تارىخ ۋە بۈگۈن (13 - ماي)

بۇ يىل ماي ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 1962 - يىلى كەڭ كۆلەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققانلىقىغا ساق 50 يىل توشتى. 1962 - يىلىدىكى كۆچ - كۆچ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 19 - ۋە 20 - ئەسىر تارىخىدىكى بىر قاتار كۆچۈشلەرنىڭ داۋامى ئىدى. 1877 - يىلى، زو زوڭتاڭ قەشقەرىيىنى بويسۇندۇرغاندا ۋە 1881 - يىلى، رۇسىيە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

20 - ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن سوۋەت ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىدىن ئىلىغا كۆچۈش دولقۇنى قوزغالغان بولسا، 1955 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈش دولقۇنى قوزغالدى. 1962 - يىلىلى، ئىلى ۋە چۆچەكتىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈش ھەم قېچىش ۋەقەسى يۈزبەردى. شۇ ۋاقىتتىكى قېچىشتا 60 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ كەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بىراق، باشقا ماتېرىياللاردا 1955 - 1962 - يىللىرى ئارىسىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت پۇقراسى پاسپورت بىلەن ھەم قېچىش ئۇسۇلى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

ئومۇمەن، 1949 - يىلى، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيگۇر ئېلىنى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى، كەڭ كۆلەمدە يۈزبەرگەن كۆچۈش ۋە ياكى قېچىشقا بۇ يىل 50 يىل توشتى. شۇ كۆچۈشكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار بۇ كۈنلەرنى ئەسلىمەكتە.

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك ناھىيىسىنىڭ قاراتورۇق يېزىسىدىكى 12 بالىنىڭ ئانىسى تۇنساخان ئانا ئەنە شۇ قېتىملىق كۆچۈشتە ئىلىدىن قازاقىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ كۆچۈش جەريانىدىكى ئەھۋاللىرىنى سۆزلەپ بەردى.