ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئۇنتۇلماس قەھرىمانلار-تۇرسۇن ئىسرائىل (2)

0:00 / 0:00

«يەرلىك مىللەتچىلىك» تىن مۇساپىرلىققىچە

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىدىن ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېقىن سەپداشلىرىدىن بىرى تۇرسۇن ئىسرائىل 1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگەن ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان ئازاد ئۈچ ۋىلايەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىغا ئۆتكەندىن كېيىن، باشقا بىر قىسىم مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن مۇھىم رەھبىرى خىزمەتلەرگە جەلپ قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1949-يىلىدىن كېيىن، مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق كۈرەشلىرىگە قاتناشقان ھەم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان بۇ ئىنقىلابچىلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھاياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچى باشلانغانىدى.

ئەينى ۋاقىتتا ماۋ زېدوڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى «جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دەپ ئاتاپ، مىللىي ئارمىيەنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىدىن سەيپىدىن ئەزىز، ئەسئەت ئىسھاقوف، سەيدۇللا سەيپۇللايېف، ئىبراھىم تۇردى، زىيا سەمەدى ۋە باشقا ئونلىغان كىشىلەرنى ئۆلكىگە ۋە 1955-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، نازىر، ۋالىي، ھاكىم قاتارلىق ھوقۇقلارغا تەيىنلىگەنىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر-ئاخبارات ۋە رازۋېدكا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان رەھبىرىي كادىرى، ئەسلىدە 1937-1940-يىللىرى ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرسۇن ئىسرائىلمۇ باشتا كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ھاكىملىقىغا، ئارقىدىن ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. تۇرسۇن ئىسرائىلنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ماقالە ئېلان قىلغان قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرسۇن ئىسرائىل تاكى 1958-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقىرى لاۋازىمەتلەردە بولغان.

تۇرسۇن ئىسرائىلنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ئۇنىڭ 1953-1958-يىللىرى ئارىسىدا كورلا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولغان مەزگىلى بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا كورلانىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، شەھەرنىڭ گۈللىنىش، مىللىي كادىرلارنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇنىڭ قازاقىستاندا ياشايدىغان ئوغلى ئۇتۇق ئىسرائىل ئەنە شۇ ۋاقىتتا كورلادا چوڭ بولغان بولۇپ، دادىسىنىڭ كورلادىكى پائالىيەتلىرىنى ئەسلىدى.

لېكىن، 1957-يىلى، خىتايدا ئېچىلىش-سايراش ھەرىكىتى باشلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋ مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە 1958-يىلى 1-ئايدا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنى يىغىپ، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلاپ يىغىن ئاچتى. ئەنە شۇ دەسلەپكى تارتىپ چىقىرىپ، پاش قىلىش ۋە ئەيىبلەشتە تۇرسۇن ئىسرائىلمۇ زىيا سەمەدى، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئىبراھىم تۇردى، مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف ۋە باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا يەرلىك مىللەتچى سۈپىتىدە قاتتىق ئەيىبلەندى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى «ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ۋە ياكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنە شۇ قېتىملىق ئەيىبلەشتىن كېيىن تۇرسۇن ئىسرائىل كورلا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

تۇرسۇن ئىسرائىلنىڭ ئوغلى ئۇتۇق ئىسرائىلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار دادىسى بىلەن بىرگە ئاقسۇغا كېلىپ، ئاقسۇدىكى بىر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئورنىدا تۇردى. تۇرسۇن ئىسرائىل بۇ يەردە 3 يىل بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ جاپالىق ئىشلىگەندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىرگە 1961-يىلى غۇلجىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ غۇلجىدا مىرزا قاماق ھالىتىدە ياشىغان بولۇپ، 1962-يىلى ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كېتىشىگە يول قويۇپ، ئۇنى كەتكۈزمەي ئېلىپ قالغان. ئۇتۇق ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار قازاقىستاندا تۇرۇپ دادىسىنىڭ تەقدىرىدىن ناھايىتى ئېچىنغان.

بىراق، تۇرسۇن ئىسرائىل ئاخىرى 1962-يىلى، كۈز ئايلىرىدا ئالمۇتاغا كۆچۈپ كېلىپ ئائىلىسى بىلەن بىرلەشكەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتىنى باشلىغان ھەم ئالمۇتا يېنىدىكى دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان.

تۇرسۇن ئىسرائىلنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشىغان دەۋرى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، ئۇ پېنسىيەگە چىققۇچە باغۋەنچىلىك كولخوزىدا خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ھاياتىدىن زارلانمىغان. ئۇتۇق ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، دادىسى تۇرسۇن ئىسرائىل ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چىققان زىيا سەمەدى، زۇنۇن تېيىپوف، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، غېنى باتۇر ۋە باشقا يۈزلىگەن سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرىي شەخسلىرى بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلاب جەريانلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىنى ئەسلەيتتى. ئۇلاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلمىشلىرى، يەنى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئۆزلىرىنى مۇستەھكەملەپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا بۇ رەھبىرىي كادىرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ھەتتا بەزى ھوقۇقلارنى بېرىپ، 1957-1958-يىللىرىدىن باشلاپ بىراقلا زەربە بەرگەنلىكى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى نىيەتلىرىنى ئاشكارىلىغان ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى سۆكۈشەتتى.

تۇرسۇن ئىسرائىل پېنسىيەگە چىققان 1970-يىللىرى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى يىرىكلەشكەن، ھەتتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاش ۋەزىيىتى پەيدا بولۇپ، بۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالمۇتا، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرچە گېزىتلەرنى نەشر قىلغان ۋە رادىئو پروگراممىلىرىنى يولغا قويغان ۋاقىتلار ئىدى. بۇ چاغلاردا ئالمۇتا، فرۇنزې (ھازىرقى بىشكەك)، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدا خىتايغا قارشى تەشكىلىي پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇلاردا ئەگەردە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئۇرۇش قىلسا، ئۆز ۋەتىنىگە قايتىش ئارزۇلىرى كۈچەيگەنىدى. تۇرسۇن ئىسرائىلمۇ ئەنە شۇنداق ئارزۇلاردا ۋە پائالىيەتلەردە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي، 1979-يىلى، 65 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان.