خىتاي ھۆكۈمىتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ، ئۇيغۇر ئېلىدە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولا، بۇ كۈنى ماتەم كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلەپ، جايلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزدى. خىتاي ھۆكمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلىمەكتە، ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغانلىقى ۋە بۇنىڭ پەقەت قەغەز ئۈستىدىكى نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىمەكتە.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆلكە تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان شۇنىڭدەك كۆپ ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى. ئۇنداقتا، نېمە سەۋەبتىن ۋە قانداق شارائىتتا بېيجىڭ مەخسۇس ئاپتونوم رايونى قۇردى؟ بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن سەۋەب-ئامىللار نېمە؟ خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ئاپتونومىيە قانۇنى ئىجرا قىلىندىمۇ؟ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈزۈمنى ھەقىقىي ئاپتونومىيە تۈزۈمى دېگىلى بولامدۇ؟ خىتاي دېگەندەك ئۇيغۇر دىيارى راستىنىلا تەرەققىي قىلدىمۇ؟ تەرەققىي قىلمىغان بولسا بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمىلەر؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا تۈركىيە ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ 1955-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇشىدا بىرىنچىدىن 1944-1949-يىللىرى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى، ئىككىنچىدىن ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1949-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي رەھبەرلىرىگە كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارغا پەقەت ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار سەۋەب بولغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.