20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى مەزگىلىدە ياشلار جەڭگىۋارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، ئىنقىلاب غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە زور ھەسسە قوشقان ئىدى. ياشلار مەيلى، 1931-1937-يىللىرى ئارىسىدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى، جۈملىدىن بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش بولسۇن ۋە ياكى 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش بولسۇن ھەر قېتىمدا ئۆز كۈچ-قۇۋۋىتىنى كۆرسەتتى.
تارىخىي مەنبەلەرگە تايانغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت ياشلىرى 1944-يىلى، 9-ئايدىكى نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنىدىكى غۇلجا قوزغىلىڭى ۋە باشقا بارلىق قوراللىق كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان ھەمدە 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى ئاۋانگارت كۈچكە ئايلانغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى ئۆز مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرغاندىمۇ ياشلار مىللىي ئارمىيە سېپىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۈچ فرونت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردە ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ مۇنتىزىم خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى تولۇق ئازاد قىلدى. ياشلار ئارىسىدىن رىزۋانگۈل، زىخرۇللام نادىروف ۋە باشقا يۈزلىگەن قەھرىمان ئوغۇل-قىزلار مەيدانغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ باتۇرلۇقلىرى بىلەن تارىخ بېتىگە پۈتۈلدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ئىنقىلابنى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا قانات يايدۇرۇش، خەلقنىڭ تولۇق ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ياشلارنىڭ رولىنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا ياشلارنى تەشكىللەش، تەربىيەلەش، ئۇلارنى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ غالىبىيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئاۋانگارت كۈچ قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ مەقسەت بىلەن 1945-يىلى، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ئىنقىلابى ياشلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى چاقىرىلىپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇشىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىگەن. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇش قارار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان شۇنىڭدەك مۇراسىمىدا بىردەك ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇكېرىم ئابباسوف رەئىس، سەيدۇللا سەيپۇللايوف مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلانغان، توختى ئىبراھىم باش كاتىپ بولغان. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولغان 11 كىشىلىك مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېت تەسىس قىلىنغان.
نەتىجىدە، 1945-يىلى، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلارنىڭ بىردىن سىياسىي تەشكىلاتى بولغان «ئازاد شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن.
بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن تارتىپ تارتىپ، تاكى 1948-يىلى 8-ئايغىچە مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىچە بولغان ئۈچ يىل جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسىدە ئاشكارا، ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان، ئاقسۇ، قاراشەھەر قاتارلىق ۋىلايەتلەر دائىرىسىدە بولسا مەخپىي يوسۇندا ھەرىكەت قىلىپ، يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆچمەس تارىخىي ئىز قالدۇرغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ تولۇق رەسمىي نامى تاكى 1946-يىلى، 7-ئايغىچە «پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» دەپ ئاتالغان. «بىتىم» دىن كېيىن«شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» دەپ قىسقارتىلغان.
1945-يىلى، 15-نويابىر كۈنىدىكى ياشلارنىڭ مەزكۇر يىغىنى ئاخىرىدا مەخسۇس قارارنامە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قاراردا «پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىمىز بىلەن رەئىسىمىز بىزگە تاپشۇرغان بىزنىڭ ئەڭ زور ۋەزىپىلىرىمىزنى ئورۇندايمىز. 1. كۈرەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىمىز. 2). بۇ تەشكىلات ئىنقىلانچىل ياشلار تەشكىلاتى بولۇشى كېرەك.
3) ئىنقىلابىي ياشلار تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە كۈرەش قىلىدىغان ئورگىنى بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن.
غۇلجىدا چاقىرىلغان يىغىندا بەش باب، 54 ماددىلىق «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ۋاقىتلىق نىزامنامىسى» بېكىتىلگەن.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە ئۈچ ۋىلايەت دەرىجىلىك كومىتېت، 20 دىن ئارتۇق ناھىيەدە ناھىيەلىك كومىتېتلىرىنى قۇرغاندىن سىرت يەنە مىللىي ئارمىيە تەركىبىدىمۇ ئۆز كومىتېتىنى قۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئەزا قوبۇل قىلغان. بۇ تەشكىلات يەنە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، قاراشەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىمۇ يەر ئاستى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ياشلارنى مىللىي ئازادلىق كۈرەش قىلىشقا تەشكىللەش ئېلىپ بارغان ئىدى.
مەزكۇر تەشكىلات قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ياشلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتى يۇقىرى ۋە تەسىرى ناھايىتى زور سىياسىي تەشكىلاتقا ئايلانغان. ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان 90 ياشلىق نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەممە ياشلار ئەزا بولۇشقا ئىنتىلىدىغان سىياسىي تەشكىلات ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى 1948-يىلى، 8-ئايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، «ئىتتىپاق» تەشكىلاتى تەركىبىگە قوشۇۋېتىلگەن.
0:00 / 0:00