كاڭ يوۋېينىڭ ساياھەتنامىسىدىكى «تۈرك» ئاتالغۇسىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە كېلىپ چىقىش تارىخى
2013.11.24

19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتايلار ئوسمانىيە دۆلىتىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. ئەمما ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ ئىسمىنى «ئوسمانلى، ياكى دۆلىتى ئالىيە» دەپ ئاتىمىغان. خىتايلار ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ ئىسمىنى غەرب مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ «كۆكتۈرك» ئىسمى بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن، بۇنىڭدا غەرب مەنبەلىرىنىڭ تەسىرى بولغان.
1908 - يىلى ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇقى ئىككىنچى ئىسلاھاتنى ئېلان قىلغان كۈنىدە، كاڭ يوۋېي ئىسمىدا بىر خىتاي سەيياھ رومانىيە ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كەلگەن. ئۇ ئىستانبۇل خەلقىنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە خۇشاللىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. سەيياھ كاڭ يوۋېي ئىستانبۇلدىكى بارلىق جامى ۋە مەسچىتلەرنى، ئىستانبۇلدىكى ئاراللارنى، كوچىلارنى بىر - بىرلەپ ئايلانغاندىن كېيىن بىر ساياھەتنامە يېزىپ قالدۇرغان. ئەمما بۇ ساياھەتنامە تۈركىيىدە پەقەت بىلىنمەيدۇ. بۇ يەردە قىزىقارلىق بولغان نەرسە كىتابنىڭ ئىسمى. ئاپتور كىتابنىڭ ئىسمىنى «تۈرك ساياھەتنامىسى» دەپ قويغان. بۇ يەردىكى خىتايچە «تۇ جۈئە» ئاتالغۇسى كۆكتۈركلەر مەنىسىنى ئىپادىلەيدىكەن. ئەسلىدە كىتابنىڭ ئىسمىنى «ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسى ساياھەتنامىسى» دېيىشى كېرەك ئىدى. كىتابدا كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ ئىسمى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «كۆكتۈرك» ئاتالغۇسى بىلەن يېزىلىشى تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر تېما. بۇ ھەقتە در. ئەركىن ئەكرەم ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركولوگىيە يىغىنىدا بىر ئىلمىي دوكلات بەردى. بۈگۈنكى تارىخ ۋە بۈگۈن پروگراممىمىزدا دوكلاتتىن ئارىيەلەر ئاڭلىتىمىز. ئۇ، ماقالىسىدە كاڭ يوۋېينىڭ ساياھەتنامىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، بۇ كىتابتا ئىشلىتىلگەن تۈرك ئاتالغۇسىدىن چىقىش قىلىپ، تۈرك ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى، خىتاي ئالىملارنىڭ تۈرك سۆزىنى قانداق ئىشلەتكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قاچاندىن تارتىپ تۈرك ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەنلىكىگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن.