مىللەتچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا نوپۇس يۆتكەپ مۇستەملىكە قىلىش پىلانى
2021.06.10
زو زوڭتاڭ 1878-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىپ، 1884-يىلى «يېڭى ئىگىلەنگەن زېمىن» مەنىسىنى بېرىدىغان «شىنجاڭ» نامى ئاستىدا ئۆلكە تۈزۈمى ئورنىتىلىش بىلەن بۇ رايونغا كۆپلەپ خىتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانىدى.
خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇن جوڭشەنمۇ 1917-1920-يىلى ئارىسىدا تەييارلىغان «دۆلەت قۇرۇش پروگراممىسى» دا ئۇيغۇرلار دىيارىنى رەسمىي «مۇستەملىكە قىلىش» لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ، «مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن» تۆمۈر يول قۇرۇش ۋە 10 مىليون ئاھالە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزگەنىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى، گومىنداڭ ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇۋاتقان تاران ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، سۇن جوڭشەننىڭ بۇ غايىسىنى كېيىنكى جاڭ كەيشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ دائىرىلىرى ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلگەن.
ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي قاتارلىق خىتاي مىلىتارىستلىرى دەۋرىدە ئۇيغۇر دىيارىغا كۆپلەپ خىتاي ئاھالىسىنى يۆتكەش پىكىرلىرى داۋاملىشىپ، مەلۇم ساندا خىتايلار ئۆزلۈكىدىن كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت تەرىپىدىن بىۋاسىتە كەڭ كۆلەمدە يۆتكەش ئەمەلگە ئاشمىغانىدى.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلار بۇ زېمىندا ئەزەلدىن كۆپ سانلىق خەلق ئىدى. خىتايلارنىڭ بۇ زېمىنغا كېلىشى 18-19-ئەسىردىكى مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ تەكرار ئىشغالىيەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. خىتاي نوپۇسى ئاساسلىقى مانجۇ ۋە خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ ھاكىمىيەت مەركەزلىرى بولغان ئىلى ۋادىسىدىكى كۈرە قاتارلىق جايلار، ئۈرۈمچى ئەتراپى ھەم بارىكۆل قاتارلىق جايلارغا تارقالغانىدى. 1940-يىللارغا كەلگەندە خىتايلارنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسى يەنىلا ئاز بولۇپ، 1944-يىلىدىكى گومىنداڭنىڭ «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى» نىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش مەلۇماتىدا خىتايلار پۈتۈن ئاھالىنىڭ 5.5% نى تەشكىل قىلغان. خىتاينىڭ 1947-يىلى 8-ئايدا شاڭخەيدە چىققان «يېڭى زامان» ژۇرنىلىدا مەزكۇر نوپۇس مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇ مەلۇماتتا ئۇيغۇرلار بولسا ئەڭ كۆپ خەلق بولۇپ، پۈتۈن ئاھالىنىڭ 76.5% نى تەشكىل قىلغان. پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئاھالىنىڭ تەخمىنەن 93.5% نى ئىگىلىگەنىدى.
بىرقىسىم تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا 1943-يىلى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن شېڭ شىسەي، جاڭ كەيشى قاتارلىقلار شىنجاڭغا بىر مىليون ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلغان. 1944-يىلى 11-ئايدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق «غەربىي شىمال تاشيول ۋە قاتناش ئىدارىسى» نىڭ باشلىقى ۋە كېيىن خىتاي ئارمىيەسى باش قوماندانىنىڭ ئورۇنباسارى بولغان خې جىڭۋۇ مەخسۇس ئاھالە يۆتكەش لايىھەسى تەييارلاپ بۇنى جاڭ كەيشىگە سۇندى. خې جىڭۋۇ 7 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىغا 500 مىڭ ئادەمنى دۆلەت پىلانى بويىچە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ زېمىندىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر مەخپىي ئارخىپ تەيۋەندىكى دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھۆججەتنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان تاران ئۇيغۇرنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمى 7 يىللىق مۆھلەت ئىچىدە ھەربىي سەپتىن يانغان ۋە مەجرۇھ ئەسكەلەر، ھەر خىل شەكىلدىكى ئاھالىلەر، ھەتتا بالىلارغىچە تۈركۈملەرگە بۆلۈپ ئەكېلىپ ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان. ھەتتا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ۋاقىت ۋە جايلارنىڭ ئورنىمۇ پىلانلانغان.
مەزكۇر ئاھالە يۆتكەش لايىھەسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ئەسكەرلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشى بولۇپ، بۇ 200 مىڭ ئۇرۇشتا يارىلىنىپ تەقدىرلەنگەن ۋە يارىلىرى ساقىيىپ بولغان، بىكار ياتقان ئەسكەرنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلار ئارقىلىق بوز يەر ئېچىش، يەنى بۇ ئەسكەرلەرنى شۇ ئارقىلىق ماكانلاشتۇرۇشتۇر.
لېكىن، خىتاي گومىنداڭ دائىرىلىرى مەزكۇر 500 مىڭ ئادەم يۆتكەش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى.
بۇنىڭدىكى سەۋەب، 1944-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1945-يىلى 10-ئايلارغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەتنى ئازاد قىلىش ھەم جەنۇب ۋە باشقا ھەرقايسى جايلاردا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋجى ئېلىشى ئىدى.
تۈركىيەدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قارىشىچە، گەرچە زو زوڭتاڭ دەۋرىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانغا زور ساندا خىتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈمىدى بولسىمۇ، بىراق بۇلار ئەمەلگە ئاشماي كەلدى. 1940-يىللاردىكى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بەرمىدى.
لېكىن خىتاي مەركىزىي ھاكىمىيىتىدە تۆمۈر يول قۇرۇپ، لەنجۇ بىلەن ئۈرۈمچىنى تۇتاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆپلەپ ئاھالە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئاز جايلاردىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش، ھەتتا زىيالىيلار، كادىرلار، گومىنداڭ پارتىيەسى ئەزالىرى، كەسپىي خادىملارنى «شىنجاڭغا بېرىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش»، بۇلارنىڭ كۈچى بىلەن ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە بۇلارنىڭ بىرقىسىملىرى قەدەممۇ-قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇلغان. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاھالە يۆتكەش پىلانى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇش ۋە مۇستەملىكە قىلىشنى كۈچەيتىش بولۇپ، يەرلىك خەلققە ھېچقانداق مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەمەس ئىدى.
تەپسىلاتنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.