ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تەيۋەنلىك تەتقىقاتچى ۋۇ چىنانىڭ «شىنجاڭ: مىللى كىملىك: خەلقارالىق رىقابەت ۋە خىتاي ئىنقىلابى: 1944 - 1962 - يىللار» ناملىق كىتابى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك بىر ئىلمىي ئەسەردۇر. بۇ كىتاب مول ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، گەرچە خىتاي تارىخ نوقتىنەزىرى ئاساسىدا يېزىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۆنۈشىنى ناھايىتى روشەن يورۇتۇپ بەرگەن.
بۇ كىتابتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن. مەنچىڭ زىيالىيلىرىدىن ۋېي يۇئان ۋە گوڭ زىجېن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى بايقىغاندىن كېيىن مەنچىڭ خان سارىيىغا مەزكۇر رايوننى خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايوننى خىتاي كۆچمەنلەر بىلەن تولدۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ پىكىر سۇنغان. چۈنكى بۇ ئىككى زىيالىي ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز ساھىلى رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن ئەپيۇن سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر باغلىنىشلىق بار دەپ قارىغان. 1870 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى «قۇرۇقلۇق مۇداپىئەسى تەرەپدارلىرى» بىلەن «دېڭىز مۇداپىئەسى تەرەپدارلىرى» ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىدە «قۇرۇقلۇق مۇداپىئەسى تەرەپدارلىرى» غالىپ كەلگەن. زو زوڭتاڭ ۋەكىللىكىدىكى «قۇرۇقلۇق مۇداپىئەسى» تەرەپتارلىرىنىڭ كۆزقارىشى بويىچە، رۇسيىيىنىڭ شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال رايونلىرىغا سالغان خەۋپى بېيجىڭنىڭ بۇ رايونلاردىكى ستراتېگىيىلىك ئالدىنقى سېپىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىشىغا سەۋەپ بولاتتى. لى خوڭجاڭ ۋەكىللىكىدىكى «دېڭىز مۇداپىيىسى تەرەپدارلىرى» بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلىش ۋە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن كېتىدىغان ئىقتىسادىي چىقىم ستراتېگىيىلىك پايدىسىدىن چوڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا دېڭىز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش مۇۋاپىق دەپ قارىغان. «قۇرۇقلۇق مۇداپىئەسى تەرەپدارلىرى»نىڭ ۋەكىلى زو زوڭتاڭ مەنچىڭ قوشۇنىنى باشلاپ ئالدى بىلەن شەنشى ۋە گەنسۇدىكى تۇڭگانلارنىڭ ئىسيانلىرىنى باستۇرغاندىن كېيىن غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ ياقۇپ بەگنىڭ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، «قۇرۇقلۇق مۇداپىئەسى تەرەپدارلىرى» 1884 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامىنى «شىنجاڭ»دەپ ئۆزگەرتىپ مەزكۇر رايوننى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت تۇنجى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئارقىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايدىكى مەمۇرىي تۈزۈمنى يولغا قويۇپ بۇ رايوننى خىتاي بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشقا كىرىشكەن. ئىككىنچى نىشان مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بولغان. چۈنكى مەنچىڭ ھاكىمىيىتى ئاسسىمىلياتسىيىلى ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول ئاستىدا تۇتۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى دەپ قارىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا «شۆتاڭ» دەپ ئاتالغان خىتايچە مەكتەپلەرنى ئېچىپ مۇسۇلمان ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەجبۇرى ئوقۇتۇشقا باشلىغان.
مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ يېڭى ستراتېگىيىلىك نىشانى ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مەمۇرىي ئىدارە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ بۇ رايون بىلەن مەنچىڭ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ سىياسى پۈتۈنلۈكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان. بۇ نىشان ئۈچۈن مەنچىڭ ھاكىمىيىتى 1 - باسقۇچتا خىتاي مەمۇرىي سىستېمىسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىدارە سىستەمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش. 2 - باسقۇچتا خىتايلارنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېلىشىنى ۋە بوز يەر ئېچىشىنى تەشەببۇس قىلىش، 3 - باسقۇچتا خىتايچە ۋە كوڭزى ئىدىيىسى ئاساسىدىكى مائارىپ ئارقىلىق تۈرك خەلقلىرىگە قارىتا مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىلى يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق پلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
قەدىرلىك ئاڭلىغۇچىلار، ۋۇ چىنانىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مۇنداق بولغان: 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى بېسىۋالغاندا خىتاي زىيالىيلىرى بۇنىڭ سەۋەبىنى خىتاينى ئىدارە قىلغان يات مىللەتلەر، يەنى مانجۇلار دەپ قارىغان ۋە بۇ قاراش 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئاستا - ئاستا خىتاي مىللەتچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كېيىنكى مەزگىللەردە «ئىنقىلابچىلار»غا ئايلانغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا خىتاي ئىنقىلابچىلىرى غەرب سىياسى ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئاستىدا «مىللەت» ۋە «مىللى دۆلەت» دىگەن ئۇقۇملارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. لېكىن خىتاي ئىنقىلاپچىلىرى «مىللەت» دېگەن ئۇقۇمىنى ئىرق دەپ چۈشەنگەن بولغاچقا، جۇڭگو / جۇڭخۇا مىللىتىنى خىتاي (خەنزۇ) لاردىن ئىبارەت دەپ قارىغان. شۇڭا خىتاي ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ۋەكىلى سۇن جوڭشەن خىتاي چېگرىسى ئىچىدە ياشايدىغان ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئاسىمىلە قىلىش ئارقىلىق بۈيۈك بىر خىتاي مىللىتى يارىتىش تاساۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرى تارىخى كىتاپلىرىدا «خىتايلاشتۇرۇش نەزەرىيىسى» ياكى «ئاسسىمىلياتسىيە نەزەرىيىسى» دەپ ئاتالغان. ئەينى چاغدىكى خىتاي ئىسلاھاتچىلىرى بولسا ئىنقىلابچىلار تەشەببۇس قىلغان «خىتاي (خەن مىللەتى) مىللەتچىلىكى»نىڭ ئورنىغا «جوڭخۇئا مىللەتچىلىكى» نەزەرىيىسىنى دەسسىتىشكە تىرىشقان. يۇئان شىكائى باشچىلىقىدىكى ئىسلاھاتچى كۈچلەر «بەش مىللەتلىك جۇمھۇرىيىتى"» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە موڭغۇل ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر تاشقى ئىشلار ۋە ھەربىي ئىشلاردىن باشقا پۈتۈن ئىشلاردا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. لەكىن سۇن جوڭشەن ۋەكىللىكىدىكى ئىنقىلابچىلار يۇئەن شىكەينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى فېئودال كۈچلەر بىلەن بولغان «مۇرەسسە» دەپ قارىغان. سۇن جوڭشەن كېيىنكى مەزگىللەردە «جۇڭخۇا مىللەتچىلىكى»نى خىتاي (خەن مىللىتى)لارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا «خىتايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ جوڭخۇئا مىللىتى شەكىللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئىسلاھاتچıلار تەشەببۇس قىلغان «بەش مىللەتلىك جۇمھۇرىيىتى» مەزمۇن قىلغان جوڭخۇئا مىللەتچىلىكى «خىتايلاشتۇرۇش»نى مەركەز قىلغان جوڭخۇئا مىللەتچىلىكىگە ئۆزگەرتىلگەن.
ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، تەيۋەنلىك تەتقىقاتچى ۋۇ چىنانىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى مەنچىڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن پلانلانغان ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تولدۇرۇش پلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي چارە تەدبىرلەر بىلەن ھەرىكەت قىلغان.
0:00 / 0:00