«ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى»نىڭ يېڭى سانى نەشىردىن چىقتى


2015.03.08
uyghur-tetqiqat-jurnili.jpg «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim


تۈركىيەدە چىقىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 4 - سانى ئوقۇرمەنلەرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ساندا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، فولكلورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 14 ماقالە، كىتاب باھالاش ۋە تونۇشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك 5 ماقالە يەر ئالغان بولۇپ، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ژۇرنالدا مەرھۇم تۈركولوگ تۇرسۇن ئايۇپنىڭ»خىتايدىكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتىنىڭ يېقىنقى 20 يىللىق تەرەققىياتى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى؛ ئۈمىت ئەكەر ۋە ئۈنال زالنىڭ «رىسالە - ئى تۆمۈرچىلىك» ۋە «ئەبۇ ناسىر سامانى تەزكىرىسى» ناملىق ماقالىلىرى؛ دەريا ئەرسۆزنىڭ «ماركىسىزمچە تەنقىد ئۇسۇلى بويىچە ئىز رومانىنىڭ پېرسوناژلىرى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى؛ ئالىمجان ئىنايەتنىڭ «ئون ئىككى مۇقام نامى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى؛ ئەبرۇ قىلىچنىڭ «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئېپوس ۋە خەلق داستانلىرىدا خىزىر ئوبرازى» ناملىق ماقالىسى؛ ساۋۇت موللاۋۇتوۋنىڭ «بىلال نازىم» ناملىق ماقالىسى؛ ئۆمەرجان نۇرىنىڭ «تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1732 - يىلىدا شەرققە كۆچۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ھۆججەت» ناملىق ماقالىسى؛ ئادەم ئۆگەرنىڭ «ئۇيغۇر كۆك مەشرىپى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى؛ دەريا ئۆزكاننىڭ ممۇيغۇر خەلق داستانلىرىدا رەڭ سىمىۋوللىرى: قارالىق، ئاقلىق» ناملىق ماقالىسى؛ مەمتىلى تاھىرنىڭ «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى؛ گۇنىللا تۆرنۋالنىڭ»خوتەن ۋە قەشقەر: گۇننار ياررىڭ ۋە ياررىڭ يىغىندىسى» ناملىق ماقالىسى؛ نەبىجان تۇرسۇننىڭ «1878 - 1881 - يىللىرىدىكى ئىلى كرىزىسى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق ماقالىسى؛ يۈسۈپجان ياسىننىڭ «8 - 9 - ئەسىرلەردەكى ئۇيغۇرلاردا مائارىپ» ناملىق ماقالىسىغا ئورۇن بېرىلگەن.

بۇلاردىن باشقا يەنە مەغپىرەت كەمال يۇنۇسوغلۇنىڭ تۈرك تىل كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇرچە - خىتايچە ئىدىقۇت سۆزلۈكى» ناملىق كىتابى؛ كەمال ئارسلاننىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر تۈركچىسى گرامماتىكىسى» ناملىق كىتابى؛ مەرھۇم تۇرسۇن ئايۇپنىڭ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشرگە تەييارلانغان ۋە مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخىغا دائىر مەسىلىلەر» ناملىق كىتابى؛ ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تۈرك تىل كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى 2» ناملىق كىتابى؛ مۇھەممەت پولاتنىڭ شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل» ناملىق كىتابى تونۇشتۇرۇلغان.

بۇلاردىن نەبىجان تۇرسۇننىڭ ماقالىسىدە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسى تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلى كرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرى، ئەينى چاغدىكى رايون ۋە خەلقارا خاراكتېرلىق سىياسى ۋەزىيەت ۋە مەزكۇر كرىزىسنىڭ نەتىجىلىرى ئىشەنچىلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگە تايىنىپ بايان قىلىنغان. بۇ ماقالىدىن چار رۇسىيە نېمە ئۈچۈن ئاجىزلاپ يىمىرىلىشكە يۈز تۇتقان چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا پېتىنالمىغانلىقى ۋە ئىلى رايونىنى چىڭ ئىمپېرىيىسىگە تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ۋە سەۋەبلىرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 1877 - 1878 - يىللىرىدىكى ئوسمانلى - چار رۇسىيە ئۇرۇشى گەرچە رۇسلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياقلاشقان بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇش چار رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلاپ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەپ بولغان. ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان چار رۇسىيە چىڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، ئىلى رايونىنى چىڭ ئىمپېرىيىسىگە تاشلاپ بېرىش بەدىلىگە، چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىقتىسادى تۆلەم ۋە بەزى ئىمتىيازلارنى تەلەپ قىلالىغان.

بۇ يەردە چىڭ ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى زو زوڭتاڭمۇ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تاكتىكا ئىشلەتكەن. ئەسلىدە چىڭ ئىمپېرىيىسى شەرقتە ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولسا، غەربتە ئەنگىلىيىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە زو زوڭتاڭ ئالدى بىلەن ئىلى سۇلتانلىقىغا ھۇجۇم قىلماي، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ ياقۇپ بەگنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان، ئارقىدىن شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. زو زوڭتاڭ ياقۇپ بەگ ئۈستىدىكى غەلىبىسىنى كوزىر قىلىپ رۇسلارغا ۋەھىمە سالغان. ئىلى سۇلتانلىقىمۇ ئۆز ئىچىدىكى ئىختىلاپ ۋە جېدەللەر بىلەن ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولۇپ، نە رۇسلارغا، نە زو زوڭتاڭ قوشۇنىغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى بولغان. ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ساۋۇت موللاۋۇتوۋ «بىلال نازىم» ناملىق ماقالىسىدە ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرى ناھايىتى كونكرېت مىساللار بىلەن بايان قىلىنغان.

