«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2012-يىلى 28-ئۆكتەبىر)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزدە تۆۋەندىكى پروگراممىلار بېرىلىدۇ. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ 1919-1921-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى پىلان قىلىپ، كېيىن بۇ پىلاننى ئەمەلدىن تولدۇرۇۋەتكەنلىكىگە ئائىت مەلۇماتلار. ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە تارىخچى ۋە مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۇمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئىجادىي ھاياتى ھەم كىملىكى توغرىسىدا تەييارلانغان ئىنكاسلار (ئاۋازدا) 1934-1937-يىللىرى ئارىسىدا ما خۇشەننىڭ خوتەندە توپلىغان ئالتۇنلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت تارىخى مەلۇماتلار ھەمدە مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ «ئىستەك ۋە تىلەك» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى نەشرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە باشقىلار. 1917-يىلى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىن لېنىن رۇسىيىسى قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر ئېلىگە قەدەر كېڭەيتىشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق 1921-يىلى، گراژدانلار ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە دىپلوماتىيىلىك مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى قوللىماسلىقنى قارار قىلغان ئىدى. قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش لايىھىسىنى رۇدزۇتاك ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق لېنىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى. موسكۋانىڭ بۇ پىلانى ھەققىدە يالقۇن پروگرامما تەييارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.10.28
telman-baratog-mesimjan-zulpiqarof-zerip-molotof-305.jpg سۈرەتتە: ئالماتادا كۆرنەكلىك مەرىپەتچى ھېنىپاخۇن باراتوفنى خاتىرىلەش پاالىيىتىدە، (سولدىن ئوڭغا) تەلمان باراتوف، مەسىمجان زۇلپىقاروف، زەرىپ مولوتوف. 2012-يىلى ئاپرېل، ئالماتا.
RFA/Oyghan

«ئىستەك ۋە قىسمەت» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى

داڭلىق يازغۇچى زىيا سەمەدى يازغان «ئىستەك ۋە قىسمەت» ناملىق ئەسەر سلاۋىيان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا ئاغدۇرۇلۇپ نەشر قىلىندى. ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب كىرىش سۆزدىن باشقا ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى قىسىمدا خۇنىخاي مازار، خۇنىخاي، ياركەنت، غۇلجا، زامان ئۆزگەردى، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى، ئۈچ خۇشاللىق، ئۆزگىرىشلەر، غەرب ۋە سەنەم، 12-ئاپرېل بايرىمى، دەريا بويى سەيلىسى، پالاكەتنىڭ باشلىنىشى قاتارلىق تېمىلار بايان قىلىنغان. ئىككىنچى قىسىمدا تەقىب، ئۈچىنچى قىسىمدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب، قوزغىلاڭ ھارپىسىدا، غۇلجا قوزغالدى قاتارلىق تېمىلار بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئىزاھ قىسمى كىرگۈزۈلگەن.

داڭلىق يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ «ئىستەك ۋە قىسمەت» ماۋزۇلۇق مەزكۇر كىتابى يازغۇچىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى يېزىلغان بولۇپ، تولۇق تاماملانمىغان. شەپقەتسىز ئەجەل ئۇنىڭ ئۇشبۇ كىتابىنى تولۇق يېزىپ پۈتتۈرۈشتەك ئاخىرقى ئارزۇ تىلىكىنى بىللە ئېلىپ كەتكەن. بۇ كىتابتا ئەدىبنىڭ ئۆزى تۇغۇلغان قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە ئۆتكەن بالىلىق ۋە ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى، ئۇيغۇرلارغا خاس خىسلەت-پەزىلەتلىرى، تىلەك-ئارمانلىرى ۋە ۋەتىنى ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ ئەمەلگە ئاشۇرغان خىزمەت پائالىيەتلىرى، كۈرەش يوللىرى، تارتقان دەھشەتلىك قىسمەتلىرى ئەمەلىي دەلىل ئىسپاتلار بىلەن بايان قىلىنغان. يازغۇچىنىڭ بۇ كىتابى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن مۇھىم قىممەتكە ئىگە تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاغدۇرغان جېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

