«تارىخ ۋە بۈگۈن» (3 - ئىيۇن )
2012.06.03
«تىلى ۋە مەدەنىيىتى يوقىلىشقا يۈز تۇتقان تۈركىي مىللەتلىرى» ماۋزۇلۇق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە تەپسىلات
مۇخبرىمىز ئەركىن تارىم
تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىگە جايلاشقان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارالىق «تىلى ۋە مەدەنىيىتى يوقىلىشقا يۈز تۇتقان تۈركىي مىللەتلىرى» ماۋزۇلۇق مەزكۇر خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل تەتقىقات ئورنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ ئورنىنىڭ تۈركىيىدىكى خىزمەت ئورنى، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو تېلېۋزىيە ئىدارىسى، تۈركىي تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق سەككىز ئورۇن ياردەم كۆرسەتكەن.
23 - 24 - 25 - ماي كۈنلىرى، جەمئىي ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، تۈركىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن 90 دىن ئارتۇق ئالىم ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل يوقىلىشقا يۈز تۇتۇۋاتقان تۈركىي تىللار، كۈلتۈرلەر شۇنىڭدەك، بىر قىسىم تۈركىي تىللىق دىياسپورىلارنىڭ ئەھۋاللىرى ھەم باشقىلار ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
25 - ماي كۈنى يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننىڭ يېپىلىش نۇتقىنى قىلغان تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. مۇرات تۇنجەر ئەپەندى يىلتىزى بولمىغان دەرەخ قۇرۇپ كەتكەندەك ئۆتمۈشى يوق مىللەتنىڭمۇ يوق بولۇشقا يۈز تۇتىدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى دېدى. ئۇ، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىي تىللار تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۈچ كۈنلۈك مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ھەر خىل مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ئاز نوپۇسلۇق تۈركىي خەلق قارايىملارنىڭ ئاخىرقى دۇچ كېلىۋاتقان تەقدىرلىرى، موڭغۇلىيىدىكى تۈركىي خەلق خوتونلارنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، سىبىرىيىدىكى نوپۇسى ناھايىتى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئەھۋالى ھەم باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا بېيجىڭدىن كەلگەن سېرىق ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى جوڭ جىنۋېننىڭ گەنسۇدىكى 13 مىڭ نوپۇسلۇق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئۆز تىلىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىلىرىگە ئائىت مەلۇماتلىرى، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇق ئاسسمىلىياتسىيىگە يۈزلىنىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئۆز تىلىنى ئۆگىتىش، سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئائىت بايانلىرى قىزىقىش قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئادالەت خانىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ ھازىرقى تىل ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ ئۆز تىللىرىنى ئۇنتۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇرچە قوللىنىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى تونۇشتۇردى.
بۇ يىغىندا ئامېرىكىدىن كەلگەن تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ «پەرغانە ۋادىسىدىكى سىڭىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق دوكلاتى قىزىقىش قوزغىدى. نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ماقالىسىدە 18 - ئەسىردىن 20 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بەش باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، تارىم ۋە ئىلى ۋادىسىدىن پەرغانە ۋادىلىرىغا كۆچۈپ ماكانلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ 19 - ئەسىردە سانىنىڭ 300 مىڭدىن ئارتۇق دەپ ئېيتىلىشىغا قارىماي، يەرلىك ئۆزبېك ۋە باشقىلارغا سىڭىپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆزبېكلىشىپ كەتكەنلىكىنى پاكىتلار ۋە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن كۆرسىتىپ بەردى.
نەبىجان تۇرسۇن رۇس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەنبەلىرىنى شۇنىڭدەك سابىق چار رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم كېيىنكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ چوقان ۋەلىخانوف ۋە باشقىلارنىڭ مەنبەلىرى ئاساسىدا ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار پەرغانە ۋادىسىدا 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا 300 مىڭ ئەتراپىدا بولغان. بىراق، ئۇلارنىڭ سانى چار رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. چوقان ۋەلىخانوف ئەينى ۋاقىتتا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەنجان، شەخرىخان ۋە قاراسۇ قاتارلىق جايلاردا 300 مىڭ قەشقەرلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە توققۇز مىڭ دولانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ شەخرىخان شەھىرىنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنىڭ ئۇيغۇرلار بولغانلىقىنى ھەتتا تاشكەنتنىڭ يېڭى شەھەر رايونىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بىراق چار رۇسىيە پەرغانىنى باسقاندىن كېيىن، تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاز ھېسابلىغان.
1920 - يىللارنىڭ بېشىدا سوۋېت ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا 600 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى، 300 مىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانىدا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، 1926 - يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى 40 مىڭ ئەتراپىدا، 1937 - يىلى 60 مىڭ ئەتراپىدا ھېسابلىسا، 1979 - يىلى 29 مىڭ دەپ ھېسابلىغان. 2000 - يىلىدىكى مەلۇماتتا ئۆز بېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار 20 مىڭغا چۈشۈپ قالغان.
پەرغانىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئوش، قاراسۇ، ئۈزگەن ۋە جالالئاباد رايونلىرىدا 14 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2009 - يىلى مەلۇم قىلىنغان. دېمەك، ئاپتورنىڭ قارىشىچە، چوقان ۋەلىخانوف كۆرسەتكەن 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەسلى كۆپىيىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار ئەكسىچە ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ، تۈگىدى. مۇنداق سىڭىشنىڭ ئۈچ ئاساسىي سەۋەبى بار بولۇپ، بۇلار تەبىئىي ۋە سىياسىي جۇغراپىيىلىك شارائىت، ئۆزبېكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ زور دەرىجىدىكى ئوخشاشلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىن ئىبارەت.
نەبىجان تۇرسۇن پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئۆزبېكلەرنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ كېتىش جەريانىنى ئاسسىمىلياتسىيە ئەمەس، بەلكى سىڭىشىش ۋە ياكى يۇغۇرۇلۇش دەپ ئاتاش لازىملىقىنى، ئاسسىمىلياتسىيە تېرمىنىنىڭ بەلكى تىلى، مەدەنىيىتى ئوخشىمىغان، بىر - بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئىككى مىللەتكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ مۇھاكىمىلىرىگە تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ھەمدە پروفېسسور دوكتور مارسېل ئەردال ۋە باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېمىغا بولغان قىزىقىشلىرىنى ئىپادە قىلدى.
ئىستانبۇلدىكى بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغفىرەت كامالنىڭ لوپنۇرلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە ئائىت تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات مەلۇماتلىرى قىزىقىش قوزغىدى. مەغفىرەت خانىم لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە دۇنيادا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ھەم ئۇلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت مەنبەسى ھەققىدىكى تۈرلۈك قاراشلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن سىرت يەنە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كۆپلىگەن مەدەنىيەت ئەھۋاللىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى سۈرەتلەر ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتتى.
بۇ يىغىن جەريانىدا يەنە تاتارىستان ئالىمى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاتارلارنىڭ تىلى، كۈلتۈر ئەھۋاللىرى ۋە ئۆزگىرىش تەرەققىيات جەريانلىرى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بېرىپ تاتارلارنىڭ 20 - ئەسىردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈلتۈر ۋە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، تاتار تىلىنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تىلى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بۇ پىكىرگە تەنقىدىي قارىشىنى ئىپادىلەپ، 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەرەققىياتىدا يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ۋە ئاساسىي رول ئوينىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەرەققىياتىدا باشلامچى بولغانلىقى، بىر مىللەتنىڭ ئوينىغان رولىنى دەرىجىدىن ئاشۇرۇپ كۆپتۈرۈشنىڭ ئىلمىي بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل تۈردە 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مەدەنىي - مائارىپ ۋە باشقا جەھەتلەردە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئىزاھات بەردى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول بولۇپ، قارايىملار، قىرىمچاقلار، شورلار، خوتونلار، خالاچلار، چۇرۇملار، سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە سالارلار، تۈۋىدىكى تېلېنگەتلەر، سىبىرىيىدىكى چۇلمىلار قاتارلىق نوپۇسى ناھايىتى ئاز تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ بولغانلىقى، قانداق قىلغاندا خەتەر ئاستىدىكى تۈركىي تىللارنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىمۇ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مىساللار بىلەن مۇھاكىمە قىلىندى.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركىيىنىڭ مەشھۇر تۈركولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىدىن ئەجمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، مارسېل ئەردال، يۇنۇس كوچ، سەمىھ تەزجان قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە يىغىننىڭ ئاخىرىدا خۇلاسە نۇتقى قىلدى.
تونۇلغان تۈركولوگ تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇدىرى پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە خۇلاسە قىلىپ بەزى تىللارنىڭ يوق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەنلەردىن ئوخشىمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىللارنىڭ ئۆلۈش خەۋپىگە دۇچار بولىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆلگەنلىكىنى چۈشەندۇق. ھازىر نۇرغۇن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي تىلى ئۆلۈش خەۋپىگە دۇچار بولۇش بىر ياقتا تۇرسۇن، بۇ تىللار نۇرغۇن ئىنسان تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە. بۇ تىللار گېزىت، جۇرنال، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىلەردە ئىشلىتىلمەكتە. بۇ تۈركىي تىللارنىڭ ئۆلۈش خەۋپى يوق. ئەمما بەزى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىللىرى راستىنلا يوق بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. ئەگەر تۈركلەر ئورخۇن ۋادىسى ئەتراپىدا ياشاۋەرگەن بولسا، دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىگە تارقالمىغان بولسا، مەسىلەن موڭغۇلىيىدىن شەرقىي تۈركىستانغا، غەربىي تۈركىستانغا كېيىن ئىرانغا، خوراسانغا، ئەزەربەيجانغا، ئاناتولىيەگە ۋە بالقانلارغا تارقالمىغان بولسا، بەلكى تۈركىي تىللارنىڭ بەزىلىرى يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچار بولمىغان بولاتتى. ئەسلىدە بىراز غەلىتە بىر ئەھۋال. ھازىر ئافرىقىدا، ئامېرىكا قىتئەسىدە، ئاۋسترالىيىدە، تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدا كۆپ ساندا تىللار يوق بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ تىللارنىڭ ئەھۋالى بىز تىلغا ئېلىۋاتقان تۈركىي تىللارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ. تۈركىي تىللار ئىچىدىكى يوق بولۇشقا يۈز تۇتقان تىللار بولسا، تۈركىي تىللارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىدىن ئايرىلىپ كەتكەن تۈركىي تىللار. ئەلۋەتتە ئامېرىكا، ئافرىقا ۋە ئاۋسترالىيىدىكى يەرلىك تىللارغا ئوخشاش باشقا مىللەتلەر بېسىپ كىرگەندىن كېيىن چوڭ تىللارنىڭ بېسىمى بىلەن يوق بولۇشقا يۈزلەنگەن تۈركىي تىللارمۇ بار. ھازىر ئالدىمىزدا بىر ھادىسە بار. بەزى تۈركىي تىللار يوق بولامدۇ؟ يوق بولىدۇ. لېكىن بۇ تىللار قەيت قىلىنغان بولىدۇ.»
ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن خۇلاسە نۇتقىدا يوق بولۇشقا يۈز تۇتقان تۈركىي تىللارنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ تىللار ئۆلمەسمۇ؟ بۇ تىللارنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولامدۇ؟ يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر بۇ تىللارنى ساقلاپ قېلىشنىڭ تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالدى. قانداق تەدبىرلەرنى ئالغاندا بۇ تىللارنى قوغداپ قالالايمىز؟ بىر قانچە مىڭ ئادەم ئىشلىتىۋاتقان بىر تىلنى قوغداپ قالالىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇ ئىنسانلارنىڭ بىر يەردە زىچ ئولتۇراقلاشقان بولىشى كېرەك. ئەگەر نوپۇسى كۆپ بولۇپ تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولسا ئۇلارنىڭ تىلىنىمۇ قوغداپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. بىر تىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بىر قانچە مىڭ ئىنساننىڭ بىر يەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇشىمۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇ تىللارنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەر مىللىي روھقا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇ مىللەتتە ئۆز تىلىنى كۈلتۈرىنى قوغداش ئارزۇسى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن قىرىمدىكى قارايىملار ئۆز تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. يىغىندا خىتايدىكى بەزى كىچىك تۈركىي مىللەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى ئاڭلىتىلدى. بۇ بىر مىللى شۇئار مەسىلىسى. بۇلاردىن باشقا چوڭ تىل چوڭ مەدەنىيەت يەنى چوڭ مىللەتلەرنىڭ بۇ تىللارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك.»
تونۇلغان تۈركولوك پروف. در. مارسەل ئەردال ئەپەندى يوق يىغىننىڭ خۇلاسى نۇتقىدا بۇرۇن بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت تىلى تۈركىي تىل بولغانلىقى، مانا ئەمما ھازىر 4 دۆلەتنىڭ دۆلەت تىلىنىڭ تۈركىي تىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«دۇنيادا يوق بولۇشقا يۈز تۇتقان تىللارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. تۈركىي تىللارغا سەل قارالغان ئىدى. تۈركىي تىللار بىر - بىرىگە بەك يېقىن بولغاچقا بىرىسى يوق بولۇپ كەتسە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۇنچىلىۋالا مۇھىم ئەمەس دەپ قارالغان ئىدى. ئەسلىدە بۇ يىغىندا بۇ تىللارنىڭ بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ كۆردۇق. بۇ تىللارنى تەتقىق قىلىش قۇتقۇزۇش ئىشلىرى تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ يىغىن بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بەك مۇھىم. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۇنيادىكى بىردىن بىر دۆلەت تىلى بولۇپ ئىشلىتىلىۋاتقان تۈركىي تىل تۈركچە ئىدى. كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۆزبېكچە، تۈركمەنچە ۋە ئەزەربەيجان تۈركچىلىرى دۆلەت تىلىغا ئايلاندى. قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان يەنىلا رۇسچىنى دۆلەت تىلى قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.»
پروف. در. مارسەل ئەردال ئەپەندى تىللارنىڭ يوق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن بىلەن پروف. در. سەمىھ تەزجاندىن تىللار ھەققىدە مەنپى نەرسىلەرنى ئاڭلىدىم. ئۇلار، تىللار يوق بولىدۇ، ئۇلارنى ئەسكەرتەيلى دەيدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بۇ كۆز قارىشىغا قوشۇلمايمەن. مەن كانادا تۇردۇم. بەزى كىچىك تىللارنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەت ياردەم قىلىۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن كىچىك تىللار قايتا ئىشلىتىلىشكە باشلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئىبرانىچە ئۆلگەن تىل ئىدى، ھازىر ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت تىلىغا ئايلاندى. شۇڭا ئەگەر كۈچ چىقارساق بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن يوق بولۇشقا يۈز تۇتقان تىللارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايمىز. مەنچە تىل يوق بولمايدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركىيات ئىنستىتۇتى مەزكۇر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن ماقالىلەرنى توپلاپ بىر چوڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى نەشىر قىلىدىكەن ھەمدە بۇنىڭدىن ئىككى يىل كېيىن مەخسۇس تۈركىي خەلقلەر تارىخى، جۈملىدىن ئوغۇز مەسىلىسى بويىچە بىر چوڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنى پىلان قىلغان.