خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى تۆت ئۆلكىگە پارچىلاش چۈشىنىڭ باش-ئايىغى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.05.27
Milliy-armiye-1944-yili.jpg مىللي ئارمىيە ئوفىتسېر جەڭچىلىرى
Photo: RFA

1930-يىللاردىن 1945-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي نەزەرىيەچىلىرى، سىياسىيونلىرى، ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار دىيارى، يەنى «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نى «ئىككى»، «ئۈچ»، «تۆت» ۋەياكى «ئالتە» ئۆلكىگە بۆلۈۋېتىش ئىدىيەلىرى ۋە پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ پارتلاپ ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇپ تېزلىكتە غەلىبىلەرگە ئېرىشىپ، شىددەت بىلەن پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىغا قاراپ كېڭىيىپ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھاكىمىيىتى پاچاقلىنىپ تاشلىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئەھۋال ئاستىدا «شىنجاڭ ئۆلكىسىنى پارچىلاپ باشقۇرۇش» تەشەببۇسى يەنە قايتىدىن ھۆكۈمەت رەھبەرلىكى ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى قاتلىمىدا كۆتۈرۈلدى.

ئامېرىكادىكى تارىخ تەتقىقاتچىسى، گومىنداڭ ئارخىپلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارى تارىخىغا ئائىت ھۆججەتلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تاران ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، 1945-يىلى 8-ئايدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۆلكىسى» رەئىسى ۋۇ جوڭشىن «شىنجاڭ ئۆلكىسىنى 4 ئۆلكىگە ئايرىش» لايىھەسىنى تۈزۈپ، جاڭ كەيشىگە يوللىدى. ۋۇ جوڭشىننىڭ بۇ پىلانى «شىنجاڭ ئۆلكىسىنى قايتىدىن ئايرىش تەشەببۇسى» دەپ ئاتالغانىدى. ۋۇ جوڭشىن ئەڭ مۇھىمى زو زوڭتاڭ بۇ جاينى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ، بۇ رايوننى ئىككى ئۆلكىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ئويىدا بولغانلىقى، ھەتتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىمۇ ئىككى ئۆلكىگە بۆلۈش پىكىرى بولغانلىقى ۋە شىنجاڭنى بۆلۈپ باشقۇرۇش تەشەببۇسلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋۇ جوڭشىننىڭ بۇ لايىھەسىگە ناھايىتى ئېتىبار بەرگەن بولۇپ، جاڭ كەيشى جاڭ جىجوڭنى ئۈرۈمچىگە سۆھبەتكە ئەۋەتكەندە بۇ لايىھەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولامدۇ يوق قاراپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تاران ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، لېكىن شەرقىي تۈركىستان تەرەپ بىلەن خىتاي تەرەپ سۆھبەت باشلىغانلىقى ئۈچۈن جاڭ كەيشى بۇ پىلاننى ۋاقتىنچە قالدۇرۇپ قويىدۇ.

لېكىن جاڭ جىجوڭ «شىنجاڭنى بۆلۈش» توغرا كەلسە ئىككى ئۆلكىگە ئايرىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە ۋۇ جوڭشىننىڭ لايىھەسى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدە كۆپ قىزىقىش ۋە غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى تۇشمۇتۇشتىن ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

ھەتتا جاڭ كەيشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى تاڭ سوڭ 1945-يىلى 10-ئايدا جاڭ كەيشىگە «شىنجاڭ مەسىلىسى» ھەققىدىكى پىكىرىنى بىلدۈرگەندە شىنجاڭ ئۆلكىسىنى كىچىكلىتىش، يەنى 6 ئۆلكىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

گومىنداڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ۋۇ جوڭشىننىڭ مەزكۇر 4 ئۆلكىگە بۆلۈش تەشەببۇسىغا، ئومۇمەن، شىنجاڭنى بۆلۈپ باشقۇرۇشقا قارشى چىققانلارمۇ بار بولغان بولۇپ، بولۇپمۇ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىدە خىزمەتتە بولۇپ تۇرغان مەسئۇد سەبىرى، ئەيسا ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى مۇنداق تۆت ئۆلكىگە بۆلۈش پىلانىغا قارشى تۇرۇپ، مەخسۇس يەتتە ماددىلىق تەلەپ سۇنۇپ، خىتاي تەرەپنى توسۇپ قېلىشقا تىرىشقانىدى.

جاڭ كەيشى گەرچە ئۇيغۇرلار دىيارىنى كۆپ ئۆلكىلەرگە بۆلۈش مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپتىن ۋاقتىنچە قالدۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرە ۋە پىكىر-تەكلىپلەر داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تۇرۇلغان.

تەپسىلاتنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.