«خىتاي كومپارتىيەسى: كرېمىل كۆلەڭگىسى ئاستىدىكى تۆرەلمە» (2)
2021.07.22
موسكۋانىڭ 1800 سومى بىلەن قۇرۇلغان خىتاي كومپارتىيەسى
خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز تارىخىنى بايان قىلغاندا ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ قوللىشى ھەم ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنىلا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى يوشۇرغانىدى. پاكىتلار كۆرسەتتىكى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كېيىنكى كۆپ يىللار كونترول قىلىنىشى پۈتۈنلەي سوۋېت ھۆكۈمىتىگە باغلىق ئىدى. ئامېرىكادا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، خىتاي كومپارتىيەسى تارىخى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۈگۈن سۆزلەۋاتقان بىر يۈرۈش تارىخلىرى يالغان سۆزلەر، يالغانچىلىقتىن ئىبارەتتۇر».
ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال، سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە بىر قوللۇق باشقۇرۇشىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ تاكى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال تارقالغۇچە پۈتۈنلەي كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال، يەنى سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇشى، كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئۇنىڭ بىر ياچېيكىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولدى. ئۇنىڭ بىر مۇستەقىل سالاھىيىتى يوق ئىدى. ئۇنىڭ سىياسەت ۋە يۆنىلىشلىرى، ئاساسلىق كادىر تەيىنلەش ۋە تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرى قاتارلىقلىرىنىڭ ھەممىسى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق بولاتتى.
رۇسىيەدىكى يىراق شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، خىتايشۇناس پروفېسسور ۋېكتور ئۇسوف ئۆزىنىڭ «1920-يىللاردىكى خىتايدىكى سوۋېت رازۋېدكىسى» ناملىق كىتابىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئىشلىرى سوۋېت ئىستىخبارات، يەنى جاسۇسلۇق ئورگانلىرى، جاسۇسلۇق تورلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ۋە ئىجرا قىلىنغان. قىسقىسى، خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلىيەتتە لېنىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت رۇسىيەسى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ھەم سوۋېت كوممۇنىست جاسۇسلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق قۇرۇلدى ھەم باشقۇرۇلدى.
مانا بۇ جەرياندا نەچچە ئونلىغان سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ چېكا-گ پ ئۇ-ئو گ پ ئۇ-ن ك ۋ د خادىملىرى، يەنى «جاسۇسلىرى» خىتايدا مەخپىي خىزمەت قىلدى. خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرۇشتا رول ئوينىغان ۋويتىنسكىي، نىكولسكىي، يەنى نېيمان ۋە ماررىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئەنە سوۋېت جاسۇسلۇق ساھەسىگە مەنسۇپ ئىدى.
1917-يىلى 11-ئايدا سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە كەمبەغەل بولۇشىغا قارىماي يىراق شەرقتە، جۈملىدىن خىتايدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش، كومپارتىيە قۇرۇش ۋە كومپارتىيەنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق ھەر خىل ئىشلار ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجراتقان. رۇسىيە تارىخچىسى ۋېكتور ئۇسوفنىڭ ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپلار بويىچە يېزىپ چىققان «1920-يىللاردىكى خىتايدىكى سوۋېت رازۋېدكىسى» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1919-يىلىلا سوۋېت رۇسىيەسى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى لېۋ كاراخان خىتاي قاتارلىق شەرقتە ھەرىكەت قوزغاش ئۈچۈن لېنىندىن 200 مىڭ رۇبلىى ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە زور بىرقىسىم مەبلەغلەر ئايرىپ بېرىلگەن. بۇلار ئىچىگە ئەنە شۇ كوممۇنىستىك ھەرىكەت قوزغاش، كومپارتىيە قۇرۇش، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە باشقىلارمۇ كىرەتتى.
لېنىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيەسى 1919-يىلى3-ئايدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇپ چىقتى. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ مەبلىغى پۈتۈنلەي سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن كېلەتتى. 1920-يىلى لېنىن رۇسىيەسى خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرۇش، خىتايدا كوممۇنىستىك ھەرىكەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ۋويتىنسكىي باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپىنى 2000 دوللار بىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتتى. ۋويتىنسكىي بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە كوممۇنىستىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇردى شۇنىڭدەك كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال يىراق شەرق سېكرېتارىياتىنى شاڭخەيدە بەرپا قىلدى. ۋويتىنسكىي شاڭخەي ۋە باشقا جايلاردىكى دەسلەپكى كوممۇنىستلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيتتى.
1920-يىلى كۈزدە خىتاي كومپارتىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ شاڭخەيدە چىقارغان «يېڭى ياش» ژۇرنىلىمۇ سوۋېت رۇسىيەسى بەرگەن مەبلەغ بىلەن چىقىرىلىشقا باشلىغان.
موسكۋا ئەۋەتكەن ماررىڭ ۋە نىكولسكىي 1921-يىلى 7-ئايدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرۇش قۇرۇلتىيىنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى موسكۋادىن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەربىر يىغىن قاتناشقۇچىسىنىڭ يول خىراجىتى ۋە باشقا خىراجەتلەر موسكۋا تەمىنلىگەن مەبلەغ بىلەن بىرتەرەپ قىلىندى.
