خىتاي كومپارتىيەسى: كرېمىل كۆلەڭگىسى ئاستىدىكى «تۆرەلمە» (1)
2021.07.01

100 يىل بۇرۇنقى سوۋېت ئىستىخباراتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى
خىتاي كومپارتىيەسى بۈگۈن ئۆزىنىڭ 100 يىللىقىنى تارىخىدىكى ئەڭ دەبدەبە ۋە داغدۇغا بىلەن خاتىرىلىمەكتە ھەم ئۆزىنىڭ 100 يىللىق تارىخىدىن ۋە مۇساپىسىدىن ئەڭ يۇقىرى شەرەپ ھېس قىلماقتا شۇنىڭدەك 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىنى «ئۇلۇغ جۇڭگو كومپارتىيەسى» نىڭ دۇنياغا كېلىپ، «جۇڭگو خەلقىگە پارلاق تەرەققىيات يولى» ئاچقان «مۇقەددەس كۈن» دەپ ئۇلۇغلىماقتا. ئۇنداقتا بۇ 100 يىللىق تارىخ قانداق تارىخ؟ قانداق مۇساپە؟ مەزكۇر 100 يىل ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ باشلىنىشىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ باشلىنىشنىڭ بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىق قىلمايدىغان يەنە بىر مۇھىم يۈزى، ئۇنىڭ رۇسىيەدىكى لېنىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلار، يەنى بولشېۋىكلارنىڭ 1917-يىلى 7-نويابىر كۈنىدىكى «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى»، يەنى قانۇنلۇق رۇسىيە جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەيدىغان «ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشى» نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن سوۋېت كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ «خىتايدىكى تۆرەلمىسى» دەپ قارالغانلىقى ئىدى.
خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ تۇنجى يىغىنىنى ئېچىپ، دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بېكىتكەن ئۆي، يەنى ھازىرقى خاتىرە سارىيىدا خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرغان ئادەملەرنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىلغان بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى چەتئەللىكنىڭ سۈرىتىمۇ «1-قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرى» سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان. بۇ ئىككى پاكىت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق تۆرەلدۈرۈلگەنلىكىنىڭ دەلىلى ئىدى. بۇلارنىڭ يېشى چوڭراق كۆرۈنۈشتىكىسى خىتايدا مارىڭ، يەنە بىرى نىكولسكي نامى بىلەن ئاتالغان كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال، ئېنىقراقى ئەسلى سوۋېت رۇسىيەسى جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى، يەنى «جاسۇسلىرى» دىن ئىبارەت ئىدى. پۈتۈن خىتايدىكى 7 مەخپىي كوممۇنىستىك گۇرۇپپىنىڭ 50 نەچچە نەپەر ئەزاسى، يەنى پۈتۈن خىتايدا بار-يوقى 50 نەچچە كوممۇنىستنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە 12 ئادەم جاي-جايلاردىن شاڭخەيگە كېلىپ، ئەنە شۇ مارىڭ ۋە نىكولسكىينىڭ تەشكىللىشى، ئۇيۇشتۇرۇشى ئاستىدا 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە شاڭخەيدىكى فىرانسىيە كونسېسسىيەسى تەۋەسىدىكى بىر قورۇدا يىغىن ئېچىپ، ئاخىرىدا «خىتاي كومپارتىيەسى» قۇرۇلغانلىقىنى بېكىتتى. ئامېرىكادىكى «بېيجىڭ باھار» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، خىتاي كومپارتىيەسى تارىخى ۋە سىياسىتى مەسىلىلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلتىيى ۋە كومپارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي كوممۇنستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، مەزكۇر خىتاي كوممۇنىستلىرى باشتىن ئاخىرى پۈتۈنلەي موسكۋانىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئۇنىڭ تارمىقى ئاستىدا، ياچېيكىسى سۈپىتىدە قورچاق ھالدا مەۋجۇت بولدى. مارىڭ ۋە نىكولسكىي قاتارلىقلار، بولۇپمۇ مارىڭ يىغىنغا ئادەتتىكىدەك قاتناشقۇچى ئەمەس بەلكى ئۇنى تەشكىللىگۈچى، ئاچقۇچى شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرغۇچىلار ئىدى.
