دەھشەتلىك داخاۋ لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر -تالىپ بارات

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.09.20
sowet-gulag-1.jpg سوۋېت كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى ستالىن دەۋرىدە 30 يىل ئەتراپىدا يولغا قويۇلغان دەھشەتلىك جازالاش لاگېرلىرى بولغان «گۇلاگ». 2012-يىلى 2-نويابىر.
AP

بۇ يىلدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە شۇنىڭدەك قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەت ۋەكىللىرىنى «تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا سولاپ، ئۇلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش، جىسمانىي، مەنىۋى ھەتتا ئېتنىك جەھەتتىن خورلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، مەشھۇر دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا جان ئۈزگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلار قاپلىغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ لاگېرلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گىتلېر فاشىزمى يەھۇدىيلار، سىياسىي جىنايەتچىلەر ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى سولاش ئۈچۈن قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئوخشىتىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ناتسىستلارچە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىنىش مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىپ، بۇ مەسىلە ب د ت نىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كومىتېتى تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بىر قىسىم خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېمبارگو قوللىنىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ كۈنلەردە رۇس تىلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گىتلېر فاشىستلىرىنىڭ داخاۋ لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە ئائىت يازمىلار ئېلان قىلىندى.

رۇس تىلىدىكى بىر قىسىم تور بەتلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «زارودىنۇ. ئىنفو» ۋە باشقىلاردا شۇنىڭدەك فەيسېبوك تورىدىكى «تۈركىي خەلقلەر ئىتتىپاقى»دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىنىڭ سەھىپىلىرىدە 1944-يىلى داخاۋ يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغان تالىپ باراتوف ئىسىملىك سوۋېت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوفىتسېرىنىڭ داخاۋ لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت تەپسىلات ئېلان قىلىندى.

تالىپ باراتوف ھەققىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تالىپ ھەسەن ئوغلى باراتوف 1920-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر. ئۇ سەككىزىنچى سىنىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1940-يىلى سوۋېت ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، بالاشوف ھەربىي ئاۋىئاتسىيە مەكتىپىدە ئۇچقۇچىلىقنى ئۆگەنگەن. مەكتەپنى سېرزھانت ئۇنۋانى بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1942-يىلى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى فرونتىغا ئاتلىنىپ، گىتلېر گېرمانىيەسى قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ كالىنىن فرونتىغا قاراشلىق بىرىنچى ھاۋا ھۇجۇمچى كورپۇسى، 292- ھاۋا ھۇجۇمچى دېۋىزىيەسىنىڭ 820- ھاۋا پولكىدا ئۇچقۇچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ، بۇ جەرياندا كۆپ ھاۋا ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ۋە 1943-يىلى 8-ماي كۈنى ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن كىچىك لېيتېنانت ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇ جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتكەن ئۇچقۇچى ئىدى.
1943-يىلى، 3-ئاۋغۇست كۈنىدىكى گېرمان قوشۇنلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ئوپېراتسىيەسىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئۇ ھەيدىگەن ئايروپىلانغا ئوق تېگىپ، سالامەت يەرگە قونغاندىن كېيىن ئۇ گېرمان قوشۇنىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ پولكى يۇقىرىغا تالىپ باراتوفنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە دوكلات يوللىغان.

تالىپ باراتوفنىڭ ئالمۇتادىكى ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان دېگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن بىرەر ئۇچۇر كېلىشىنى كۆپ يىللار كۈتۈپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئالاھازەل 70 يىل ئۆتكەندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ داخاۋ مۇزېيى تالىپ باراتوفنىڭ مەزكۇر لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت ھۆججەتنى تېپىپ ئاشكارىلىغان ۋە رۇسىيە تەرەپنىڭ «خاتىرە» فوندىمۇ بۇ ئۇچۇر بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇچۇرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەردار بولغان.

1941-1945-يىلى ئارىسىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى پۈتۈن خەلق، يەنى ھەر مىللەت خەلقى تەڭ قاتناشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرۇش مەزگىلىدە 18-ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ھەر مىللەت ئەرلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەرلىرى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئالدىنقى سەپلەردىكى جەڭلەرگە قاتناشقان بولۇپ، تالىپ باراتوف ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇنيا خەلقى بىلەن بىر سەپتە ناتسىسىزمغا، يەنى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشقا ئۆزىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىسىنى قوشتى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھەتتا موسكۋا، ستالىنگراد، بېرلىن ۋە باشقا شەھەرلەردىكى جەڭلەرگە قاتناشتى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرى ياۋروپادا قالدى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شەرقتە ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، مانجۇرىيە جەڭ مەيدانلىرىدا بولدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى 1941-1945-يىلى ئارىسىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا 28 مىليونغا يېقىن سوۋېت پۇقراسى ئۆلگەنلىكىنى ھەم 4-5 مىليون ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەنە شۇ قاتاردا ئۇرۇشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆلدى ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ قەبرىلىرى 70 يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بايقىلىش ئەھۋالى يۈز بەردى. يېقىندا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇشتا ئۆگەن ئەجدادىنىڭ قەبرىسىنى 70 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن رۇسىيەدىن تاپقانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى.

تالىپ باراتوف ئەسلى 1882-1883-يىللىرى ئىلىدىن يەتتىسۇغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇرۇش سەپلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.

تالىپ باراتوفنىڭ سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ئارمىيە مەكتىپىگە تاللىنىپ، ئۇچقۇچى بولۇشى ئۇنىڭ مائارىپ تەربىيەسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
تالىپ باراتوفقا ئائىت ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ 1943-يىلى 3-ئاۋغۇست كۈنى گېرمان ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن ئىلگىرى-كېيىن ليۇفتۋاففې 2 ۋە لىتسمانشتادت لاگېرلىرىدا تۇرغان، 1943-يىلى، 11-ئايدا ستالاگ لاگېرىغا سولانغان. ئەمما 1944-يىلى، 29-يانۋار كۈنى فاشىستلار ئەسىرگە چۈشكەن سوۋېت ئوفىتسېرلىرىنى پويىز بىلەن يۆتكەش جەريانىدا 33 نەپەر ئەسىر قاچقان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە تالىپمۇ بولغان. قاچقان 28 ئوفىتسېر دەرھال قولغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما تالىپ ۋە باشقا ئۈچ ئادەم قېچىپ يۈرگەندىن كېيىن 1944-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى قايتا قولغا چۈشكەن ۋە داخاۋ لاگېرىغا ئېلىپ كېلىنىپ، ئەڭ دەھشەتلىك بولغان ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىدىغانلار كامېرىغا سولاپ قويۇلۇپ، 1944-يىلى 22-فېۋرال كۈنى ئۆلتۈرۈلۈپ، داخاۋ لاگېرى تەۋەلىكىدىكى جايلارنىڭ بىر يېرىگە كۆمۈۋېتىلگەن. لېكىن، ئۇنىڭ نەگە كۆمۈلگەنلىكى نامەلۇم قالغان.

تالىپ باراتوفنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ 70 يىل خەۋىرىنى ئالالمىغانلىقىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ فامىلىسىنىڭ ھەر خىل يېزىلىشى ۋە سوۋېت تەرەپنىڭ ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولالماسلىقىدىن ئىبارەت ئىكەن. ھەتتا رۇسچە ھۆججەتتە ئۇنىڭ مىللىتى ئۆزبېك، فامىلىسى ئالېكساندروف دەپمۇ كۆرسىتىلگەن. ئاخىرى بۇ سىرنى يەنىلا گېرمانىيە تەرەپ، يەنى داخاۋ ئارخىپ- ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 70 يىلدىن كېيىن ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، بۇ رۇسىيەنىڭ خاتىرە فوندى تەرىپىدىن سوۋېت ھۆججەتلىرى بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە تالىپنىڭ داخاۋ لاگېرىدا تارتىلغان سۈرىتى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن تونۇلۇپ بېكىتىلگەن.

تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى گىتلېر فاشىزمى داخاۋ لاگېرىدەك ئەڭ دەھشەتلىك لاگېرىدا ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرگەن ئادەملىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرغانلىقى ھەيران قالارلىق ئىش. گېرمانچە يېزىلغان ئارخىپتا تالىپ باراتوفنىڭ سۈرىتىدىن باشقا ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرى، يىلى ھەم ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى تولۇق يېزىلغان ئىكەن.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مەشھۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن گېرمانىيەنىڭ باۋاريە شتاتىغا جايلاشقان داخاۋ لاگېرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ۋەھشىي لاگېرلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1933-يىلى قۇرۇلۇپ، 1945-يىلى 29-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغۇچە 12 يىل مەۋجۇت بولغان بۇ لاگېرىدا 188 مىڭ ئادەم تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 31 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان ئىدى.

2015-يىلى، تالىپ باراتوفنىڭ ئەۋلادلىرى داخاۋ مۇزېيى بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن داخاۋ لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەن 33 سوۋېت ئوفىتسېرى قاتارىدا تالىپ باراتوفنىڭ ئىسمىمۇ كىرگۈزۈلۈپ، داخاۋ مۇزېيىدا مەخسۇس خاتىرە تاختىسى ئورنىتىلغان. تالىپ بارات ناتسىستلارنىڭ ئەڭ ۋەھشىي، يەنى مىڭلىغان يەھۇدىيلار ۋە باشقا ھەر مىللەت كىشىلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن، خورلانغان، ئازابلانغان، ھەقسىز ئەمگەكلەرگە سېلىنغان، ھەر خىل تېببىي ۋىرۇسلىرىنى سىناق قىلىشقا ئۇچرىغان داخاۋ لاگېرىدىكى ئەڭ ۋەھشىيانە قىيناش كامېرلىرىنىڭ بىرىدە 10 نەچچە كۈن ياتقۇزۇلۇپ قاتتىق قىينىغاندىن كېيىن ناتسىستلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغان بىرى بولۇپ قالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.