«تارىخ ۋە بۈگۈن» ( 2012 - يىلى، 7 - ئۆكتەبىر )

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - 40 - 50 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ھاياتىغا ئائىت تارىخىي مەلۇماتلاردىن تۈركىيە تارىخچىسى دوكتور ئۆمەرقۇلنىڭ تۈركىيە ئارخىپلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى، تۇڭگان 36 - دىۋىزىيىسىنىڭ خوتەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ۋەقەلەر شۇنىڭدەك 1962 - يىلىدىكى كۆچ - كۆچنىڭ ئەھۋالى ۋە باشقا مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر تارىخىي ئارخىپلىرى تەتقىقاتى ھەققىدە سۆھبەت

ئەركىن تارىم «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلىدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيىدە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار چوڭقۇرلاشماقتا. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە كۆپ ساندا ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىلىرى يېزىلغاندىن باشقا، بەزى تارىخچىلار ئۇيغۇر ئارخىپلىرىدىن پايدىلىنىپ، يېقىنقى زامان تارىخىنى يازماقتا. بۇلاردىن بىرى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى. ئۇ، ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، ئوسمان باتۇر ۋە 1933 ۋە 1944 - يىلى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدىكى ئارخىپلاردىن پايدىلىنىپ، تۈرك تىلىدا كۆپ ساندا ماقالە ۋە كىتاپ ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىم بولغىنى ئۈچ توملۇق «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ كۈرەش ئەسلىمىلىرى». بىز بۈگۈنكى تارىخ ۋە بۈگۈن پروگراممىمىزدا، دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىي ئارخىپلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مەن، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا، يەنى ئوسمان باتۇر ھەققىدە دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيەمنى يېزىشقا باشلىغاندا بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارنىڭ تولىمۇ كەم ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن 1949 - يىلى خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن تۈركىيىگە قېچىپ چىققان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئالاقىلاشتىم ۋە ئۇلار ئارقىلىق ئەڭ ئىشەنچىلىك مەنبەلەرگە ئېرىشىشكە تىرىشتىم. مەن بۇ جەرياندا رەھمەتلىك ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، ئوغلى ئەركىن ئالپتېكىن ۋە رەھمەتلىك ئارسلان ئالپتېكىن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇ تارىخىي مەنبەلەردىن پايدىلىنىش پايدىلانماسلىقىمنى سورىدىم. ئۇلار قولىدا بار پۈتۈن ماتېرىياللارنى ماڭا سۇندى.»

ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە ناھايتى مۇھىم ماتېرىياللارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«ئارخىپتىن پايدىلىنىش جەريانىدا قىممەتلىك ھۆججەتلەرنى بايقىدىم. تېخى ئاشكارىلانمىغان نۇرغۇن مەلۇماتلارنى بايقىدىم. مەسىلەن، مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقان مەسىلە، 1954 - يىلى ئەرەبىستاندا ئېچىلغان قۇرۇلتاي ھەققىدىكى ماتېرىيال بولدى. بۇ چەتئەلدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇنجى قۇرۇلتايى ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە ئەسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىئانە توپلاپ، كەشمىردە، شىرناگاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئەۋەتكەن پۇل تىزىملىكىمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، 1949 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچ - كۆچ تېراگىدىيىسىنى ئاڭلاتقان كۆپ ساندا كۈندىلىك خاتىرىلەر بار ئىدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئەسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە يازغان خەت چەكلىرى بار. ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئايالى پاتىمە خانىمنىڭ ئەسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە يازغان خېتىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇ ۋاقتىدىكى ۋەزىيىتى تولىمۇ تەپسىلىي تەسۋىرىلەنگەن. مەن ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئەسلىمىلىرىدىن شۇنى بىلدىمكى، ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان چاغدا نۇرغۇن ماتېرىياللارنى ئېلىپ كەشمىرگە چىققان بولسىمۇ، چېگىرىدا بۇ ماتېرىياللارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرىۋەتكەن ئىكەن. ئەگەر ئۇ ماتېرىياللار ساق سالامەت تۈركىيىگە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر ئېنىقلىنىپ چىققان بولاتتى. تۈركىيىدىكى ئارخىپلارنىڭ كۆپى نەشىر قىلىندى. ئەمما ھىندىستان، رۇسىيە، تەيۋەن ۋە خىتايدىكى نۇرغۇن ماتېرىياللار تېخى نەشىر قىلىنمىدى. بۇلارمۇ تەتقىق قىلىنىشى كېرەك.»