رۇس بولشىۋىكلىرىنىڭ «قەشقەرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى»، «جۇڭغارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش پىلانى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كوممۇنىزم پاجىئەسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن تەييارلىدى

خىتايچە چىقىدىغان «ئىستراتېگىيە»، «خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى» قاتارلىق تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە «قەشقەرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» ۋە «جۇڭغارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما لېنىن باشچىلىق قىلغان رۇس بولشىۋىكلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان. نەتىجىدە رۇس بولشېۋىكلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى باشتىن -ئاخىر قوللىماسلىقتەك پاجىئەلىك نەتىجە كېلىپ چىققان.

1917-يىلى رۇس بولشېۋىكلىرى رۇسىيە تەۋەسىدە غەلىبە قىلىپ، 1919-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى. ئەينى چاغدا رۇسىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان قىزىل ئارمىيە تەركىبىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىمۇ بولغان. ئالماتادا تەشكىللەنگەن سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئۇيغۇر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىمۇ 1500 يەتكەن. شۇڭا رۇسىيىدە قۇرۇلغان خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى بۇ ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالدى بىلەن ئىنقىلابى تەشكىلات قۇرۇشنى، ئاندىن ئىنقىلابى پارتىيە قۇرۇشنى ئويلىغان. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى پىلانىدا 1923-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنقىلابچىلارنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلتىيى ئېچىشنى ۋە يىغىن خىراجىتى ئۈچۈن 50 مىڭ روبلىي ئاجرىتىشنى قارار قىلغان.بىراق بۇ يىغىن كېيىن ئەمەلىيلەشمىگەن. 1919-يىلى كۈزدە رۇس بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتى تۈركىستانغا تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىدۇ.كېيىنچە بۇ ۋەكىللەرنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان كومىتېت 1920-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان مۇھىم بىر ئورگانغا ئايلىنىدۇ. 1921-يىلى خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ شەرق بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە «قەشقەر سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» ۋە «جۇڭغارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.بىراق بۇ تەكلىپ رۇس بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا چىچېرىن قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ، لېنىنمۇ قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ پىكرىنى قوللايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار سوۋېت دىپلوماتىيە ۋەكىللىرى ۋە تاشقى سودا ۋەكىللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ.

ئۇلارنىڭ يۇقىرىغا يوللىغان دوكلاتلىرىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ:
«قەشقەردە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنى قوزغاش شۇنچە ئاسان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىدىغان ئىجتىمائىي كۈچنى بىر يولغا كىرگۈزۈش ناھايىتى قىيىندۇر. قەشقەر خەلقى نادان بولۇپ، باشقا دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ. ئۇلار تېخىچە پاترىخاللىق ئۇرۇقداشلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يەردە غەربچە مەنىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي قاتلامنىڭ بىخلىرى ئەمدىلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان سىنىپىي ئاڭ بىلەن ئېپى كېلىشمەيدۇ. ئالدىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، پانتۈركىزمچە مىللىي ئىنقىلابنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانى يالغۇز خىتايلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزمۇ ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئۇبىكتىسى.شۇڭا بىز شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، قەشقەر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنقىلابىغا بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ياردىمىمىزنى توختىتىپ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قۇلدارلىرى بولغان خىتايلارغا ياردەمدە بولۇشىمىز كېرەك.»

يۇقىرىدىكى دوكلاتقا ئاساسەن رۇس بولشېۋىكلىرى ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولساق، خىتاي بىلەن بولغان تاشقى مۇناسىۋىتىمىز زىيانغا ئۇچراپ خىتايلارنىڭ ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تەشۋىقات كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا خىتايلارغا ياردەمدە بولۇش يەنىلا مۇۋاپىق دەپ قارىغان.

1927-يىلى رۇس بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى دوكلات ئالاھىدە قاراپ چىقىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قارار ماقۇللىنىدۇ:

1. رۇس بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈمى ئادەم نامزاتىنى بەلگىلەيدۇ. خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇيغۇر خادىم ئەۋەتىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
2. دۆلەتلىك سىياسىي قوغداش بۆلۈمى ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن قورال سودىسى قىلىشنى ھەمدە ئۇيغۇر قوراللىق خادىملىرىنىڭ چېگرا ئاتلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشىنى قەتئىي توسىدۇ.
3. قازاقىستاننىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلىي خادىملىرىنىڭ ئەھۋالىنى يېڭىدىن تەكشۈرۈپ چىقىدۇ ۋە ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىشى چەكلىنىدۇ.
4. ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىن بۆلىدىغان ۋە بۆلۈنۈشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەرگە يول قويۇلمايدۇ. بولشېۋىك ئۇيغۇرلارنىڭ، قىزىل ئارمىيە تەركىبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە سوۋېتتا ياسالغان قوراللارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېرىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.

گەرچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئېلىنى خەلقئارالىق تاشقى مۇناسىۋەتتىكى مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە «قەشقەرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» ۋە «جۇڭغارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنى چەكلەيدۇ ۋە ئۆز چېگراسى ئىچىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېكلەردىن پايدىلىنىپ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيسى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەمەت ئابلانى زىيارەت قىلدۇق.

ئەمەلىيەتتە خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ نىزامنامىسى ۋە شوئارى ئېزىلگەن مىللەتلەرنى قۇللۇق ۋە ئېزىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇلارنى ئازاد قىلىپ، ئۆزىگە خوجا بولغان ئەركىن ھاكىمىيەت قۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بولسىمۇ، لېكىن سوۋېت بولشىۋىكلىرىنى مەركەز قىلغان خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى 30-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئىنقىلابى كۈرەشلەرنى قەتئىي قوللىمىغان، ئەكسىچە ئۇلارنى قانلىق باستۇرغان. ئۇلارنىڭ لېنىن باشچىلىقىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد رەھبەرلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىق سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ 40-يىللاردا ئېلىپ بارغان ئىنقىلابى كۈرەشلىرىنى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەندۈردى. تارىخىي پاكىتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار يېقىنقى زامان تارىخىدا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىگە ئالدانغان ۋە ئۇنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان خەلقتۇر.

1934-1937-يىلى، ما خۇشەن خوتەننى ئىدارە قىلىش جەريانىدا زور مىقداردا ئالتۇن توپلىغان ئىدى. 1937-يىلى، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ما خۇشەننى يوقاتقاندىن كېيىن ئۇ بىر قىسىم ئالتۇنلارنى ئېلىپ ھىندىستانغا قاچتى،شۇنىڭدىن كىيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئالتۇنلىرىنى مۇسادىرە قىلدى ۋە خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا «تۇڭگان ئالتۇنى» زىددىيىتى كېتىپ چىقتى. بۇ ھەقتە قۇتلان پروگرامما تەييارلىدى.

خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدا تالاشتا قالغان «تۇڭگان ئالتۇنى» ۋەقەسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930-يىللاردىكى تارىخىغا دائىر بىر قىسىم ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ بىر-بىرلەپ ئاشكارىلىنىشى سىر ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بەزى تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ ئىچ يۈزىنى جامائەتچىلىككە ئېچىپ بەرمەكتە. ئەنە ئاشۇ تارىخىي سىرلارنىڭ بىرى 1937-يىلىدىن 1943-يىلىغىچە بولغان 6 يىل جەريانىدا خىتاي بىلەن ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تالاشتا قالغان «تۇڭگان ئالتۇنى» ۋەقەسىدۇر.

1934-1937-يىللىرى ئارىلىقىدا خوتەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە «تۇڭگان ئالتۇنى» ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىلىتارىست-ما خۇشەن
1934-1937-يىللىرى ئارىلىقىدا خوتەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە «تۇڭگان ئالتۇنى» ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىلىتارىست-ما خۇشەن
RFA/Qutlan

مەلۇمكى، 1937-يىلى ئاپرېلدا گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلەر 6-دېۋىزىيىسى ئابدۇنىياز كامالنىڭ قوماندانلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. خوتەندە پۇرسەت كۈتۈپ ياتقان ماخۇسەن قول ئاستىدىكى تۇڭگان دېۋىزىيىسىنى باشلاپ ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە شېڭ شىسەيگە قارشى جازا يۈرۈشىگە ئاتلىنىدۇ. قىيىن ئەھۋالدا قالغان شېڭ شىسەي ئىككىنچى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ھەربىي ياردەم سورايدۇ. شۇ يىلى 9-ئايدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى چېگرادىن كىرىپ ئابدۇنىياز كامال بىلەن ما خۇسەن قوشۇنلىرىغا قارىتا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغايدۇ. ئايروپىلان ۋە تانكىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئابدۇنىياز كامال بىلەن ما خۇسەننىڭ قوشۇنلىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا تارمار قىلىدۇ. ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىگە پايدىسىزلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ما خۇسەن خوتەن خەلقىنى قانچە يىللاردىن بۇيان قان يىغلىتىپ توپلىغان ئالتۇن-كۆمۈشلىرىنى 40 قېچىرغا ئارتىپ شەيدۇللا ئېغىزى ئارقىلىق ھىندىستانغا قاچىدۇ.

ئەنگلىيە ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما خۇسەن ئېلىپ ماڭغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئىككى تۈركۈمدە ھىندىستان چېگراسىغا ئېلىپ كېلىنگەن. بىر تۈركۈمىنى ما خۇسەن ئۆز يېقىنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ ماڭغان بولۇپ، ھىندىستان ئۆلچىمى بويىچە 3100 تولا، يەنى 36 كىلوگرام ساپ ئالتۇن تاموژنا تىزىمىغا ئېلىنغان، يەنە بىر تۈركۈمىنى ما خۇسەننىڭ 6 نەپەر تۇڭگان ئوفىتسېرى ئېلىپ ماڭغان بولۇپ، جەمئىي 11019 تولا، يەنى 128 كىلوگرام ساپ ئالتۇن تاموژنا تىزىمىغا ئېلىنغان. بۇلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 165 كىلوگرام ساپ ئالتۇن ھىندىستان چېگراسىغا ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇندىن باشقا زور ھەجىمدىكى يىپەك، ئىپار، قاشتېشى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملارمۇ بىللە ئېلىپ مېڭىلغان. ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا پونكىتى ماخۇسەن ئېلىپ قاچقان بۇ زور ھەجىمدىكى ئالتۇنلارنى مۇسادىرە قىلىپ، ئومۇمىي قىممىتىنى ئۆز دەۋرىدىكى ھىندىستان پۇلى بويىچە 469 مىڭ رۇپىيە دەپ بېكىتكەن ھەمدە ئۇلارنى كەشمىردىكى دۆلەت خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

1937-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىمۇ ما خۇسەن ئېلىپ ماڭغان زور ھەجىمدىكى ئالتۇننىڭ ئۇچۇرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى 200 كىلوگرام دەپ بېكىتكەن. ئەگەردە بۇ زور ھەجىملىك ئالتۇننىڭ قىممىتىنى بۈگۈنكى ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا ئون نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدۇ.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ما خۇسەن ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئادەملىرىنىڭ ھەر بىرىگە پەقەت 1000 رۇپىيە قىممىتىدىكى ئالتۇننى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىشقا رۇخسەت قىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشى ئۈچۈن 20 مىڭ رۇپىيە قىممىتىدىكى ئالتۇننى تۇرمۇش راسخوتى سۈپىتىدە تەستىقلىغان. قالغان زور مىقداردىكى ئالتۇنلار مۇسادىرە قىلىنىپ «تۇڭگان ئالتۇنى» دېگەن مەخسۇس ھېساب نومۇرى بىلەن بانكىغا ساقلاشقا بېرىلگەن.

خوتەن خەلقىنى بۇلاپ-تالاپ يىغقان بۇ زور مىقداردىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن ئايرىلىپ قالغان ما خۇسەن، ئامالسىز نەنجىڭگە بېرىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. جياڭ جيېشى دەرھال كالكۇتتادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئالتۇنلارنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىگە «مۇستەقىل پادىشاھ» بولۇپ مىنىپ ياتقان شىڭ شىسەيمۇ قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىغا نوتا تاپشۇرۇپ بۇ ئالتۇنلارنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ «تۇڭگان ئالتۇنى» نامى بىلەن كەشمىردىكى ھىندىستان دۆلەت خەزىنىسىدە توڭلىتىلغان بۇ ئالتۇنلار ئەنگلىيە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ھەمدە شىڭ شىسەيدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئارىسىدا تالاشتا قالىدۇ.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى زور مىقداردىكى بۇ ئالتۇنلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق شىڭ شىسەي تەختكە چىقىشى بىلەنلا ئۆزلىرىنىڭ قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەسىر دائىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ. شۇڭا ئەنگلىيە بۇ ئالتۇنلارنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئەمەس، بەلكى شىڭ شىسەيگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كرىزىسقا پېتىپ قالغان ئۇيغۇر ئېلى دىپلوماتىيىسىنى ئوڭشىماقچى بولىدۇ. لېكىن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، مۇسادىرە قىلىنغان ئالتۇنلارنى چوقۇم خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى قەتئىي تۈردە تەلەپ قىلىدۇ. شېڭ شىسەي بۇ ئالتۇنلارغا خېلى كۆزى قىزارغان بولسىمۇ، لېكىن دىپلوماتىيە ۋە تاشقى سىياسەتكە تاقىشىدىغان بۇ نازۇك مەسىلىدە نەنجىڭ بىلەن داۋاملىق تىركىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئاتالمىش «تۇڭگان ئالتۇنى» نى كوزېر قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۆزى يەتمىگەندىن كېيىن، بۇ ئالتۇنلارنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە يېڭى لايىھە تۈزۈپ چىقىپ، بۇ ئالتۇنلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنىڭ چارىسىنى قىلىدۇ.

«تۇڭگان ئالتۇنى» نىڭ تالاش-تارتىشى 6 يىلغا يېقىن داۋاملىشىپ، 1943-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە، ئەنگلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئاندىن بۇ ھەقتىكى ئاخىرقى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ قاراردا ئەنگلىيە تەرەپ 1934-يىلى فېۋرالدا تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى داۋامىدا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى يارىدار قىلىنغان ئەنگلىيە كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن ئەنگلىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ خۇن ھەققىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. ئاندىن 1937-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقتا ما خۇسەن ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان ئەنگلىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا ما خۇسەن بىلەن بىللە ھىندىستانغا قاچقان 84 نەپەر تۇڭگاننىڭ ھىندىستاندا تۇرغان مەزگىلىدىكى تۇرمۇش چىقىمى، ھەجگە بېرىش پۇلى ھەمدە ئىچكى خىتايغا يېتىپ بارغۇچە بولغان يول پۇلى قاتارلىق چىقىملارنى نەقلەشتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ما خۇسەن ئېلىپ قاچقان 165 كىلوگرامدىن 200 كىلوگىرامچە ئالتۇندىن پەقەت 66 مىڭ رۇپىيە قىممىتىدىكى ئازغىنە ئالتۇن ئاخىرى خىتاينىڭ كالكۇتتادىكى ئەلچىخانىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. خىتاي 6 يىل تالىشىپ ئاران قولغا چۈشۈرگەن بۇ ئالتۇنلار ئۆز دەۋرىدە ما خۇسەن ئېلىپ ماڭغان ئالتۇنلارنىڭ پەقەتلا يەتتىدىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. قالغان مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەنگلىيە تەرەپ تۇتۇپ قالىدۇ.

ئەنگلىيە ئارخىپلىرىدا «تۇڭگان ئالتۇنى» دەپ ئاتالغان زور مىقداردىكى بۇ ئالتۇنلار راستىنىلا تۇڭگانلارنىڭ مال-مۈلكىمۇ؟ ھەربىي دىكتاتور ۋە مىلىتارىست ما خۇسەن بۇ ئالتۇنلارنى قانداق قولغا چۈشۈرگەن؟ چەتئەلگە ئېلىپ قېچىلغان بۇ بايلىقلار ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقى، بولۇپمۇ خوتەن خەلقى قانچىلىك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن؟ بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى قۇربانجان مۇداش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.