قەدىرلىك ئاڭلىغۇچىلار، گۇنىللا تۆرنۋالنىڭ «خوتەن ۋە قەشقەر: گۇننار ياررىڭ ۋە ياررىڭ يىغىندىسى» ناملىق ماقالىسىدە مەشۇر تۈركولوگ گۇننار ياررىڭنىڭ قوليازمىلار يىغىندىسى، خوتەن ۋە قەشقەردىن قوليازما ۋە ماتېرىيال توپلاش، يىغىش جەريانى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ ماقالىغا قارىغاندا، گۇننار ياررىڭ يىغىندىسى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ يىغىندىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ يىغىندىدا 560 پارچە قول يازما بولۇپ، ھەممىسى 16 - ئەسىردىن 20 - ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدىكى تارىخىي دەۋىرلەرگە ئائىت ئىكەن. بۇ قوليازمىلار كلاسسىك ئەدەبىيات، خەلق ئەدەبىياتى، ئىسلام دىنى، تارىخ، قانۇن، سودا، تىبابەت، شامانىزم، سوفىزم ۋە مىسيونېرلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، چاغاتايچە، ئۆزبېكچە، فارسچە، ئەرەبچە، موڭغۇلچە، تىبەتچە، ئۇردۇچە قاتارلىق تىللاردا يېزىلغان ئىكەن. گۇننار جاررىڭ بۇ قوليازمىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى موللا روزى ئاخۇندىن سېتىۋالغان، بىر قىسىمنى بولسا ئەينى چاغدا قەشقەردە مىسيونېرلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەر بەرگەن. گۇننار ياررىڭ يىغىندىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇلارنىڭ ھازىرقى تىلغا ترانسكرىپسىيە قىلىنىشى، تەرجىمە قىلىنىشى ۋە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر ئىدى. ژۇرنالدىكى «رىسالە - ئى تۆمۈرچىلىك» ۋە «ئەبۇ ناسر سامانى تەزكىرىسى» ناملىق ماقالىلار ئەنە شۇ گۇننار ياررىڭ يىغىندىسىدىن تېپىلغان قوليازمىلار ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ھەسسە قوشقان.

ژۇرنالدىكى باشقا ماقالىلاردىمۇ ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە فولكلورى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» ئىككى يىلدىن بەرى ئىزچىل ھالدا نەشىر قىلىنماقتا.

تۈركىيەدە مۇشۇنداق بىر ژۇرنالنىڭ نەشىر قىلىنىشىدا قانداق زۆرۈرىيەت بار ئىدى؟ بۇ ژۇرنالنىڭ فونكىتسىيىسى نېمە؟ ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن ئومۇمىي تۈركولوگىيەنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ ھەقتە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفەسسورى ئۇيغۇرشۇناس زەكى قايماز ئەپەندى زىيارەتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

مۇخبىر: پروفېسسور زەكى قايماز ئەپەندىم، تۈركىيەدە ئىككى يىلدىن بەرى خەلقارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى ناملىق بىر ئىلمىي جۇرنال نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە مۇشۇنداق بىر ژۇرنالغا ئېھتىياج بار مۇ؟ بۇ ژۇرنالنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

پروفېسسور زەكى قايماز: ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن پاكۇلتېتلىرىدا تۈرك تىلى ۋە دىيالېكتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرسلەر بار. بۇ دەرسلەرنى ئالىدىغانلار، بۇ دەرسنى بېرىدىغانلار ياكى بۇ ساھە ئىشلەۋاتقانلار ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ژۇرنالغا ئېھتىياج بار ئىدى. تۈركىيەدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدە يوشۇرۇن بىر كۈچ بار. چۈنكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇن تارىخىي كەچمىشى بولغان بىر تىل. يەنى بۇ تىل قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىۋاستە داۋامى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا مەيلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، مەيلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار بولسۇن، بۇ تەتقىقاتلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىۋاستە ئېلان قىلىش ئۈچۈنمۇ بۇ ژۇرنالغا ئېھتىياج بار ئىدى. ئۇيغۇر تەتقىقات ژۇرنىلى بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، ئەلان قىلىنغان ماقالىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ھەسسە قوشىدۇ دەپ ئويلايمەن.

مۇخبىر : ئۇيغۇرشۇناسلىق، يەنى «ئۇيغۇرىستىكا» ياكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىلىم تارمىقى بىلەن ئومۇمىي تۈركولوگىيەنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

پروفەسېر زەكى قايماز: مېنىڭچە، ئۇيغۇرشۇناسلىق تۈركولوگىيىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىي كەچمىشىدۇر. بىزدە تۈركولوگىيە ئەسلىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن باشلىغان. بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر دەۋرىدىن قالغان ئۇيغۇرچە يازما ماتېرىياللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تۈركولوگىيە باشلىغان دېيىشكە بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئىارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، فولكلورى ساھەسى بويىچە تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە ماقالە، تەرجىمە ماقالە ۋە كىتاب تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرىغا ئورۇن بېرىلمەكتە.

بۇ پروگراممىنى ئىزمىردىن ئىدىقۇت تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.