ئۈچ ئەپەندى: «شەرقىي تۈركىستاننى كۆپ ئۆلكىگە بۆلۈۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ»
2021.06.24

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى ئۇيغۇرلار دىيارىنى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ، 1884-يىلى «شىنجاڭ» ئۆلكىسى نامىدا ئۆلكىلىك تۈزۈمدىكى باشقۇرۇشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، مەزكۇر بىپايان زېمىننى بۆلۈپ باشقۇرۇش، يەنى ئۇنى بىر قانچە ئۆلكىلەرگە بۆلۈۋېتىش ھەققىدىكى بەزى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. بۇنداق تەشەببۇس ۋە ھەتتا بۇ مەسىلىدە خىتاي مەركىزىي ھاكىمىيىتىگە مەخسۇس تەكلىپ بېرىش 1912-يىلى خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، بولۇپمۇ 1930-1940-يىللاردا ئىزچىل ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلار ئاساسلىقى، خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە «شىنجاڭ ئۆلكىسى»، يەنى ئۇيغۇر دىيارىنى 2، 3 ياكى 4 ئۆلكىگە، ھەتتا 6 ئۆلكىگە «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» تەشەببۇسلىرى ئىدى. 1945-يىلى 8-ئايدا سۇنۇلغان شۇ ۋاقىتتىكى گومىنداڭنىڭ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك» ھۆكۈمىتى رەئىسى ۋۇ جوڭشىننىڭ «شىنجاڭنى 4 ئۆلكىگە بۆلۈش» تەشەببۇسى، يەنى «لايىھەسى» خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىش ھەتتا ئىجرا قىلىنىش گىردابىغا يېتىش ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك مۇھاكىمىلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا ئېرىشتى. ۋۇ جوڭشىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا تاقابىل تۇرۇش، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى 4 ئۆلكىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاڭ كەيشىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشكەنىدى.
ۋۇ جوڭشىننىڭ مەزكۇر لايىھەسى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدە مۇھاكىمە قىلىنىشقا باشلىغانلىق خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ لايىھەسىگە قارىتا بىرقىسىم خىتاي ھەربىي-سىياسىي دائىرىلىرى مەۋجۇت ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئۇنى ھازىرچە تەستىقلىماسلىق ۋە كېيىنگە قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەندىن تاشقىرى بۇ لايىھەگە ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرغۇچىلار سۈپىتىدە مەسئۇد سەبىرى بايقوزى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا ئالىپتېكىن قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئۈچ ئەپەندى سېپىگە يەنە ئابدۇقادىر سامانى، ئىسمائىل ئىسىملىك ئۇيغۇرلارمۇ قوشۇلدى.
تەيۋەندىكى دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا، يەنى تارىخ ئارخىپخانىسىدا مەزكۇر بەش كىشى، يەنى مەسئۇد سەبىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا ئالىپتېكىن، ئابدۇقادىر سامانى ۋە ئىسمائىلنىڭ بىرلىكتە ئىمزا قويغان، ۋۇ جوڭشىننىڭ «شىنجاڭ» نى تۆت ئۆلكىگە بۆلۈۋېتىش لايىھەسىگە قارشى تەلەپ-پىكىرلىرى ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 8 ماددىلىق مەزكۇر تەلەپ-پىكىرلىرى 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى گومىنداڭ پارتىيەسى تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقى چېن لىفۇ تەرىپىدىن جاڭ كەيشىگە يوللاپ بېرىلدى. مەزكۇر 8 ماددىلىق تەلەپتە ئۇلار «شىنجاڭنى نەچچە ئۆلكىگە بۆلۈۋېتىشنىڭ پايدىسىز» تەرەپلىرىنى بىرمۇبىر كۆرسىتىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنى بۇ قەدەمنى باسماسلىققا دەۋەت قىلغان. گومىنداڭ تارىخ ئارخىپلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئامېرىكادا ياشايدىغان تارىخ تەتقىقاتچىسى تاران ئۇيغۇرنىڭ بۇ ھۆججەت ھەققىدە ئېيتىشىچە، ئەسلىدە تەلەپ-پىكىرلەر 8 ماددىلىق بولسىمۇ، ئەمما چېن لىفۇ ئۇنى 7 ماددىغا قىسقارتىۋەتكەن.
بۇ ھۆججەتكە «مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ سۇنغان شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئائىت پىكىرلىرى» دەپ نام بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈلگەن: «1. شىنجاڭنى ئۆلكىلەرگە بۆلۈشكە بولمايدۇ، يۈكسەك مۇختارىيەت بېرىشى كېرەك؛ 2. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك».
ئۈچ ئەپەندى باشلىق ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ بۇ قەتئىي تەلەپ ۋە پىكىرلىرى جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ 1945-يىلى 9-ئايلارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شىددەتلىك ۋە غەلىبىلىك ھۇجۇملىرى ۋە پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشلەرنىڭ ئەۋجى ئېلىشى نەتىجىسىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىش شۇنىڭدەك ئۈچ ئەپەندىنىڭمۇ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ قارشى تۇرۇشى ئاستىدا جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى ۋۇ جوڭشىننىڭ «شىنجاڭنى 4 ئۆلكىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» لايىھەسىنى ۋاقتىنچە كۈنتەرتىپتىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
جاڭ كەشى قاتارلىقلار خۇددى ئۈچ ئەپەندى كۆرسەتكەندەك ئەگەر مۇنداق كۆپ ئۆلكىلەرگە بۆلۈۋەتكەندە يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنىڭ تېخىمۇ قوزغىلىشى، مەركەزگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىسىنىڭ يوقىلىدىغانلىقى، ھەتتا خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوللىماسلىقى، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن سۆھبەت قىلىشقىمۇ مۇمكىن بولماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان.
تولۇق تەپسىلاتنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.