ئۆمەر قۇل ئەپەندى 1954 - يىلى ئەرەبىستاندا چاقىرىلغان ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان قارارلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنۇلارنى ئېيتتى:

«مەن بۇ قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرىنى نەشىر قىلدۇردۇم. تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۇ ۋاقىتلاردا چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ. تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇ تەكلىپكە ئاساسەن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتىيىدا مۇنداق بىر قارارنامە ماقۇللانغان. ئۇلار قارارىدا، بىز كومۇنىست خىتايغا قارىشى كۈرەش قىلىپ، كومۇنىستلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىساق، بىزگە ئەركىنلىكىمىزنى بېرەمسىلەر؟ دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قۇرۇلتاي يەنە تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى ۋەكىل قىلىپ سايلىغان. چەتئەلدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن قىلغان مۇزاكىرىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇ قۇرۇلتايدا يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قانداق قىلىپ ئاڭلىتىش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىنغان. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلىپىگە تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئېنىق جاۋاب بەرمەي، ئالدى بىلەن كومۇنىست خىتاينى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى ئاندىن بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلىشەيلى، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۆرۈشمە ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ قۇرۇلتاي تۇنجى قۇرۇلتاي بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈرەش تارىخىدا مۇھىم تارىخىي ئورۇنغا ئىگە.»

ئۆمەر قۇل ئەپەندى، ئىككىنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 1992 - يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى 1992 - يىلى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان قۇرۇلتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قۇرۇلتايى ھېسابلايدۇ. ئەسلىدە ئارخىپلار بىزگە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنجى قېتىملىق قۇرۇلتاي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىيەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«داڭلىق تارىخچىلار، پەيلاسوپلار، بىر مىللەت ئۆز تارىخىنى بىلمىسە، ئالغا باسالمايدۇ، دېگەن. بۇرۇنقى خاتالاردىن ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن، تارىخنى ياخشى بىلىش لازىم. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر ھەقىقىي تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئاساسەن دېگۈدەك غەربلىك تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قىلىنىۋاتىدۇ. كېيىنكى يىللاردا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىليىرىمۇ ئۆز تارىخىنى يېزىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئۇيغۇرلار كېلەچەكتە نېمە قىلىشىنى ئۆتمۈشتە ياراتقان تارىخلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بەلگىلىسە ئاندىن غەلبە قىلالايدۇ. كېيىنكى يىللاردا چەتئەلدە باشقا تىللاردا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى كىتاپلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرلار ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش كېرەك.»

تۇڭگان 36 - دىۋىزىيەسى ۋە ئاتالمىش «تۇڭگانىستان» نىڭ باش - ئاخىرى

قۇتلان «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلىدى

گەنسۇ، چىڭخەي ۋە نىڭشىيادىكى بۇلاڭچى تۇڭگانلاردىن تەشكىللەنگەن ما جۇڭيىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنى 1920 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا چىڭخەيدىكى چوڭ مىلىتارىست ما بۇفاڭ تەرىپىدىن تارمار قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ما جۇڭيىڭ چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى جياڭ جېشىنىڭ قوينىغا ئاتىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ما جۇڭيىنڭنىڭ تۇڭگان قوشۇنىدىن پايدىللىنىش ئۈچۈن ئۇلارغا 36 - دىۋىزىيە نامىنى بېرىدۇ. شۇندىن باشلاپ ماجۇڭيىڭ يەنە خىتاينىڭ غەربىي - شىمالىدىكى تۇڭگانلار رايونىدا قايتا باش كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ.

