ئالىمجان ئىنايەت: «ئۇيغۇر دىرامىچىلىقى مۇرەككەپ تارىخى مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى»
2018.01.04

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دىرامىچىلىق ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. قەدىمكى دەۋىرلەردىلا «مائىترى- سىمىت»قا ئوخشاش كۆپ تەرەپلىمە تەتقىقات قىممىتىگە، خېلى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەگە، مۇكەممەل سيۇژېت-قۇرۇلمىسىغا ۋە خاراكتېر-ئالاھىدىلىكلىرى روشەن پېرسوناجلارغا ئىگە دىرامىلار ئىجاد قىلىنىپ، ئۇيغۇر دىرامىچىلىقىدا شانلىق بىر سەھىپە ئېچىلغان. ئەمما كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، بولۇپمۇ ئىسلامىيەتتىن كېيىن ھەر خىل سەۋەبلەر، بولۇپمۇ سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دىراما ئىجادىيىتى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا بىر خىل ژانىر سۈپىتىدە ئىزچىللىقىنى ساقلاپ قالالمىغان ۋە ئەنئەنە شەكىللەندۈرەلمىگەن. ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىجادىيەت ئاساسەن شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەنلە چەكلىنىپ قېلىپ، دىرامىچىلىق پەقەت خەلق سەنئىتى تەركىبىدە ئەلنەغمە، مەشرەپ، ئېيتىشىشقا ئوخشاش ئويۇن تۈرلىرى شەكلىدە ئاممىۋى خاراكتېرلىك سەنئەتكە ئايلىنىپ كەتكەن.
ئۇيغۇر دىرامىچىلىقى 1980-يىللاردا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىل ۋە دىنىي چەكلىمە سىياسىتى بىلەن بىرلىكتە دىرامىچىلىقمۇ چەكلىمىگە ئۇچراشقا باشلىغان.
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىلا دىراما، مۇزىكا قاتارلىق سەنئەت تۈرلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىرامىچىلىقى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئىزچىل ھالدا داۋاملاشقانمۇ؟ پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى دىرامانىڭ ئۇيغۇرلار 10-ئەسىردە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دىننىڭ تەسىرى بىلەن تەرەققىي قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يوق بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر دىرامىچىلىقى قاچان پەيدا بولغان؟ قانداق بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن؟ بۇ ھەقتە توختالغان پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر دىرامىچىلىقىنىڭ 1933-يىلىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى، 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەنغىچە بولغان مەزگىلدە تەرەققىي قىلىش مۇھىتى تاپالىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئالىمجان ئىنايەت 1949-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا «توي»، «يېڭى يەر »، «ئاشلىق»، «ئاۋغۇست بورانلىرى»، «توي مارشى» ۋە «تامغىنى تارتىۋېلىش» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى، بۇ دىراما ئەسەرلىرىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىنىڭ كوممۇنىست ئىدىيەسىنى ئۇيغۇر خەلقىگە سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 1966-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر دىرامىچىلىقى يەنە بىر قېتىم زەربە يېگەن. 1966-يىلىدىن 1978- يىلىغىچە خىتاي دىرامىلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان بولۇپ، « قىزىل چىراق خاتىرسى» ۋە باشقىلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
ئىستانبۇلدىكى شائىر زەينۇرە ئەيسا خانىم ئۇيغۇرلار دىراما سەنئەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىرامىلىرىدىن باشقا يەنە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئورۇندىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1979-يىلى خىتاينىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن باشقا ساھەلەردە بولغاندەك ئۇيغۇر دىرامىچىلىقىدىمۇ 1980-يىللاردا يېڭى گۈللىنىش پەيدا بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر يازغۇچىلار يازغان «چىن مودەن»، «قارانلىق يىللار»، «مۇقام ئەجداتلىرى»، «مۆلچەر تاغ بورانلىرى» ۋە باشقا دىرامىلار تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ دىراما ئەسەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قىممەت قاراشلىرى، تارىخى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر مىللىي كىملىك ۋە ئېڭىنىڭ كۈچلىنىشىگە زور تۆھپە قوشتى. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئاستا-ئاستا بۇ خىل دىرامىلار چەكلىمىگە ئۇچراشقا باشلىغان. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى چەكلەشتىكى سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىدا دىراما، مەشرەپكە ئوخشاش سەنئەت تۈرلىرىگە چەكلىمە قويغان. ھازىر مىللىي روھ تۈسى ئالغان تارىخىي دىراما ۋە كومېدىيەلەرنى سەھنىلەشتۈرۈش قىيىنلاشقان.