باسمىچىلار» دەپ قارىلاپ تەشۋىق قىلغان ئىدى.

سوۋېت ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ قوراللىق قارشىلىقلارنى باستۇرۇش يولىدا يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىم ئۇيغۇر ئاتلىق پولكى ، ئاتلىق دىۋىزىيونى ۋە ئاتلىق ئېسكادرونى قاتارلىق قوشۇنلارنى قۇردى. بۇلاردىن باشقا يەنە تۇڭگانلاردىنمۇ ئايرىم تۇڭگان ئاتلىق پولكى قۇردى، كېيىن ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان پولكىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پولك قىلىپ، ئۇلارنى پەرغانە ۋادىسى ۋە بۇخارادىكى مەدەمىنبېك، ئىبرايىمبېك ۋە ئەنۋەر پاشا قاتارلىقلار رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا سالدى. 1922-يىلى، ئىش تامام بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر قوشۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن ئىدى.

جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تارقىلىشى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم

جەدىتچىلىك، يەنى يېڭىلىق ھەرىكىتى ھەققىدە تۈركىيىدە كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپىدە جەدىتچىلىك، يەنى يېڭىلىق ھەرىكىتىنىڭ غەربىي تۈركىستانغا تارقىلىشى ۋە تەسىرى بايان قىلىنغان.

يېقىندىن بېرى جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تارقىلىشى ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلماقتا. جەدىتچىلىك ھەرىكىتى قاچان نېمە مەقسەت بىلەن باشلانغان؟ ئۇيغۇر دىيارىغا قاچان قانداق تارقالغان؟ جەدىتچىلىك ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نىكسون بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ مەخپىي كېلىشىمى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق ھاجى قادىرى

سابىق ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىدە خىزمەت قىلغان، ھەربىي ئىستراتېگىيىسى مۇتەخەسسىسى ھيودو نىسوھاچىنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان «بېيجىڭ تىنچ ئوكيانغا ھۆكۈمرانلىق قىلالامدۇ؟» دېگەن كىتابىدا نىكسون بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ ئەينى يىللاردا تۈزۈشكەن مەخپىي كېلىشىملىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ مەزكۇر كېلىشىمنى ئاپتور كىتابىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ:

«ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون 1968-يىلى سايلامدا سايلىنىپ، 1972-يىلى قايتا سايلامدا غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن، كۈچلۈك ھەربىي، ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇش، ۋىيېتنام ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قەسەم قىلغان. ئەمما ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشتىن بىزار بولغان ئىدى. 1969-يىلى سوۋېت-خىتاي ئۇرۇشىدا، خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقى خەۋىرى نىكسونغا يەتكۈزۈلدى.بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇش ئويىدا بولغان ۋە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت باغلىسا، ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بولىدىغانلىقىنى پەملەپ، 1969-يىلى سوۋېت بىلەن سۆھبەتلەشتى. بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئاتوم بومبىسى ياساۋاتقان خىتاي، ئەگەر ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولسا، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەھدىت ئىدى. شۇڭا سوۋىئەت ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن مەخپىي سۆھبەتلەشتى. خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى ماۋ زېدوڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى بەك خالاپ كەتمەيتتى. چۈنكى خىتاي ئاجىز دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايتتى. 1970-يىلى 4-ئايدا خىتاي تۇنجى راكىتاسىنى قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي كۈچلۈك دۆلەتلەرگە سىگنال بەردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون خىتاينىڭ راكېتا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن سۆھبەتلەشتى.1971-يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مەخپىي كېلىشىم ئىمزالىدى. يەنى مەخپىي كېلىشىمدە ئىمزالانغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت. بىرىنچى ئۆز-ئارا ئاتوم بومبىسى ئۇرۇشى قىلماسلىق. ئىككىنچى ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى قوللىماسلىق. ھەتتا خىتاي <شەرق شامىلى 3>ناملىق ئاتوم بومبىسىنى توكيوغا قارىتىپ قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما، نىكسون بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. ماۋ زېدوڭ نىكسونغا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە تۇپراقلىرىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلسا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ياپونىيەدە ھاۋا بازىسى تۇرغۇزماسلىق تەكلىپىنى ۋە ياپونىيىگە ئاتوم بومبىسى تېخنىكىسىنى ئېلىپ بارماسلىقىنى تەكىتلىگەن بۇ كېلىشىملەرگە پەقەتلا نىكسون بىلەن ماۋ زېدوڭ قول قويۇشقان مەخپىي كېلىشىملەر ئىدى.»

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ،پروفېسسورى نىشىخارا ئەپەندىم ۋە گېرمانىيىلىك پروفېسسور بۇلما ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. نىشىھارا ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەينى يىللاردا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بۇ شەرتنامىلار خىتاي ئۈچۈن مەخپىي بولغىنى بىلەن ياپونىيە ئۈچۈن ھېچقانداق مەخپىيەتلىكى يوق. چۈنكى بۇ شەرتنامىنىڭ مەزمۇنىدىن ئامېرىكا تەرەپ ياپونىيىنى تولۇق خەۋەردار قىلغان ۋە بۇ شەرتنامىدىكى ياپونىيىگە ئائىت مەسىلىلەردە ئامېرىكا ھېچ بىرسىگە ئەمەل قىلغىنى يوق. مەسىلىلەرنى تىنچ ئوكياندا ياپونىيىنىڭ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشىنى قوللىماسلىق ۋە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە ھەربىي بازا قۇرماسلىق دېگەن كېلىشىملەر پەقەتلا قەغەز يۈزىدىكى كېلىشىملەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا ئامېرىكا ئەمەل قىلغىنى يوق. ھازىر ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە ھەربىي بازىلىرى بار.

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرتنامىسىگە ئاساسەن مەزكۇر رايوندا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرسە، ئامېرىكا قول تىقىپ ئارىلىشىش مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى بۇ <ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرتنامىسى>ئىنىڭ 5-ماددىسىدا دېيىلگەن. شۇنداقلا 1977-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتى ئىزچىل تۈردە ئېنىق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.»

گېرمانىيىلىك پروفېسسور بۇلما ئەپەندىم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ كېلىشىملەر تۈزۈلگەن بىلەن لېكىن ئامېرىكا يەنىلا ياپونىيىنى كۈچلەندۈرۈپ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتايدىن ئىبارەت كوممۇنىست دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. شۇڭا بۇ كېلىشىملەر پەقەتلا دىپلوماتىك ئويۇنلاردىن ئىبارەت.»