ئەسلىمەنىڭ مۇئەللىپى ھۈسەيىن غازى
ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر تارىخى مۇساپىلىرى، بولۇپمۇ 1933- ۋە 1944-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىخى مۇساپىلىرى رەسمىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىدىن باشقا ئاشۇ ۋەقەلەرنىڭ بىۋاسىتە قاتناشقۇچىلىرى بولغان بىر قىسىم تارىخىي شاھىتلارنىڭ قەلەملىرى ئارقىلىقمۇ خېلى يورۇتۇلۇپ، بۇ ئەسلىمىلەردىكى مەلۇماتلار دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى.
ئەلۋەتتە، 1930-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخىي شاھىتلىرىنىڭ قالدۇرغان ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، 1940-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملىرىنىڭ قالدۇرغان ئەسلىمىلىرى بىرئاز كۆپرەك. بۇنداق ئەسلىمىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدە يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردە يېزىلغانلىرى يەنىلا چەكلىكتۇر.
1955-1962-يىللىرى ئارىسىدا 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ كۆپ ساندىكى قاتناشقۇچىلىرى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپلىگەن جەڭچى ۋە ئوفىتسېرلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىپ قالغانىدى.
ئەنە شۇلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر 1991-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنقىلاب جەرياندا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى قىسقا ئەسلىمە ياكى چوڭ ھەجىملىك بەدىئىي ئەسەرلەر سۈپىتىدە يېزىپ ئېلان قىلدى. بىراق، رەسمىي ئەسلىمە شەكلىدىكى چوڭ ھەجىملىك كىتابلاردىن پەقەت شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پودپولكوۋنىكى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى باش قوماندانلىق شتابى ئوپېراتىپ بۆلۈمى باشلىقى، 1933-يىللاردىكى ۋە 1944--1949يىللاردىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئىشتىراكچىسى ھۈسەيىن غازىنىڭ 2015-يىلى بىشكەكتە نەشر قىلىنغان «مەنزىلگە يېتەلمىگەن سەپەرلەر» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسى ۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر.
قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، دوتسېنت ئەكبەرجان باۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «مەنزىلگە يېتەلمىگەن سەپەرلەر» ناملىق بۇ ئەسەر چەتئەللەردە يېزىلغان 1940-يىللار مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدىكى بىر قەدەر مۇكەممەل ئەسلىمە كىتابىدۇر. سەۋەب، بۇ كىتاب ئاشۇ ئىنقىلابتىكى مۇھىم شەخسلەردىن بىرى، يەنى مىللىي ئارمىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرى مەرھۇم ھۈسەيىن غازى تەرىپىدىن يېزىلغانىدى.
سابىق مىللىي ئارمىيە پودپولكوۋنىكى مەرھۇم ھۈسەيىن غازى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئەسلىمىسى 300 بەتكە يېقىن بولۇپ، ئەسەر ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن، يەنى بىرىنچى بۆلىكى «بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» بولۇپ، بۇنىڭدا ئاپتورنىڭ 1930-يىللاردىن تاكى 1944-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرگەن بىلگەنلىرى ۋە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاساسلىقى قىسمى، يەنى 240 نەچچە بېتى مەخسۇس 1944-يىلى ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئازاد قىلىنىشى، مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇشى شۇنىڭدەك ھۈسەيىن غازىنىڭ بىۋاسىتە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بارلىق ۋەقەلىرى، جۈملىدىن ئاقسۇغا چۈشكەن قوشۇننىڭ ئاقسۇدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، بىتىم ۋە بىتىمدىن كېيىنكى ۋەزىيەت، ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىغىچە بولغان بارلىق ئاساسىي ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان.
قازاقىستاندىكى تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ھۈسەيىن غازىغا ئوخشاش ئاشۇ ئىنقىلابقا قاتناشقان ۋە مۇھىم رەھبىرىي ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرى شۇ مەزگىل تارىخىي جەريانلىرىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوفمۇ «ئەركىنلىك ئۈچۈن» دېگەن ماۋزۇدا ئۆزىنىڭ قىسقا ئەسلىمە كىتابىنى ئېلان قىلغانىدى. ھۈسەيىن غازىنىڭ ئەسلىمىسى ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان ئەسەردۇر.
ھۈسەيىن غازىنىڭ فامىلىسى قەمبىرى بولۇپ، ئۇ ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىشىچە، ئۇ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىدىكى رەھبىرىي شەخسلەرنىڭ بىرى، «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى قاسىمجان قەمبىرى بىلەن يېقىن تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە. ھۈسەيىن غازى ئەسلىمىسىنىڭ باش قىسمىدا ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن قىسقىچە ئۆمۈر بايانىنى بەرگەن بولۇپ، ئۇ 1918-يىلى، ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا تۇغۇلغان ۋە 3 يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئەنجانغا كېتىپ، شۇ يەردە چوڭ بولۇپ، 1933-يىلى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئىنقىلابقا قاتناشقان.
ھۈسەيىن غازى 1936-يىلى ئۈرۈمچىدە قىسقا ۋاقىت ھەربىي مەكتەپتە ۋە ئارقىدىن 1941-يىلى غۇلجادا ئاگرىنوملۇق مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1944-يىلى، 11-ئايدا ئىنقىلابقا قاتنىشىپ ئىلگىرى-كېيىن ئەترەت كوماندىرى، ئېسكادرون كوماندىرى، جەنۇبقا ئەۋەتىلگەن قوشۇننىڭ شتاب باشلىقى، غۇلجا شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت ۋە مىللىي ئارمىيە شتابىنى قوغدايدىغان گارنىزون كومېندانتى، باياندايدا ئېچىلغان ھەربىي ئوفېتسېرلارنى تەييارلاش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، مىللىي ئارمىيە باش قوماندان شتابىنىڭ مەسئۇل خادىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1949-يىلى، 10-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، بىشكەككە يەرلىشىپ ھايات كەچۈرگەن ۋە 2011-يىلى 93 يېشىدا ۋاپات بولغان.
0:00 / 0:00