«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزدە تۆۋەندىكى پروگراممىلار بېرىلىدۇ. رۇس تارىخچىسى ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ يېڭى كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ 34 - سۇلتانى ئابدۇلھەمىد خاننىڭ پائالىيەتلىرى ۋە سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، تۇڭگان پولكىنىڭ ئوفىتسېرى ئىبرايىم ياۋاخۇنوفنىڭ جىڭ ئۇرۇشى ۋە تۇڭگان پولكىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنىڭ داۋامى ھەم باشقىلار.
رۇس تارىخچىسىنىڭ كىتابى: «يوقالغان غايىۋى دۇنيا. شىنجاڭدىكى رۇسلارنىڭ تارىخى»
ئۇمىدۋار
رۇس تارىخچىسى، قازاقىستاندا ياشايدىغان ژۇرنالىست ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت ئۈچىنچى كىتابى «يوقالغان غايىۋى دۇنيا. شىنجاڭدىكى رۇسلارنىڭ تارىخى» ئۆتكەن يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى.
بۇ كىتابتا 20 - ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئورۇن ئالغان. 654 بەتلىك مەزكۇر كىتاب رۇس تارىخچىسى ۋادىم ئوبۇخوۋ تەرىپىدىن رۇسىيىدە نەشىر قىلىنغان كىتابلار ۋە تۈرلۈك ژۇرناللار ھەم ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە رۇسلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە ئائىت ئەسەرلەر ئاساس قىلىنىپ يېزىلغان.
گەرچە ئاپتور كەسپىي تارىخچى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسەتلىرى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا تەتقىقات قىلغان مۇتەخەسسىس بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ۋە ژۇرنالىستىك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، رۇسلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قالدۇرغان ئىزلىرىنى قىزىقارلىق ھەم جەلپ قىلارلىق شەكىلدە، ئىلمىي ئاممىباب ئۇسلۇبتا يېزىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالىغان.
ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ بۇ كىتابىدا سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدىن تاكى 1950 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي - سىياسىي، بىخەتەرلىك پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان.
كىتابتا 20 - 30 - يىللار ۋەقەلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن
كىتابتا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا قېچىپ كەلگەن رۇس گېنېراللىرىدىن دۇتوۋ، ئاننېنكوۋ ۋە باكىچ قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى رۇس قاچاقلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.
كىتابتىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سوۋېتلەرگە قارشى ئاقلارنىڭ گېنېراللىرىدىن دۇتوۋ، باكىچ ۋە ئاننېنكوۋ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە 50 مىڭ ئەتراپىدا ئوفىتسېر - ئەسكەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى باشلاپ، ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي تەۋەلىرىگە قېچىپ كەلگەن. ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ مەزكۇر ئاق گۋاردىيىچىلەر قوشۇنلىرىنى يوقىتىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
ياڭ زېڭشىن بىلەن تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن 1920 - يىلىدىكى ئىلى كېلىشىمى ۋە 1921 - يىلىدىكى كېلىشىم بويىچە قىزىل ئارمىيە چۆچەكتىن كىرىپ، باكىچ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلغان، ئاتامان دۇتوۋ 1921 - يىلى، سۈيدۈڭ شەھىرىدە سوۋېت ھەربىي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاپتور ۋادىم ئوبۇخوۋ ئاتامان دۇتوۋنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرگەن سوۋېت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر جاسۇسى ماخمۇت غوجامياروفنىڭ ئاتامان دۇتوۋنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي بايان قىلغان.
ئاپتور ۋادىم ئوبۇخوۋ كىتابىدا 1930 - يىللاردا ستالىننىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرى ۋە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ما جۇڭيىڭ ھەم ماھمۇت مۇھىتى قوشۇنلىرىنى يوقىتىش، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ۋە شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، سوۋېتپەرەس ئۆلكە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا رول ئوينىغان سوۋېت ھەربىي - سىياسىي خادىملىرى جۈملىدىن جاسۇسلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ.
ئاپتورنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرى رۇس تارىخچىسى، پروفېسسور ئاناتولىي بارمىننىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ 1918 - 1941 - يىللىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابى ھەم تارىخشۇناسلاردىن يېلېنا نازېمسەۋا، بورىس مويسېيېۋ، پاۋېل ئاپتېكار قاتارلىقلارنىڭ ئارخىپلار ئاساسىدا يازغان كىتاب ۋە ماقالىلىرىدىن كەلگەن. بىراق، ئاپتور بۇ مەنبەلەرنى رەسمىي قائىدە بويىچە كۆرسەتمىگەن.
كىتابتا 1944 - 1949 - يىللار ۋەقەلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن
كىتابتا يەنە 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى دەۋرىدىكى رۇسلار ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى 2 - دومدا تۇرۇشلۇق گېنېراللىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئاق رۇسلاردىن پالېنوۋ، لېسكىن، ماژاروۋ، موگۇتنوۋ ۋە باشقىلارنىڭ ئەھۋاللىرى بايان قىلىنىدۇ. ئاپتور بۇ رۇسلارنى ئوخشاشلا سوۋېت بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ ئادەملىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ.
ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ بۇ كىتابىدىكى مەزكۇر مەلۇماتلار ئىلىم دۇنياسى ۋە مەتبۇئاتلارغا ئاللىقاچان ئاشكارىلىنىپ بولۇنغان مەسىلىلەر بولۇپ، ئاپتور بۇ ۋەقەلەر ھەم كىشىلەرنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا قايتا تەسۋىرلىگەن خالاس.
ئەمما، بۇ كىتابلارنى ئوقىغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى، ئا.كامالوف ۋە باشقىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئوبۇخوۋ ئۆز كىتابىدا رۇسلارنىڭ رولىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلەپ، قانداقتۇر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەقدىرىنى پەقەت رۇسلارلا بىر تەرەپ قىلغاندەك كۆرسەتكەن.1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىمۇ خۇددى رۇسلارلا قىلغاندەك، رۇسلار ھەممە ھوقۇقلارنى تۇتقاندەك كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىدىن بىخەۋەر رۇس ۋە باشقا مىللەت ئوقۇرمەنلىرىگە خۇددى مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقىلارنىڭ ھېچقانداق رولى بولمىغاندەك چۈشەنچە بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ تارىخىي رەئاللىققىمۇ ئۇيغۇن ئەمەستۇر.
ۋادىم ئوبۇخوۋ ئىلگىرى «ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىشىشى»، «بېرىياغا كېرەك بولغان ئۇران» قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئاممىباب ئەسەرلەردۇر. بىراق، بۇ كىتابلار رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى قىزىقىشىنى قوزغاشتا ئەھمىيەتلىك دەپ قارالماقتا. ئەمما، رۇس ئاكادېمىيىلىك تارىخشۇناسلىق ساھەسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدا ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىلمىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارىمايدىكەن.
تۇڭگان خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئىبراھىم ياۋاخۇنوفنىڭ
1944 - 1949 - يىللار ئەسلىمىلىرى
ئويغان تەييارلىدى
قازاقىستان كۆپ مىللەتلىك مەملىكەتتۇر. ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەر خىل خەلقلەر ۋەكىللىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە. تۇڭگانلار ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلماقتا. باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، مىللىي سەنئىتىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى راۋاجلاندۇرماقتا. تۇڭگانلار ئاساسىي جەھەتتىن 19 - ئەسىرنىڭ ئاياقلىرىدا، ئاندىن 20 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ھازىرقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىن كۆچۈپ چىققان بولۇپ، قازاقىستاندا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشتا، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى يىللىرى فاشىزمغا قارشى كۈرەشتە، ئۇرۇشتىن كېيىن ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە زور قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. قازاقىستانغا كېلىپ ئورۇنلاشقان تۇڭگانلار ئىچىدە بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەۋج ئالغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە يۇرت - جامائەتچىلىك ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولماقتا.
ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، داڭلىق تۇڭگان ئاتلىق پولكىنىڭ جەڭچىسى، «ساداقەتلىك» ۋە «باھادىرلىق» ئوردېنلىرىنىڭ ساھىبى ئىبراھىم ياۋاخۇنوفتۇر. ئۇ 1925 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاينۇق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1944 - يىلى پىدائىيلار قاتارىدا ئۇرۇشقا ئاتلانغان. ئى. ياۋاخۇنوف تۇنگان پولكىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تا ئۇنىڭ تارقىتىلىشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر خىل لاۋازىملاردا خىزمەت قىلغان ھەم بىر قاتار قانلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. ئۇ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ئىدارىسىدە مەسئۇل خىزمەتلەردە بولغان.
ئى. ياۋاخۇنوف 1961 - يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئۇزاق ۋاقىت دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمگەكتىكى تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم تەقدىرلەنگەن، مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇ تۇڭگان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرۇش جەريانىدا ئاكتىپلىق كۆرسەتكەن. ئى. ياۋاخۇنوف 2008 - يىلى يورۇق كۆرگەن «تۇڭگانلار: ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابنىڭ ئاپتورى. بۇ ئەمگەكتە تۇڭگان خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىسى، مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان. ئى. ياۋاخۇنوف ھازىر 88 ياشقا كەلگەن بولۇپ، زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىنىڭ يۇرت - جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئىگىدۇر.
ئۇ, رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇش پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ تۇڭگان پولكىنىڭ سۆيدۈڭ، كۈرە، غۇلجا ۋە جىڭدىكى جەڭ پائالىيەتلىرىنى ئەسلىدى. ئۇ مىللىي ئارمىيە تۇڭگان پولكىنىڭ رازۋېتكا ئوفىتسېر بولغان ئىدى.
ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامنىڭ ھايات - مۇساپىسى
قۇتلۇق تەييارلىدى
بۇنىڭدىن 61 يىل ئىلگىرىكى 25 - فېۋرال كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىپ، 3يىلدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر مەيدان ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، بىر تۈركۈم كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى. ئەنە شۇ قېتىم ئېتىپ تاشلانغانلارنىڭ ئارىسىدا 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن دىنىي ۋە پەننىي ساھە بويىچە تەڭ يېتىشىپ چىققان ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللاممۇ بار ئىدى.
25 - فېۋرال كۈنى ئېتىپ تاشلانغانلارنىڭ ئارىسىدا تۈركىيىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن يەنە بىر ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى، جۇرنالىست قۇربان قودايمۇ بار ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىشىلەرنى «ئەكسىل ئىنقىلابچى» «پان ئىسلامىست، پانتۈركىست» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغان ھەم ھازىرمۇ ئۇلارنى شۇنداق ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى ۋە نامايەندىلىرى سۈپىتىدە ئىزچىل ئەسلەپ كەلمەكتە.
20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزىنىڭ مول بىلىمى، ئۆزگىچە تەپەككۇرى، يېڭىچە ئىسلامىي قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر ئەدەبىياتچى، تارىخچى ۋە دىنىي زات ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامدۇر.
20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن كېيىن يەنى 1984 - يىلى مىسىردىكى ئەل - ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تۇنجى قېتىم ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا بارغان ئۇيغۇرلاردىن، ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىم ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامنىڭ ھاياتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامنىڭ ئىنىسى ئابلىمىت مەخسۇمنىڭ بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللار توپلىمىنىڭ 4 - سانىدىكى ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابلىز ھوشۇر بولۇپ،1906 - يىلى 1 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ يېڭىسار يېزىسىدا موللا ھوشۇر داموللا ھاجىم دېگەن دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام باشلانغۇچ دىنىي ساۋاقلارنى ئۆز يۇرتى بۈگۈر ۋە كۇچارلاردا ئالغان. كېيىنچە قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئوقۇپ،«داموللا» ئۇنۋانىنى ئالغان.1925 - يىلى ھىندىستانغا بېرىپ ئۇ يەردىكى مەدىرىسلەردە بىر يىلغا يېقىن ئىلىم ئۆگىنىپ،1926 - يىلىدا مىسىرغا يېتىپ بارغان. ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم - تەھسىل قىلغان ۋە 1934 - يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، دىنىي ئالىملارنىڭ خەلقئارالىق مۇنازىرىسىگە قاتنىشىپ، مۇنازىرىدە چىڭگىزخان داموللام ئۈستۈنلۈك قازانغانلىقى ئۈچۈن، مىسىر پادىشاھى فارۇخ ئۇنى: سەن ئىلىم دۇنياسىنى بويسۇندۇرغان «چىڭگىزخان» ئىكەنسەن دەپ ئالاھىدە ماختىغان ئىكەن. شۇندىن بۇيان ئابدۇلئەزىز داموللام «چىڭگىزخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان، ئۇ بىلىمىنىڭ ئالاھىدە چوڭقۇرلۇقى،نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ناتىقلىق سەنئىتى بىلەن كامالەتكە يەتكەن دىنىي ئالىم بولۇپ، ئەرەبچە،فارىسچە ۋە ئوردۇچە تىللاردا مۇكەممەل دىنىي زات ئىدى.
ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام،مىسىر ئارقىلىق،1939 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ،مەككە - مەدىنىدە ھەج تاۋاپ قىلغان.ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئەسلىمە خاتىرلىرىدە، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام،مەككىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى،كېيىن مەھمۇت مۇھىتىغا ھەمرا بولۇپ، ياپونىيىگە بارغانلىقىنى قەيت قىلغان.
ئابدۇلئېزىز چىڭگىزخان داموللام،1946 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ قەشقەر خانلىق مەدرىستە مۇدەررىسلىك قىلغان. كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ تەرەپ ھاسىل قىلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلار نازارىتىگە خىزمەتكە تەيىنلەنگەن. ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام قوشۇمچە ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىن ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام 1948 - يىلى كۈزدە ئاتالمىش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ھار قايسى ناھىيىلەرنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغان.
1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ ماڭغان كىشىلەر ئابدۇلئەېزىز چىڭگىزخان داموللامنى بۈگۈردىكى ئۆيىدىن ئېلىپ، چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ بىللە ماڭغاندا. چىڭگىزخان داموللام چېگرىدىن ئۆتەلمەي قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام يەركەندە ئىككى ئاي تۇرۇپ قالغان.خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق قىسمى ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامنى يەركەندىن قەشقەرگە تۇتۇپ كېلىپ، ئۇنى ئۈچ ئايلىق دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان.
1950 - يىلى 7 - ئايدا قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىگەن.تارىخچى ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ تۈركىيە ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان «ھاياتىم ۋە كۈرەشلىرىم» ناملىق ئەسلىمە كىتابىدا دىيىلىشچە 1952 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭغا خەلق دۈشمىنى دەپ جىنايەت بېكىتىلىپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇپ ئىجرا قىلىنغان.
ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان كۈنى يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست قۇربان قوداينىڭمۇ بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە قەتلە قىلىنغانلىقى تارىخچى ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ مەزكۇر كىتابىدا بايان قىلىنغان.
ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى شان - شۆھرىتى ھەققىدە سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە خەلقارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى، ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،
ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىدىن ئەرەبچە «ئاسىيانىڭ قەلبى تۈركىستان» ۋە شېئىرىي دىۋانىدىن «ۋىجدان ئاۋازى» ناملىق ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسەرلىرى بىلەن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەشھۇردۇر.
0:00 / 0:00