ماۋ زېدوڭ قاتارلىق 12 نەپەر يىغىن قاتناشقۇچىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇلى يوق، ئوقۇتقۇچى، زىيالىي قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز جايلىرىدىن شاڭخەيگە كەلگىدەك پۇللىرىمۇ يوق ئىدى. ماررىڭ ۋە نىكولسكىي ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چىقىملىرىنى بىراقلا بەرمەستىن ئىككىگە بۆلۈپ بەرگەن. تارىخشۇناس پېي يىرەننىڭ ئاشۇ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئەسلىمىلىرىدىن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنى قۇرۇش قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەربىرىگە جەمئىي 150 يۈەن خىراجەت بېرىلگەن بولۇپ، 100 يۈەن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ شاڭخەيگە كېلىشى ئۈچۈن ئەۋەتىپ بېرىلگەن. قۇرۇلتاي ئاخىرلىشىپ ئۇلار قايتىدىغاندا يەنە 50 يۈەن قايتىش يول پۇلى سۈپىتىدە بېرىلگەن. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ماۋ زېدوڭنمۇ موسكۋا بەرگەن ئاشۇ يول پۇلى بىلەن خۇنەندىن كېلىپ قۇرۇلتايغا قاتناشقانىدى.
دېمەك لېنىن باشچىلىقىدىكى رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيەسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى قۇرۇلتىيى ئۈچۈن تەخمىنەن 1800-1500يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چىقىملىرىنى داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرغان. «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلى باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز خەلقىگە سۆزلىمەيدىغان تارىختۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ 1921-يىلى سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ چىقارغان ئەنە شۇ پۇللىرى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى سۆزلەشتىن نومۇس قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ سۆزلەيدىغىنى بىر يۈرۈش يالغان سۆزلەردىن ئىبارەت. ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسى كېيىن تەشۋىق قىلغاندەك ماۋ زېدوڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەس، ئۇ پەقەت3-قۇرۇلتايدىلا مەركىزىي كومىتېتقا ئەزا بولالىدى. بۇرۇنقى ئىككى قۇرۇلتايدا ئەزا ئەمەس ئىدى. ئۇ باشتىن ئاخىرى يېتەكچى ئەمەس ئىدى».
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتايلىرىنىڭ چىقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى سوۋېت كومپارتىيەسى چىقارغان ھەتتا پارتىيە سېكرېتارلىرىنىمۇ شۇلار تەيىنلىگەن. 1923-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 3-قۇرۇلتىيىمۇ رۇسىيە كومپارتىيەسىنىڭ مەبلىغى ۋە باشقۇرۇشىدا ئېچىلغان بولۇپ، پارتىيە سېكرېتارى چېن دۇشيۇ سىياسىي دوكلات بەرگەندە كومپارتىيەنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنىڭ رۇسىيە كومپارتىيەسىدىن كەلگەنلىكى، شۇ يىلى 15 مىڭ يۈەن بېرىلگەنلىكىنى دوكلات قىلغان. قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ماررىڭنىڭ موسكۋاغا يوللىغان دوكلاتىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 420 نەپەر ئەزاسى بارلىقى، بارلىق چىقىملارنىڭ چەتئەلگە تايىنىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
تارىخشۇناس پېي يىرەننىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى ھەر ئايدا تەمىنلەيدىغان پۇللىرى 1924-يىلى، 3000 يۈەن، 1925-يىلى 3650 يۈەن، 1927-يىلىدىن باشلاپ ھەر ئايدا 30 مىڭ يۈەن، 1932-1928-يىللىرى ئارىسىدا ھەر ئايدا 50 مىڭ يۈەن بولغان.
1927-يىلى سوۋېت رۇسىيە كومپارتىيەسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر تەرەپلىمە خىزمەتلىرى ۋە ئىشلىرى ئۈچۈن جەمئىي 1 مىليون كۈمۈش تەڭگە ئاجرىتىپ بەرگەن.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە، يەنى سوۋېت كومپارتىيەسى بارلىق چىقىملارنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسى ئۇنىڭ ھەممە بۇيرۇقلىرىنى ئاڭلايتتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بويسۇناتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتايلىرىنىڭ چىقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى سوۋېت كومپارتىيەسى چىقارغان ھەتتا پارتىيە سېكرېتارلىرىنىمۇ شۇلار تەمىنلىگەن، مەسىلەن كۆپچىلىك بىلىدىغان بوگۇ كومپارتىيە سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەندە ئاران 20 نەچچە ياشتىلا ئىدى. ئۇ نېمىگە تايىنىڭ باش سېكرېتار بولدى، چۈنكى ئۇ سوۋېتتا ئوقۇغان ۋە سوۋېت كومپارتىيەسى تەرىپىدىن باش سېكرېتارلىققا ئەۋەتىلگەن، ئۇ ھەتتا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قۇرۇلتايغىمۇ قاتناشمىغانىدى».
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلىنىڭ قارىشىچە، سوۋېت رۇسىيەسى ۋە بولشېۋىكلار پارتىيەسى بولمىسا خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسى بولمايتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە يۆلىشى بولمىسا بۈگۈنكى كوممۇنىستىك خىتاي بولمايتتى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى پروگراممىلىرىغا جاھانگىرلىك ۋە فېۋدالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش دەپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئاخىرقى مەقسىتى بۈگۈنكىدەك ئۆزى جاھانگىر بولۇش بولدى.