خىتايدا كوممۇنىستىك ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولۇشى، كومپارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاخىرىدا رەسمىي خىتاي كومپارتىيەسى نامىدىكى بىر رەسمىي پارتىيەنىڭ دۇنياغا كېلىشى لېنىن رۇسىيەسىنىڭ 1918-1923-يىللىرى ئارىسىدا غەرب دۇنياسى، يەنى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇش، بولشېۋىكلارغا قارشى رۇسىيە دېموكراتىك گۇرۇپپىلىرى، ئاقلار ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى قوللاپ، ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق سوۋېت كوممۇنىستلىرىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت قاتتىق قارشىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
سوۋېت رۇسىيەسى بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئىنقىلابى، دۇنيا كوممۇنىزم ھەرىكىتى قوزغاش، خىتاي، ھىندىستان ۋە باشقا شەرقتىكى مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئىمپېرىئالىزمغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش ئۇسۇلى قوللىنىش ئىستراتېگىيەسىنى تاللىغانىدى. ئەنە شۇ مەقسەتتە 1919-يىلى 3-ئايدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي سۇن جوڭشەن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ پارتىيەسى بېيجىڭنى بازا قىلغان شىمالىي مىلىتارىستلاردىن ئايرىلىپ گۇاڭجۇنى بازا قىلغان. پۈتۈن خىتاي بولسا شىمالىي مىلىتارىستلارنىڭ قولىدا، يەنى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قولىدا ئىدى. بۇ ھاكىمىيەت ياپونىيە ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بىر رامكا ئاستىدا ئىدى. لېنىن رۇسىيەسى خىتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، غەرب كۈچلىرىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يىراق شەرق ئارقىلىق ئۆزىنى يوقىتىشىدىن ساقلىنىش پىلانىنى تۈزدى. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە سۇن جوڭشەن بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، خىتاينى ئىچكى جەھەتتە بىر-بىرىگە قارشى تۇرغۇزۇش چارىسى قوللاندى. ئەنە شۇ ھەرىكەتلەردە سوۋېت جاسۇسلۇق ئورگانلىرى خىتايدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلدى. رۇسىيە تارىخچىسى، پروفېسسور ۋېكتور ئۇسوفنىڭ «20-يىللاردىكى خىتايدىكى سوۋېت رازۋېدكىسى» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، سوۋېت جاسۇسلۇق ئورگانلىرى 1920-يىللاردىن باشلاپ، شاڭخەي، تيەنجىن، بېيجىڭ، خاربىن قاتارلىق جايلاردا ئۆزىنىڭ مەخسۇس خادىملىرىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى بار ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ۋويتىنسكىي باشچىلىقىدىكى خىتايدا كومپارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىدى. ۋويتىنسكىينىڭ تولۇق ئىسمى گرىگورىىي نائۇموۋىچ ۋويتىنسكىي بولۇپ، ئۇ 1920-يىلى 4-ئايدا رۇسىيە بولشېۋىكلىرى پارتىيەسى يىراق شەرق بيۇروسى ۋلادىۋوستوك شۆبىسى چەتئەل بۆلۈمىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بىر گۇرۇپپا كىشىنى باشلاپ ئالدى بىلەن بېيجىڭغا كېلىپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى لى داجاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، بېيجىڭدا كوممۇنىستىك پارتىيە گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان، ئارقىدىن ئۇ شاڭخەيگە بېرىپ، چېن دۇشيۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە 7-ئايدا شاڭخەيدە كوممۇنىستىك پارتىيە گۇرۇپپىسىنى قۇردى ۋە ئارقىدىن 8-ئايدا سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ناملىق تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋويتىنسكىينىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىشى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانىدى. ئارقىدىن ئۇ شاڭخەيدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىراق شەرق بيۇروسىنى قۇردى. رۇسىيە ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەيدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنى مەبلەغ جەھەتتىن پۈتۈنلەي ۋويتىنسكىي تەمىنلىگەن بولۇپ، تەيۋەن تارىخچىسى پېي يىرەننىڭ رۇس مەنبەلىرى بويىچە كۆرسىتىشىچە، شۇ قېتىم ۋويتىنسكىي ئۆزى بىلەن 2000 دوللار مەبلەغ ئېلىپ بارغان.
ۋويتىنسكىي 1921-يىلى 1-ئايدا كېتىپ، 6-ئايدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىدىن تېگى گوللاندىيەلىك كوممۇنىست مارىڭ ۋە نىكولسكىينى شاڭخەيگە مەخسۇس خىتاي كومپارتىيەسىنى رەسمىي قۇرۇشقا مەلۇم مەبلەغ بىلەن كەلدى. بۇلار قارىماققا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال تەرىپىدىن ئەۋەتىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار لېنىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيە تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئىدى. مارىڭنىڭ ئەسلى ئىسمى خېنك سنېۋلېت ئىدى.
رۇسىيەلىك ژۇرنالىست ۋە تارىخچى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن نىكولسىكىينىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە ئىزدەنگەن بوتاجاپ رادنايېفنىڭ تەكشۈرۈشىچە، نىكولسكىي ئۇنىڭ خىتايدا قوللانغان مەخپىي ئىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ۋلادىمىر ئابراموۋىچ نېيمان ئىدى. ئۇنىڭ يەنە بېرگ، ۋاسىلىي دېگەندەك بىر قانچە ئىسىملىرى بار ئىدى. نېيمان رۇسىيەنىڭ بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارگۇزۇن رايونى، چىتكان كەنتىدە كەمبەغەل يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1919-1920-يىللىرى قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان ۋە سوۋېت رۇسىيەسى بىخەتەرلىك ئورگىنى-دۆلەتلىك سىياسىي باشقارمىسىنىڭ ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ خادىمى، قىزىل ئارمىيە 5-كورپۇسى شتابىنىڭ رازۋېدكا خادىمى، مانجۇرىيە ۋە خەيلاردا تۇرۇشلۇق ئىستىخبارات، يەنى جاسۇسلۇق خادىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان كەسپىي ئىستىخبارات خادىمى ئىدى.
مارىڭ ۋە نىكولسكىي بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى موسكۋادىن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەربىر يىغىن قاتناشقۇچىسىنىڭ يول خىراجىتى ۋە باشقا خىراجەتلەر موسكۋا تەمىنلىگەن مەبلەغ بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى. يىغىن 23-ئىيۇل باشلىنىپ 30-ئىيۇلغا كەلگەندە يوچۇن كىشىنىڭ گۇمان قوزغىشى بىلەن مارىڭ يىغىننى دەرھال توختىتىپ ھەممەيلەننى تارقىتىۋەتتى ھەم ئاخىرقى يىغىن جېجاڭدىكى بىر كۆلدە كېمە ئۈستىدە ئېچىلىپ خۇلاسە چىقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، چېن دۇشيۇ تۇنجى سېكرېتار بولدى. خىتاي كومپارتيەسى شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق موسكۋانىڭ مەبلىغى، بۇيرۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆز ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى ( داۋامى بار)