تۈركىيەدە 1 - نۆۋەتلىك خەلقارا تۈرك دۇنياسى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچاقلىرى قۇرۇلتىيى ئېچىلدى
2015.05.17

تۈركىيىنىڭ ئەسكىشەھىر رايونىدىكى ئوسمانگازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇشۇ ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 1 - نۆۋەتلىك خەلقارا تۈرك دۇنياسى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچاقلىرى قۇرۇلتىيىد تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچاقلىرى مۇھىم مۇھاكىمە تېمىسى قىلىندى. ئۇيغۇر، ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، باشقۇرت، تاتار، تۈركمەن، ئەزەرى، ساخا، ئالتاي، چۇۋاش، قاراچاي، تۇۋا، خالاچ قاتارلىق ھەرقايسى تۈرك ئەللىرىدىن كەلگەن ئىلمىي خادىملار ئۆز رايونلىرىدىكى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچاقلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىپ بۇ ئويۇنلارنىڭ مەنبەسى، تارىخىي تەرەققىياتى، تۈر ۋە شەكىللىرى، مائارىپ ۋە بالا تەربىيىسىدىكى رولى، ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇدى.
بۇ قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئوسمانگازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ تەشكىللىگۈچىسى دوكتور يالچىن باي ئەپەندى مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
"بۇ قۇرۇلتاينى چاقىرىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز تۈرك دۇنياسىنى ئوخشاش بىر مەدەنىيەت، ئوخشاش بىر تىل، ئوخشاش بىر ئاڭ ئەتراپىدا توپلاش ۋە بۇ ئويۇنلار ئارقىلىق بالىلارغا مىللى ئاڭ، مىللى كىملىك ۋە مىللى روھ سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت.
دوكتور يالچىن باي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قەتىمقى قۇرۇلتاي كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇرۇلتاي ھېسابلىنىدىكەن:
«1 - نۆۋەتلىك خەلقارا تۈرك دۇنياسى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچۇقلىرى قۇرۇلتىيى" پەداگوگىكا ساھەسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتايلار ئىچىدە بەلكى ئەڭ كۆپ قاتناشقۇچىسى بولغان بىر قۇرۇلتاي. بۇ قۇرۇلتايغا چەتئەللەردىن 99 كىشى، تۈركىيىدىن 161 كىشى قاتناشقان بولۇپ، جەمى 171 ئىلمىي دوكلات بېرىلدى.»
قەدىرلىك ئاڭلىغۇچىلار، قۇرۇلتايدا ئىلمىي دوكلات بەرگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچۇقلار، بىرىنچىدىن، بالىلارنىڭ كۆڭۈللۈك ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىنى تەمىنلەيدىكەن، ئىككىنچىدىن بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەن، ئۈچىنچىدىن، بالىلارنىڭ ئويلىنىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىكەن، تۆتىنچىدىن، بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىكەن، بەشىنچىدىن، بالىلارنىڭ تىل، مەنتىقە ۋە تاكتىكا ئۆگىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئالتىنچىدىن، بالىلارنىڭ مىللى كىملىك ئېڭىنى يېتىلىدۈرىدىكەن ئەپسۇسكى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بالىلار ئىنتەرنەت ۋە يانفونغا ئوخشاش تېخنىكىلىق ۋاسىتىلارغا ئېگىر دەرىجىدە بەنت بولۇپ كېتىپ، ئەنئەنىۋى ئويۇنلاردىن بارغانچە يىراقلىشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، كومپيۇتېر ئويۇنلىرى ئارقىلىق چەتئەل مەدەنىيىتىنىڭ يوشۇرۇن تەسىرىگە ئۇچراپ مىللى كىملىكىدىن چەتنەپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. تېخىمۇ يامان بولغىنى، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆلچەمسىز ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتا ئىكەن. شۇڭا، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىدىكى ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرىنى ۋە ئويۇنچاقلىرىنى تېپىپ چىقىپ يېڭىدىن جانلاندۇرۇش، بۇلاردىن پايدىلىنىش كېرەك ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرىچە، تۈرك دۇنياسىدا قەدىمدىن بېرى ئوينىلىپ كېلىۋاتقان بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈن تۈرك قوۋملىرى ئۈچۈن ئورتاق خاراكتېرغا ئىگە ئىكەن. مەسىلەن، ئوشۇق ئويۇنى، توققۇز تاش ئويۇنى بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. بۇلاردىن توققۇز تاش ئويۇنى 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، قازاقلاردا توگۇز قۇمالاق، قىرغىزلاردا توگۇز قورغوئول، مۇڭغۇللاردا ئەسەن قورغول، تۈركلەردە دوكۇز تاش ياكى ماڭالا ئىسىملىرى بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن. توگۇز قۇمالاق ئويۇنى قازاقىستاندا مەكتەپلەردىمۇ دەرس شەكلىدە ئۆتۈلىدىكەن. ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. تىمۇر كوكائوغلۇ’نىڭ بىلدۈرۈشىچە، توققۇز تاش ئويۇنى قاتارلىق بىر قىسىم تۈرك بالىلار ئويۇنلىرى ئامېرىكىدىكى ھىندىئانلار ئارىسىدىمۇ ئوينىلىدىكەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بالىلار ئويۇنلىرى ناھايىتى ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، بەزىلىرى ناھايىتى چوڭقۇر تارىخقا، مەدەنىيەت قاتلىمىغا، دىنىي ۋە مىتولوگىيىلىك كودلارغا ئىگە. ئۇيغۇرلاردىكى قورچاق ئويۇنى مانا مۇشۇنداق ئويۇنلارنىڭ بىرىسى ئىكەن. قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇرلاردىكى «قورچاق» ئويۇنىنى ۋە بۇ ئويۇننىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرچە قورچاق ياكى قونچاق دىگەن سۆز تۈركىي تىللار دىۋانىدا «قودۇرچۇق» دەپ ئۇچرايدۇ. بۇ سۆز كېيىنكى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش جەريانىدا «قوغىرچۇق»، «قويۇرچۇق»، «قۇزۇرچۇق»، «قۇرچۇق» ۋە ئاخىرىدا «قورچاق»بولۇپ قالغان. تەتقىقاتلار بۇ سۆزنىڭ يىلتىزىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىدا «تۇل خوتۇن» دەپ ئىزاھلانغان «قودۇز» سۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ سۆز مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىدىن شىنە ئۇسۇ ئابىدىسىدىمۇ ئۇچرايدۇ. ئالتايشۇناسلارنىڭ كۆزقارىشى بويىچە بولسا، تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى «قودۇرچۇق» سۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى «كوگۇدۇ» سۆزىنىڭ بىر شەكلى بولۇشى مۇمكىن. بۇ سۆز «ئويۇنچاق، ماسكا» مەنىسىگە كېلىدىغان قەدىمقى بىر سۆز بولغان «كئاكۇ»دىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. مەھمۇت قەشقىرى، رۇبرۇكك، ماركو پولو، ئەبۇلغازى باھادىرخان قاتارلىق تارىخىي شەخسىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە قورچاق سۆزىنىڭ بىر باشقا شەكلى بولغان «قوغۇرچاق»نىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «قورچاق» ئەسلىدە قەدىمكى دىنىي ئېتىقاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كېيىنكى تارىخىي جەرياندا دىنىي خاراكتېرىنى يوقىتىپ ئويۇن خاراكتېرىنى ئالغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچۇقلار كۆپ تەرەپلىمىلىك مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە. شۇڭا بۇ ئويۇن ۋە ئويۇنچۇقلارغا ئىگە چىقىش، بۇلارنى توپلاش، تەتقىق قىلىش مىللى مەدەنىيەت ۋە مىللى كىملىك نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بالىلار بىر مىللەتنىڭ كېلەچىكى، بىر مىللەتنىڭ تەغدىرى ھېسابلىنىدۇ.