1931 - يىلى قۇمۇل تاغلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىنقىلابى پارتلاپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئوت - يالقۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتۇشىدۇ. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قوزىلاڭچىلارنىڭ ئوق - دورا ۋە ھەربىي تاكتىكا جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرى تۈپەيلى ئۆزلىرى بىلەن دىنداش بولغان ما جۇڭيىڭنىڭ تۇڭگان قوشۇنىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئىش چىقىش يولى ئىزدەپ يۈرگەن ما جۇڭيىڭغا يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. شۇندىن باشلاپ قەلبىگە سىياسىي قارا نىيەت پۈككەن ما جۇڭيىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب - شىمالىدا قۇيۇندەك قۇتراپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1930 - يىللاردىكى مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابلىرىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى سالدى. ئۇ خوجانىياز ھاجى باشلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي قاتارلىق خىتاي مىلىتارىستلىرىنى يوقۇتىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇيغۇر ئېلىنى بازا قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئاخىرىدا چېگراسىنى تاكى ھەرەمگىچە تۇتاشتۇرۇپ بۈيۈك بىر مۇسۇلمانلار دۆلىتى قۇرماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە پو ئاتسا، خىتاي دائىرىلىرىگە ئۆزىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلغان 36 - دىۋىزىيەنىڭ قوماندانى ئىكەنلىكىنى، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى يوقۇتۇپ ھەرۋاقىت خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغادايدىغانلىقى ھەققىدە لاپ ئۇرىدۇ.

ما جۇڭيىڭنىڭ قارا نىيىتى ۋە قۇۋلۇق - شۇملۇقلىرىنى يەتكىچە ھېس قىلغان ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ. 1934 - يىلى يانۋاردا ما جۇڭيڭنىڭ ئۈرۈمچىگە قىلغان شىددەتلىك ھۇجۇمى چېگرىدىن يوشۇرۇن كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ كۈچى بىلەن تارمار قىلىنىدۇ. مەغلۇبىيەتلىك تەقدىرگە يۈز تۇتقان ماجۇڭيىڭ قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا چېكىنىدۇ ھەمدە بارغانلا يېرىدە ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىغا ئوت ئېچىپ، بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلىدۇ. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى بىلەن شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىنىڭ تاپ بېسىپ قىلغان ھۇقۇملىرىدا جەنۇبتىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمىغان ماجۇڭيىڭ ئامالسىز 1934 - يىلىنىڭ ئىيۇن ئايلىرىدا بىرقانچە يېقىن ئادەملىرى بىلەن قەشقەردىن يوشۇرۇنچە ئايرىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى ما خۇسەننىڭ قوماندانلىقىدا خوتەنگە يۆتكىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاغىلىقنى پاسىل قىلغان ھالدا شەرقتە تاكى چارقىلىققىچە سوزۇلغان خوتەن رايونى ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ كونترۇللىقىغا، جەنۇبتا يەركەن، قەشقەردىن تارتىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلىرى شېڭ شىسەينىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ.

ما جۇڭيىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تارمار كەلتۈرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشنى تاللىۋالدى؟ ئايرۇپىلان ۋە تانكىلارنىڭ ھىمايىسى بىلەن نەچچە مىڭ ئادەمدىن تەشكىللەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موتورلاشقان قىزىل ئارمىيىسى قەشقەرگىچە قوغلاپ كەلگەن تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن تۇڭگان قوشۇنلىرىنى تولۇق يوقاتماي ئۇلارنى خوتەن بوستانلىقىغا يېڭى خوجايىن قىلپ قويىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىنقىلابى ۋە دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا قارشى چىقىپ شېڭ شىسەيدەك مىلىتارىستنى يۆلەپ تۇرغۇزغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يەنە نېمە ئۈچۈن خوتەندە ما خۇسەننىڭ تۇڭگان قوشۇنلىرىنى ساقلاپ قالدى؟

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930 - يىللاردىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان يوقۇرىقى بىر قاتار سىرلار تارىخنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

1934 - يىلى ياز بىلەن كۈزنىڭ ئارىلىقىدا سىرلىق كېلىشىملەر بويىچە خوتەنگە سۈرۈلگەن تۇڭگان 36 - دىۋىزىيەسى ما خۇسەننىڭ قوماندانلىقىدا تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بىر پارچە زېمىندا ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمىدىكى رېجىمىنى تۇرغۇزدى. 1934 - يىلى كۈزدىن 1937 - يىلى كۈزگىچە تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ خوتەن بوستانلىقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ماخۇسەننىڭ ھەربىي ھاكىمىيىتى غەرب مەنبەلىرىدە «تۇڭگانىستان»، «تۇڭگانىيە» ۋە «تۇڭگان جۇمھۇرىيىتى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى. ئۆز دەۋرىدە ما خۇسەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى خوتەننى زىيارەت قىلغان چەتئەللىكلەردىن ئەنگىلىيەلىك گىللېت، فىلچنېر، مايلارت، پېتېر فلېمىڭ، گېرمانيىەلىك ھېسسىگ ۋە ئامېرىكىلىق ئەھمەد كامال قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ پەۋقۇلئاددە ھەربىي رېجىم ھەققىدە خاتىرىلەر قالدۇردى. ۋاھالەنكى، خىتاي مەنبەلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخپىي ئارخىپلىرى تېخى ئاشكارا بولمىغاچقا ئاتالمىش «تۇڭگانىستان»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سىرلار يەنىلا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قاراڭغۇ ھالەتتە تۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىغا دائىر بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ستالىن ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرىنى خوتەندە ساقلاپ قېلىشىدا مۇنداق ئۈچ خىل سەۋەبنىڭ بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا. بىرىنچىدىن، ستالىن گەرچە شېڭ شىسەينى يۆلەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەختىگە چىقارغان ۋە سوۋېتكە مايىل ۋەزىيەتنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز دەۋرىدە ياپونىيەدە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن شېڭ شىسەيدىن يەنىلا خاتىرجەم بولالمىغان. ناۋادا شىڭ شېسەي ستالىندىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ تەرەپكە ماھىل بولۇش ئېھتېمالى كۆرۈلسە ما خۇسەننىڭ خوتەندىكى تۇڭگان ئارمىيەسىنى ئىشقا سېلىپ تاقابىل تۇرۇش پىلانى بولغان. ئىككىنچىدىن، خوجانىياز ھاجىنىڭ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوماندانلىقىدا «ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلەر 6 - دىۋىزىيەسى»نامى بىلەن قايتا رەتلىنىپ قەشقەردە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا بۇنىڭدىن شېڭ شىسەيمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئەگەر مەھمۇت مۇھىتى قايتا قوزغىلاڭ قىلىپ قالسا خوتەندىكى ما خۇسەن قىسىملىرى ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقچى بولغان. ئۈچىنچىدىن، ئەگەر ياپونىيە ئارمىيىسى لەنجودىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىش ئېھتېمالى كۆرۈلسە ما خۇسەن قوشۇنلىرىنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا سالماقچى بولغان.

مەيلى قانداقلا نۇقتىدىن بولمىسۇن، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي تەدبىر ئالغان. ئۆز دەۋرىدە «دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۈرۈشلىرىگە ياردەم قىلىمىز» دەپ جار سالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيدەك جاللاتنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا يۆلەپ تۇرغۇزۇشى، قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نى پىلان بىلەن يوقۇتۇشى، خوجانىياز ھاجى باشلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىغا چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ ئالدىشى ئاخىرىدا ئۇلارنى شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن بىر - بىرلەپ ئۆلتۈرۈشى شۇنىڭدەك ما خۇسەندەك بىر باندىتنى خوتەن خەلقىنىڭ شىللىسىغا نەچچە يىللاپ مىندۈرۈپ قويۇشتەك بىر قاتار تارىخىي رېئاللىقلار يوقۇرىقى پەرەزلەرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ماخۇسەننىڭ خوتەندىكى ھەربىي ھاكىمىيىتى قانداق ھاكىمىيەت؟ ئۇ قانداق قىلىپ ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان خوتەن بوستانلىقىنى بىر دىۋىزىيە تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالىدى؟

ئۆز دەۋرىدە خوتەننى زىيارەت قىلغان چەتئەللىكلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ما خۇسەننىڭ خوتەندىكى ھاكىمىيىتى تىپىك ھەربىي دىكتاتۇرلۇق خاراكتېرىنى ئالغان. ئۇنىڭ قول ئاستىدا 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە ئەسكەر بار بولۇپ ئاساسلىق قىسمى تۇڭگانلاردىن، قالغان قىسمى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇش بىلەن تەشكىللەنگەن. تەخمىنەن 80 پىرسەت ئەسكەرلىرى قۇراللىق، قالغانلىرى يەرلىك ئاددىي قۇراللار بىلەن قۇراللانغان ئىكەن. ھەربىي تەمىناتىنى پۈتۈنلەي خوتەن خەلقىنى بۇلاش - تالاش ھەمدە مەجبۇرىي ئالۋاڭ - سېلىق سېلىش ئارقىلىق ھەل قىلغان. ما خۇسەن دەسلەپكى يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا «گۆرۈ» ھېسابىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ما جۇڭيىڭدىن كۆرسەتمە ئېلىپ تۇرغان. كېيىنچە ما جۇڭيىڭنىڭ خەت ۋە تېلېگرامما ئارقىلىق ئەۋەتكەن پەرمانلىرىغا پىسەنت قىلماي ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەن. تۇڭگانلارنىڭ ھەربىي كۈچكە تايىنىپ خوتەندە تىكلىگەن بۇ ھاكىمىيىتىنى قانداق نامدا ئاتىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار كەمچىل. ئامما ما خۇسەننىڭ يوشۇرۇن ھالدا نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ ئالاقىلاردا بولغانلىقى، ئۆز ئەسكەرلىرىنى يەنىلا «36 - دىۋىزىيە» نامى بىلەن ئاتىغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۆز دەۋرىدە ما جۇڭيىڭ كۆڭلىگە پۈككەن سىياسىي قارانىيەتنىڭ يوشۇرۇن ھالدا ما خۇسەندىمۇ كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم. ئەھمەد كامال ئۆزىنىڭ «تەبەسسۈم يۈتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىدا 1935 - يىلىنىڭ ياز پەسلىدە ما خۇسەننىڭ ئۆزىنى خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ يەر ئاستىغا جايلاشقان خەزىنىسىگە باشلاپ كىرگەنلىكىنى، ئۇ يەردە بىرنەچچە ھارۋا توشقۇدەك ئالتۇن - كۆمۈش ۋە قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلارنىڭ بارلىقىنى، ما خۇسەننىڭ بۇ بايلىقلارغا ئامېرىكىدىن ئىلغار قۇراللار سېتىۋېلىپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلماقچى بولغانلىقىنى، ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ ھەرەمگىچە سوزۇلغان كۈچلۈك بىر مۇسۇلمانلار دۆلىتى قۇرۇش پىلانى بارلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىدۇ.

1937 - يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىگەن ما خۇسەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ شېڭ شىسەيگە قارشى جازا يۈرۈشى قوزغايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي تورغات ئېغىزى ئارقىلىق پۈتۈنلەي ماشىنىلاشقان قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى كىرگۈزىدۇ. ئايرۇپىلان، تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن قۇراللانغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ما خۇسەننىڭ تۇڭگان قىسىملىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تولۇق تارمار قىلىدۇ. شۇ يىلى كۈزدە ما خۇسەن خوتەن خەلقىدىن بۇلاپ - تالىغان ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا قاچىدۇ. ئۇنىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئىز بېسىپ قىلغان ھۇجۇملىرىدا بىتچىت بولۇپ تولۇق يوقۇتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ خوتەن خەلقىنى ئۈچ يىللاپ قان يىغلاتقان ما خۇسەننىڭ ھەربىي ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىدۇ. 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدە سىرلىق يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىققان ئاتالمىش «تۇڭگانىستان» مۇ شۇنىڭ بىلەن بەربات بولىدۇ.

1962 - يىلىدىكى ئۇيغۇر كۆچ - كۆچ ھەرىكىتىنىڭ 50 يىللىقى

قۇتلۇق «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلىدى

بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ 1962 - يىلى كەڭ كۆلەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققانلىقىغا ساق 50 يىل توشتى.بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەينى يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە خىتاي مەتبۇئاتلرىدا ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىدا تارقىتىلغان، نەشىر قىلىنغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى بۇ مۇھىم ۋەقە ھەققىدە تەھلىل ۋە مۇھاكىمىلەرنى تونۇشتۇرىمىز ۋە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بىلەن سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارىمىز.

ئەنگلىيىلىك كرىستېيىن تايلېر ئۆزىنىڭ «تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى» ناملىق ئەسىرىدە 1962 - يىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن كۆچ - كۆچ ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«خىتايدىكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ۋە ئاچارچىلىق ئاپىتى تۈپەيلى كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىقلار 1961 - يىلى ماۋ زېدوڭنى چېكىنىشكە مەجبۇرلىدى. خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە، بولۇپمۇ ئاتالمىش شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان بېسىم يېنىكلىتىلدى. چەتئەللىك مىللەتلەرنىڭ خالىسا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە قانۇن ئېلان قىلىندى. تەخمىنەن مىڭدەك ئۇيغۇر چەتئەل پۇقراسى بولۇشقا قىزىقتۇرۇلۇپ، ئارقا - ئارقىدىن چىقىپ كەتتى. نۇرغۇنى ئافغانىستانغا، بۇ يەردىن پاكىستانغا ياكى تېخىمۇ يىراقلارغا كەتتى. كېيىن 1962 - يىلى ھازىرقى زاماندىكى توپ - توپ بولۇپ سىرتقا كۆچۈش دولقۇنى بولدى. بەزى ماتېرىياللاردا تەخمىنەن يېرىم مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر،قازاق ۋە ھەتتا خىتاي كۆچمەنلەرمۇ، سوۋېتپەرەس دەپ قامىلىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئۆي - ۋاھ ۋە مال - مۈلۈكلىرىنى تاشلاپ غەربىي شىمالدىكى چېگرىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن،400 مىڭ مو يەرنى ئاق تاشلاپ قويغان».

ئۇ بايانلىرىن داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«بۇلار خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئىكەن. ئوتتۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى ۋەقەنى بايان قىلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى كۆچۈشتە پەقەتلا 60 مىڭ كىشىنىڭ سوۋېت رادىئو تەشۋىقاتىدىكى ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ۋەدىسىگە ئالدىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى مۇئاۋىن كونسۇلى تارباغاتايغا قاتناپ يۈرۈپ، سوۋېت تەرەپتە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بار 6 مىڭ قازاققا تۇغۇت كىنىشكىسى ۋە ئولتۇراقلىشىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى تارقاتقان. ئاپرىل ئېيىدىلا كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچىلار چېگرىدىن چىقىشقا باشلىدى. كېيىنكى ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى چېگرىنى تاقىغان چاغدا غۇلجىدا قالايمىقانچىلىق چىقتى. بۇ شەھەرلىك ئاپتوبۇس بېكىتىدە قورغاس چېگرىسىغا بېرىش ئۈچۈن قاتناش ساقلاپ تۇرغان يولۇچىلاردىن باشلاندى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچىلار ئاپتوبۇس بېكىتىگە زىيان سالغان، يىغىن بىناسى ۋە پارتكوم ئىشخانسىغا بېسىپ كىرىپ ئەشيالارنى ۋەيران قىلغان. قوراللىق ساقچىلارنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ،<شەرقىي تۈركىستان بىزگە تەۋە!>،<خىتايلار تۇپرىقىمىزنى ئىشغال قىلىۋالدى!>،<كومپارتىيە يوقالسۇن!>،<خىتايلارنى يوقىتايلى!> دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان. باشقا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بىر - ئىككى يۈز كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. كۆچۈش دولقۇنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان».

ئۇ، بۇ ھەقتىكى بايانىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:«341 مىڭ 500 نەپەر خىتاينىڭ ھەربىي ئەسكەرلىرىنىڭ كېلىشى بىلەن چېگرا مۇداپىئەسى كۈچەيتىلگەن. ئۇلار دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 58 دېھقانچىلىق مەيدانى بولۇپ شەكىللەنگەن.1963 - يىلى قىستا - قىستاڭ شاڭخەيدىن 100 مىڭ نەپەر ياش ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلگەن».

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەينى يىللاردىكى غەربىي شىمالدا مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە كېيىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان جياڭلۇلوڭنىڭ «ماۋ زېدوڭ دەۋىردىكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ۋە خىتايدىكى ئاچارچىلىق» ناملىق ئەسىرىنىڭ ياپونچە نەشىرىدە 1962 - يىلىدىكى كۆچ - كۆچتە غۇلجىنىڭ ئۆزىدىنلا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن 60 مىڭ كىشىنىڭ بارلىق ھويلا - ئاراملىرىنى تاشلاپ قويۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى ۋاڭلىڭ ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئەسلىمىلىرىم» دېگەن كىتابىدا، ئۆزىنىڭ 1962 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي باش قوماندانلىق شىتابىدا تەشۋىقات ۋەزىپىسى ئۆتىگەنلىكىنى بايان قىلىپ،1962 - يىلى پەقەتلا چۆچەكنىڭ ئۆزىدىنلا 20 مىڭ كىشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى،شۇ قېتىمقى ۋەقە تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەت چۆچەك ئايرودرومىنى دەرھال تاقىغانلىقىنى ۋە ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇر لۈتچۈكلەردىن تاھىر،داۋۇت ئىسىملىك ئىككى لۈتچۈكنىڭ ئايروپىلان ھەيدەش سالاھىيتىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ئايروپىلان ھەيدەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 1962 - يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈش ھەرىكىتى توغرىسىدا ھازىر ياپونىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەردىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.