تارىخ ۋە بۈگۈن (18 - نويابىر)

1944 - يىلى، 12 - نويابىردا غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر جۇمھۇرىيەت كۈنسايىن كۈچىيىپ، بارغانسېرى تاكامۇللىشىپ، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بەلگىسى، مۇنتىزىم ئارمىيىسى، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئاپپاراتى، ئىقتىسادىي، پۇل - مۇئامىلە ۋە باج شۇنىڭدەك مەدەنىي - مائارىپ قاتارلىق ھەر ساھەلەر بويىچە سىستېمىلىق دۆلەتچىلىك تۈزۈلمىسىگە ئىگە بولدى.

0:00 / 0:00


ئىلگىرى - كېيىن 26 ناھىيىنى ئازاد قىلىپ، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. مىللىي ئارمىيە ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىپ، شىمالدىكى ئىلى، چۆچەك، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى تولۇق ئازاد قىلدى. ئاقسۇ تەۋەسىدە باي ۋە كوناشەر ناھىيىلىرىنى ئازاد قىلدى. قەشقەر تەۋەسىدە تاشقورغان، قاغىلىق، قاتارلىق ناھىيىلەر ھەمدە يەركەنت ۋە قەشقەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغىچە كونتروللۇق ئاستىغا ئالدى. بىراق، 1945 - يىلى، 8 - ئايدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن دۇنيا ۋەزىيىتى ھەم خىتاي ۋەزىيىتى ئۆزگەردى، ئىتتىپاقچى دۆلەتلەر ئارىسىدا يېڭى سۈركىلىش ۋە ئىختىلاپلار مەيدانغا چىقتى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى قوللاشتىن توختاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىنى توسۇپ، ئۇنى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قىستىدى. نەتىجىدە 8 ئايلىق سۆھبەتتىن كېيىن تىنچلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئۇنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە غەرب سىياسىتىگە ماس قەدەمدە يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى.

مەلۇمكى، 1946 - يىلى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن " 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىم" نىڭ روھى بويىچە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، 1 - ئىيۇل كۈنى مەزكۇر ھۆكۈمەت رەسمىي ئىشقا كىرىشكەنلىكى جاكارلاندى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەيىنلەنگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئاپپاراتى شەكىللىنىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت مۇرەككەپ سىياسىي كۈرەشلەر ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش باسقۇچىغا كىردى.

بۇ جەرياندىكى مەسىلىلەر، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ۋە ھەم ئۇيغۇر سىياسىتى مۇھىم بىر تېمىدۇر. بۇ مەسىلە بويىچە رۇسىيە ئالىملىرى سوۋېت مەخپىي ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پروفېسسور بارمىننىڭ تەتقىقاتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەندى. ئۇنداقتا 1946 - 1947 - يىللىرىدىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولدى؟ ئۈمىدۋارنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاڭلاڭ.

1933 ۋە 1944 - يىللىرى 12 - نويابىر كۈنلىرى تارىختا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ ۋەقەلەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مەرىپەتۋەرلىرى، دىنىي ئالىملىرى ۋە زاتلىرى شۇنىڭدەك ئىلغار پىكىرلىك تىجارەتچى ھەم يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىدى. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل قاتلىمىنىڭ جۈملىدىن دىنىي ۋە مىللىي ئىدىيىلىرىنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشقان ئىدى.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا مۇھىتىلار ئائىلىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا پىداكارلىق ۋە ئۈلگىلىك رول ئوينىدى. تۇرپاننىڭ باي ئائىلىلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان مۇھىتىلار ئائىلىسى، يەنە ئاكا - ئۇكا مۇھىتىلار - مەخسۇت مۇھىتى، مۇھسۇل مۇھىتى، مەخمۇت مۇھىتى ۋە باشقىلارنىڭ ئوينىغان رولى، تاپقان مال - دۇنياسىنى ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى مىللەت يولىغا تەقدىم قىلىش روھى شۇنىڭدەك كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشتى.

مۇھىتىلار ئائىلىسى قانداق ئائىلە ئىدى؟ ئۇلار كىملەر؟ ئۇلار نېمىلەرنى قىلدى؟ مانا بۇ تېمىلار ھەققىدە قۇتلانغا دىققەت بەرگەيسىلەر.

مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى

قۇتلان پروگراممىسى

20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى داۋامىدا تۇرپان ۋە ئاتۇشتىكى ئىككى مەشھۇر ئائىلە ۋە ئۇلارنىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانلىرى ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىدى. مۇھىتىلار ئائىلىسى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى نام - ئاتىقى ئەلگە تونۇلغان ئائىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە تۇرپان ئاستانىدە ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن روناق تېپىشقا باشلىغان مۇھىت ھاجىنىڭ ئائىلىسىدە ئارقا - ئارقىدىن تۆت ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئوغۇللارنىڭ چوڭى موسۇل مۇھىتى، ئىككىنچىسى مەقسۇت مۇھىتى، ئۈچىنچىسى مەھمۇت مۇھىتى، ئەڭ كىچىكى گوسۇل مۇھىتىلار ئىدى.

موسۇل مۇھىتى چوڭ ئوغۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلىنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سودا - تىجارەت ئىشلىرىدا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئەل ئىچىدە «موسۇل باي» نامى بىلەن تونۇلىدۇ. 1930 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قۇمۇل - تۇرپان قوزغىلىڭىدا موسۇل مۇھىتى ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن ئاكتىپ رول ئويناپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. خوجانىياز ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلارنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ما جۇڭيىڭ، شېڭ شىسەي قاتارلىقلار بىلەن بولغان ۋاقىتلىق سۈلھى - توختاملىرىدا ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قۇرال سېتىۋېلىش، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئوزۇق - تۈلۈك ۋە ھەربىي تەمىناتىنى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەل قىلغۇچ روللارنى ئوينايدۇ. 1934 - يىلىدىن كېيىن مۇسۇل مۇھىتى ئۇكىسى مەھمۇت مۇھىتىغا ھەمراھ بولۇپ قەشقەردە تۇرىدۇ ھەمدە سودا - تىجارەت، ئاقارتىش ھەمدە خەيىر - ئېھسان ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. 1937 - يىلى موسۇل مۇھىتى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگىشىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىدۇ ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدا چېپىپ يۈرۈپ ۋەتەن داۋاسى ئىلىپ بارىدۇ. ئۇ 1941 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئەگەي ئۇنىۋېرسىتېتىتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

مەقسۇت مۇھىتى مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولۇپ، 1885 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇ تۆت ئوغۇل ئىچىدە بىلىمى ئەڭ چوڭقۇر، سىياسىي جەھەتتىن ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە زات بولۇپ، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە مەشھۇر جەدىدچى ھەم يېڭىلىق تەرەپدارى سۈپىتىدە تونۇلغان. مەقسۇت مۇھىتىنىڭ ھايات - پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئالىمجان ئەپەندى مۇنداق دېدى:

مەقسۇت مۇھىتى 1933 - يىلىنىڭ بېشىدا خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى تۇرپانغا ئېلىپ چىقىش ھەمدە ئىنقىلاب ئوتىنى پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە كېڭەيتىشتە يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما 1933 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى لۈكچۈن سېپىلىنى قورشاۋغا ئالغان شېڭ شىسەي قوماندانلىقىدىكى ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا ئوق تېگىپ 47 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. مەقسۇت مۇھىتىنىڭ ۋاپاتى مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابى ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز يوقۇتۇش بولىدۇ. ھەتتا ئىنقىلاب رەھبىرى خوجانىياز ھاجىممۇ مەقسۇت مۇھىتىنىڭ قانغا بويالغان جەسىدىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «سەن ئۆلگىچە مەن ئۆلسەم بولماسمىدى!» دەپ ئاھ ئۇرىدۇ.

مەھمۇت مۇھىتى مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ 1887 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇ 1930 - يىللاردىكى مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىدا مەشھۇر ھەربىي قوماندان سۈپىتىدە تونۇلغان. قۇمۇل - تۇرپاندىن تاكى قەشقەر ۋە يەركەنلەرگىچە بولغان ئۇزاق لىنىيەدە ئېلىپ بېرىلغان چوڭ - كىچىك ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلغان. 1934 - يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇرۇش توختاپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا مەھمۇت مۇھىتى جەنۇبىي شىنجاڭ گارنىزونىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى، ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلەر 6 - دىۋىزىيەسىنىڭ باشلىقى بولۇپ قەشقەرگە ئورۇنلاشقان. ئۇ تاكى 1937 - يىلىنىڭ ئاپرىل ئېيىغا قەدەر، شېڭ شىسەي بىلەن تىركىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. مەھمۇت مۇھىتى 1930 - يىللاردىكى ئىنقىلاپ يېتەكچىلىرى ئىچىدە شىڭ شىسەي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈچلىرى بىلەن ئاخىرىغىچە تىركەشكەن، ئۆز غايىسى ۋە ئىرادىسىدىن يانمىغان شۇنداقلا ئاخىرىقى تىنىقىغىچە ئۇيغۇر ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەشكەن شەخسلەردىن بولۇپ قالدى. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنمۇ ھاياتىنى ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نەنجىڭدىن ئەۋەتكەن يوقۇرى ئەمەل بېرىشنى ۋەدە قىلغان تەكلىپلىرىنى كەسكىن رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي ۋىجدانى ۋە تەۋرەنمەس مەيدانىنى ئىپادە قىلدى.

گوسۇل مۇھىتى مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى بولۇپ 1894 - يىلى تۇغۇلغان. 1930 - يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان. كېيىن تۇرپان ئاستانىغا قايتىپ مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىكىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئاكىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان يېڭى مەكتەپلەرنى كېڭەيتكەن. 1936 - يىلى شېڭ شىسەي گوسۇل مۇھىتىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرىتىپ، گۆرۈ ئورنىدا تۇتۇپ تۇرغان ھەمدە مۇشۇ ۋاسىتە ئارقىلىق مەھمۇت مۇھىتىنى ئۈرۈمچىگە كېلىشكە قىستىغان. 1937 - يىلى مەھمۇت مۇھىتى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، شېڭ شىسەي گوسۇل مۇھىتىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.

مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ تۆت نەپەر ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىدىن تۆرەلگەن كېيىنكى ئەۋلادلىرى بۇ جەمەتنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. موسۇل مۇھىتىنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇرھمان مۇھىتى 1936 - يىلى تاشكەنتتىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 6 يىل تۈرمىدە ياتىدۇ. 1944 - يىلىتۈرمىدىن چىقىپ يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ 1946 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن تۇرپان ناھىيەسىگە ھاكىم بولىدۇ. 1947 - يىلى پارتلىغان تۇرپان، توقسۇن قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچلىرى بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھايات قالغان سەپداشلىرىنى باشلاپ ئىلىغا يېتىپ بارىدۇ. غۇلجىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» ئۇنىڭ قەھرىمانلىق روھىغا يوقۇرى باھا بېرىدۇ. 1957 - يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن 47 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ نەۋرە ئوغۇللىرىدىن بولغان ئەنۋەر مۇھىتى، ئابدۇرېشىت مۇھىتى، ئابلىمىت مۇھىتى قاتارلىق ياش زىيالىلار 1930 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا شېڭ شىسەي تەرپىدىن تۈرلۈك بۆھتانلار بىلەن تۇتۇلۇپ قىيىن - قىستاق ئىچىدە ئۆلتۈرىۋېتىلىدۇ. مۇھىتىلار ئائىلىسىدىن يەنە ئىبراھىم مۇھىتى، ئابلىمىت مەقسۇدوف، رېشىت مەقسۇت قاتارلىق مائارىپچى ۋە زىيالىلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىدا مۇھىم روللارنى ئوينىدى.

«تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى» نىڭ يۈز يىلى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى

ئەركىن تارىم پروگراممىسى

تۈركىيىنىڭ شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەنمەكتە. «تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى» 1912 - يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان 100 يىل جەريانىدا تۈرك دۇنياسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغان ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى. «تۈرك ئوچاقلىرى» ئىبارىسىدىكى تۈرك ئاتالغۇسى كەڭ مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، «تۈركىي مىللەتلەر» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. «ئوچاق» ئىبارىسى بولسا «يۇرت، ئۆي»مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تۈرك ئوچاقلىرى دېگەن ئاتالغۇ «تۈركلەر يۇرتى، تۈركلەر ئۆيى» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئىدى. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھەقتە ئەركىن تارىمنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاڭلاڭ.