كونا توقماقنىڭ يېڭى ساداسى: خىتاينىڭ تارىخ ساھەسىدە «پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم» توقمىقىنى قايتا ئىشقا سېلىشى (1)
2018.11.15
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان كۆپ سانلىق تۈركىي ۋە مۇسۇلمان خەلقلىرى ياشايدىغان ئەللەردە ئاتالمىش «پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم» توقمىقى بىلەن زىيالىيلار ۋە ئاڭلىق قاتلامنى جازالاش، سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلىپ، مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر پەيدا بولۇپ، 21-ئەسىرگە كەلگەندە ئاللىبۇرۇن كونىراپ كەتكەن ۋە مودىدىن قالغان سىياسىي زەربە بېرىش ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغان. بىراق ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى زەربە بېرىش تېخىمۇ كۈچەيتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان «پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمغا زەربە بېرىش» تىن ئىبارەت بۇ توقماق كىشىلەرنىڭ بېشىدا پۇلاڭلاشقا باشلىدى.
بۇ كونا توقماق ئۆتكەندىن يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنى، بولۇپمۇ كۆپلىگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەربىيەلەش مەركەزلىرى دەپ ئاتالغان لاگېرلارغا، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئوخشاش قەدەمدە قايتا پەيدا بولدى ھەم ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭايتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى ئىدارە قىلىش ئورگىنى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىيونلىرى، خادىملىرى پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئاتالغۇسىنى «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەر» گە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈردى. ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئاتىشى بويىچە شىنجاڭنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، دىن، ئىجتىمائىي ۋە ئېتنىك تەرەققىيات تارىخى قاتارلىق مەسىلىلىرىنى قايتىدىن يورۇتۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ، «ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە» ئېغىر زىيان سالغانلىقىنى ئەيىبلىدى، شۇنىڭدەك «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نىڭ تارىخ ساھەسىدە پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ سىڭدۈرگەنلىكىنى قاتتىق سۆكتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماقالىلەرنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىن يىراق سىياسەتچىلەر بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىن باشلامچىلىق بىلەن ئېلان قىلغان ماقالىسىدە: «ئۈچ خىل كۈچلەر ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگودىن ئايرىلىپ چىقىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن زور مىقداردىكى خاتا سۆزلەر ۋە ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، شىنجاڭنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتاپ، شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنى جار سالدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەتنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ‹مىللىتىمىز تۈرك› دېگەننى تەرغىب قىلىپ شىنجاڭ ھەر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى.
ئارقىدىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن تيەن ۋېيجاڭ ۋە مۇرات «نۇر گېزىتى» دە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەتنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى» نى مەركىزى نۇقتا قىلىش بىلەن قەدىمكى قەدىمى تۈركلەر بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر، تۈرك قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ بىرلىكىنى، تۈركىي خەقلەرنىڭ ئېتنىك جەھەتتىكى بىرلىكىنى تەرغىب قىلىشنى پانتۈركىزم ئىدىيەسىگە باغلاپ ئەيىبلىدى.
شۇنىڭدەك ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆچۈش، مىللىي يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن» دېگەن ئىدىيەنى ھەمدە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ۋە ئېتنىك تەرەققىيات جەھەتتە باشقا تۈركىي خەلقلەردىن ئايرىم مىللەت ئىكەنلىكى ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلدى.
ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز «ئۇيغۇر تارىخىنى توغرا تونۇيلى» ماۋزۇسىدا، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پەرھات جالال شىنجاڭ گېزىتلىرىدە «ماركسىزملىق بەش قاراش ئارقىلىق شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇيلى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەڭ ئاكتىپ تۈردە تارىخ ساھەسىدىكى پانتۈركىزملىق ئىدىيەلەرگە زەربە بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە كونكرېت تۈردە تارىختىن مىسال كەلتۈرۈپ، تۈرك ۋە ئۇيغۇر شۇنىڭدەك بۈگۈنكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئېتنىك تۇغقانچىلىق، ئېتنىك باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىنكار قىلدى.
ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قەدىمكى تۈركىي تىللار ۋە مەدەنىيەت تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات قىلىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان تۈركولوگ قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى ۋە ھەرىكىتى پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆزلىرى يورۇتۇپ، ئۆز مىللىي كىملىكى، ئۆز تارىخى مۇساپىلىرىنى بىلىشىگە يول قويماسلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمغا زەربە بېرىش خىتايلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 1950-يىللاردا ئۆگىنىپ كەلگەن.
قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى، رۇس، ئۇيغۇر، تاتار، قازاق تىللىرىدا كۆپلىگەن تارىخى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى 91 ياشلىق تاتار ئۇيغۇرشۇناسى مۇنىر يېرزىننىڭ قارىشىچە، بۇ جازالاش رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا پەيدا بولغان ۋە كېيىن خىتايلار ئۆگەندى، بۇ ئاپەتنىڭ زەربىسىدە زور ساندىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، تاتار زىيالىيلىرى 1930-يىللاردا يوقىتىلدى.
خىتاي سىياسىيونلىرى يېقىندىن بۇيان ئۆز ماقالىلىرىدە تەرغىب قىلىشنى كۈچەيتكەن تارىخ ساھەسىدىكى پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاش مۇمكىن؛
1)تيەن ۋېيجاڭ، ئەركىن تۇنىياز، پەرھات جالال قاتارلىقلار قەدىمكى تۈرك-قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدىكى ئېتنىك بىرلىكىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ خىل ئورتاقلىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى «پانتۈركىزم» بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇلار 6-8-ئەسىرلەردىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى مىللەت دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى «ئېزىش ۋە ئېزىلىش مۇناسىۋىتى»، «قۇللۇق ۋە قۇلدارلىق مۇناسىۋىتى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تۈركلەر بىر رايوندا ياشىسىمۇ، ئەمما ئۇلار تۈركلەر ئەمەس»، بۈگۈنكى «ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس» دەيدۇ.
قەدىمكى تۈرك تىللىرى ۋە تارىخى بويىچە ئىزدەنگەن دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، بۇ پۈتۈنلەي خاتا سىياسىي ھۆكۈم بولۇپ، ئورخۇن -يېنىسەي ئابىدىلىرىدىكى خاتىرىلەر تۈرك ۋە ئۇيغۇرنىڭ بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ تىلىمۇ بىردەك بولغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تارىخى مەنبەلىرىدىمۇ تۈرك ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تۇغقانلىقى، بىرلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار قالغان. تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقان ۋە بىر خەلق ئىكەنلىكى ھەققىدە خىتاينىڭ تارىخچىلىرىدىن چېن جوڭميەن، ما چاڭشوۋ، لىنگەن، ھەتتا ليۇ زىشاۋمۇ كۆپ توختالغان. ئەگەر پانتۈركىست بولسا، ئەنە شۇلار بولۇشى ۋە قەدىمكى خىتاي تارىخچىلىرى بولۇشى كېرەك.
ھەقىقەتەن، خىتاي سىياسىيونلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىن تارىخ تەتقىقاتى ۋە تەربىيەسىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ھەر مىللەت كىشىلىرىنى «بىز ھەممىمىز جۇڭگولۇق»، «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز جۇڭگو»، «بىزنىڭ مىللىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتى»، «بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» دەيدىغان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.