«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2012-يىلى 4-نويابىر)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 4-نويابىردىكى قىسمىدا دىققىتىڭلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر» ئېتنىك نامى ئاستىدا قۇرۇلغان ئاممىۋى-سىياسىي جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇر» مىللىي نامى ئاستىدا تۇنجى تەشكىلات «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» 1919-يىلى، 2-فېۋرالدا ئالمۇتا شەھىرىدە ئابدۇللا روزىباقىيېف باشلىق 9 ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. ئابدۇللا روزىباقىيېف باشلىق مەزكۇر «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ئەزالىرى يەتتەسۇدىكى ئىلى ۋادىسىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئارىسىدا مەدەنىيەت-مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى تېزدىن كۆپىيىپ، 200 گە يەتكەن ھەمدە كۆپ جايلاردا تارماقلىرى قۇرۇلغان.

ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنى تارانچى ۋە قەشقەرلىك دەپ ئاتاپ يۈرگەن خەلقلەرنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، مانا ئەمدى بۇ ناملارنى تاشلاپ، ئورتاق ئۇيغۇر نامى ئاستىغا توپلىنىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن. ئىككى نەپەر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 ئادەمدىن تەركىب تاپقان بۇ جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، 2 يىلدىن كېيىن، يەنى 1921-يىلى 3-9-ئىيۇن كۈنلىرىدىكى تاشكەنت قۇرۇلتىيىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە «ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نىڭ قۇرۇلۇشىدا ھەمدە ئۇيغۇر نامىنىڭ قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە ھەم تۈركىستاندىكى ئالتەشەھەرلىك ۋە ياكى قەشقەرلىك، تارانچى دەپ ئاتالغان خەلقلەرنىڭ ئورتاق مىللىي نامى ئىكەنلىكىنىڭ بېكىتىلىشىگە ئاساس بولغان ئىدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭلار.