يېقىندا تاشكەنت شەھىرىدە پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى ئەسىرلەر تارىخىنى خىتاي مەنبەلىرى بويىچە تەتقىق قىلىشتا زور نوپۇزغا ئىگە بولغان تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى ئالىملىرىدىن بىرى ئابلەت خوجايېفنىڭ «خىتاينىڭ غەربىي چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى» ماۋزۇلۇق تەتقىقات كىتابى رۇس تىلىدا يورۇق كۆردى.
232 بەتلىك مەزكۇر مونوگرافىيەدە خىتاينىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 21-ئەسىرلەردىن تاكى 20-ئەسىرگىچە بولغان كۆپ ئەسىرلىك كۈچىيىش ۋە كېڭىيىش تارىخى، بولۇپمۇ غەربكە، يەنى ئۇيغۇر ئېلىغا كېڭىيىش مۇساپىسى بايان قىلىنغان. ئاپتور خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان كېڭەيمىچىلىك تارىخىنى قەدىمكى، ئوتتۇرا ئەسىرلەر، يېقىنقى ئەسىرلەر، يەنى مانجۇ ئىمپېرىيەسى ۋە 1911-يىلىدىن كېيىنكى جۇمھۇرىيەت دەۋرلىرى بويىچە بابلارغا ئايرىپ، سىستېمىلىق ھالدا مول يازما مەنبەلەر ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا يورۇتۇپ بەرگەن.
كىتابنىڭ چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف كىتابتا ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىنەزەرلىرى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ نۇقتىئىنەزەرلىرىگە مۇخالىپ قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
81 ياشلىق پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف ئۇيغۇر ئېلى ۋە مەركىزىي ئاسىيا تارىخى بويىچە رۇس، ئۆزبېك، ئىنگلىز، ئۇيغۇر ۋە باشقا تىللاردىكى 17 پارچە ئىلمىي مونوگرافىيەنىڭ، 9 پارچە بىرلەشمە ئاپتورلۇق كىتابىنىڭ ۋە كۆپ ساندىكى ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاپتورىدۇر.