دوك بارنېت ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە قانداق مەلۇماتلارنى سۇندى؟ (2)
ئامېرىكا ژۇرنالىستى ۋە تەتقىقاتچىسى دوك بارنېتنىڭ 1948-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا بىر ئاي ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى، ئېنىقلاشلىرى ۋە كۆزىتىشلىرى، گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى، گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرىدىن ئېرىشكەن ھۆججەتلەر شۇنىڭدەك ئۈچ ئەپەندى قاتارلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە باشقىلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان دوكلاتى ناھايىتى مول مەزمۇنلار بىلەن تولغان.
دوك بارنېت 41 بەتلىك دوكلاتىنىڭ مۇھىم قىسىملىرى سۈپىتىدە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولغان ئىلى ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى ئۈچ ۋىلايەتتىكى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى، مۇناسىۋەتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي، ئىدىيولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيەسىدىكى رولى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختالغان.
دوك بارنېت دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسنىڭ 75 %نى ئىگىلەيدىغان ئاساسلىق مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ يەنە تارانچى دەپ ئاتالغان تارمىقى بارلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئولتۇراق ھاياتتىكى خەلق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. دوك بارنېت قاتارلىق ئامېرىكا ژۇرنالىستلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە تەپسىلاتلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋاتقان ۋە ئانالىز يۈرگۈزۈۋاتقان تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دوك بارنېت بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىپ، ئەتراپلىق يەكۈن چىقىرىشقا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توغرا بايان قىلىش ۋە يەكۈن چىقىرىشقا تىرىشقان.
دوك بارنېتنىڭ ئىلى ھۆكۈمىتى، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى، بولۇپمۇ ھەربىي قۇرۇلمىسى، مىللىي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلىرى خىتاي ھەربىي رازۋېتكىسى ئارقىلىق كەلگەنىدى. چۈنكى ئۇ، ماناس دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ ئەھۋالنى كۆزەتكەن بولسىمۇ، ئەمما دەريانىڭ غەربىي قىسىمدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەلىرىگە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانىدى.
دوك بارنېت ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دوك بارنېت: بىراق «ئىلى گۇرۇپپىسى خىتايلاردىن تامامەن پەرقلىق بولغان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرغان بولۇپ، ئۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە يۇقىرى رەھبەرلىك ئورۇنلىرى بار، ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئاستى يېشىل، ئاق رەڭلىك ئاي يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن بايرىقىغا ئىگە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىتلىق بولسىمۇ خىتايدىن مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن» دەپ يازىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ.
دوك بارنېت يەنە ئاساسلىقى خىتاي ھەربىي ئىستىخباراتىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرى بويىچە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يازغان بولۇپ، ئۇ خىتايلار ئىگىلىگەن مەلۇمات بويىچە ئىلى ئارمىيەسى، يەنى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنىڭ 15مىڭدىن 20 مىڭغىچە ئىكەنلىكى، ئوفىتسېرلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، ئەسكەرلىرىنىڭمۇ 60% ئۇيغۇر، 30% قازاق، 10 % باشقا مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
دوك بارنېت دوكلاتىدا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن يەنە بىر نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك قاتلىمىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىلىككە ۋە ئىقتىسادىيلىققا ئىگە خەلق ئىكەنلىكى، ئۇلاردا كونسېرىۋاتىپلار قاتلىمى، مىللەتچىلەر قاتلىمى بارلىقىنى، لېكىن مىللەتچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغۇچى گۇرۇپپىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكى، ئەمما خەلق ئىچىدە تەسىرى يۇقىرىلىقىنى، كۆپ سانلىقنىڭ مىللەتچىلىك ھەرىكىتى تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاپتور يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندىكى مىللەت قازاقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ دىققەت قىلغان بولۇپ، قازاقلارنىڭ ئىلى ھۆكۈمىتىنى قوللاش-قوللىماسلىق بويىچە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى، قازاقلارنىڭ دەلىلقان، باشباي قاتارلىق ۋەكىللىرىنىڭ ئىلى ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى شەرھلەيدۇ.
تاران ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، دوك بارنېت ئەڭ دىققەت قىلغان يەنە بىر نۇقتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى تەسىرى مەسىلىسى ۋە سوۋېت-خىتاي، سوۋېت-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇ جاي بىلەن بولغان جۇغراپىيەۋى سىياسىي ئالاقىسىدۇر. دوك بارنېت رۇسىيەنىڭ چار رۇسىيە دەۋرىدىن تارتىپلا بۇ جايغا قول تىقىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، شېڭ شىسەي دەۋرىدە سوۋېتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى بىلەن ئىلى ئىنقىلابىنى قوللىغانلىقى، قورال-ياراق، ھەربىي مەسلىھەتچى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە باشقىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئالدىنقى سېپى ئەمەس، ئەمما ئارقا ھويلىسى» دەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئەگەر ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ قالسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي سىبىرىيە، ئوتتۇرا قىسىملىرىدىكى سانائەت رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بازا بولۇشى» دىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، چۈنكى بۇ ئۆلكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق سانائەت رايونلىرىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى شەرھىلەيدۇ.
ھەقىقەتەن، 1946-1947-يىلىدىن كېيىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتكەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى. ئەنقەرەدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكانىڭ 1947-1949-يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىگە قارشى بازا قىلىشىدىن قورققان ۋە ئاقىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرىغا بېرىۋېتىشنى قارار قىلغانىدى.
ئامېرىكا ژۇرنالىستى دوك بارنېتنىڭ 41 بەتلىك، ئىستاتەستىكىلىق مەلۇماتلار، خەرىتىلەر ۋە باشقا قوشۇمچە ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر تەپسىلىي دوكلاتى 1948-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا دۇنيا ئىشلىرى ئىنىستىتۇتى باشلىقى ۋالتېر روگېرسقا يوللاپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ دوكلات مەخپىيەتلىك تۈسى ئالغانلىقى ئۈچۈن «ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ يېزىلغانىدى.