ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، سەنئىتى ۋە باشقىمۇ ساھەلىرى بويىچە تەتقىقاتلار ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن كېيىن كەڭ دائىرىدە ئەۋج ئالغان ئىدى. بۇ يۆنىلىشتە بولۇپمۇ سوۋېت ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىنى ئېيتىش كېرەك. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، ئۇنىڭ تەتقىقات ساھەلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، دۇنيا مىقىياسىدىكى ئۇنىڭ رولىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئالاقىلەرنى مۇستەھكەملەش شۇ ۋاقىتلاردا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەردىن بولغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى تۈركىي تىللار بۆلۈمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1966 - يىلى موسكۋادا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئۇچرىشىشى بۇ ساھەنىڭ تارىخىدا مۇھىم ۋەقە بولدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئۇچرىشىشقا رۇسىيەلىك، قازاقىستانلىق ئالىملاردىن تاشقىرى مەشھۇر شۋېت ئالىمى گۇننار يارىنگمۇ قاتناشتى. بۇ باش قوشۇشتا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرى ھەم ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كېلەچىكى مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى. بۇ مەسىلىلەر 1979 - يىلى ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكەن 1 - جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قارالدى.
بۇنىڭدىن 35 يىل مۇقەددەم ئۆتكەن مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى نېمە ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلدى ھەم كىم تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى؟ ئۇنىڭغا كىملەر قاتناشتى؟ يىغىننىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى نېمىدە بولدى؟
بىز بۇ ھەقتە ئەنە شۇ يىغىن قاتناشقىچىلىرىنىڭ بىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مۇنىر يېرزىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00