ئۆتكەن يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى»، «يىغىپ تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرى» دېگەندەك بىر قانچە خىل ناملارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇپ، مەزكۇر ھەر خىل ناملاردىكى «لاگېرلار» غا مەجبۇرىي سولىۋېلىشى ۋە بۇ لاگېرلارنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ئەمما تاشقى مۇھىتتىن مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقان قاتتىق تەقىبلەش چارىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.
بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلىرى ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان بۇ خىل جازالاش تۈسىنى ئالغان لاگېرلارنى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى گىتلېر فاشىزمىنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى»، سوۋېت كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى ستالىن دەۋرىدە 30 يىل ئەتراپىدا يولغا قويۇلغان دەھشەتلىك جازالاش لاگېرلىرى بولغان «گۇلاگ» قا ئوخشاتتى.
ئامېرىكىلىق سىياسىي ئانالىزچى جەي نوردلىنگېر ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۆلەتلىك باھا» دەپ ئاتالغان مەجمۇئەدە بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر سولانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ لاگېرلارنى ستالىننىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان «گۇلاگ» قا ئوخشىتىپ، ئۇنى «خىتايدىكى يېڭى گۇلاگ» دەپ ئاتىغان ئىدى.
شۇنىڭغا ئوخشاشلا مەزكۇر لاگېرلارنىڭ ماھىيىتىگە قارىتىلىپ، ئانالىزچىلار بۇ لاگېرلارنى يەنە «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار گۇلاگى» دەپمۇ ئاتاشتى.
روشەنكى، غەرب سىياسىي ئانالىزچىلىرى «گۇلاگ»، «يىغىۋېلىش لاگېرى» ئاتالغۇسىنى يېنىكلىك بىلەن ئىشلەتكەن ئەمەس، بەلكى ئۇلار نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى قاتتىق تەقىبلەش، نازارەت، ئايرىمىچىلىق، روھى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى قاتتىق بېسىم شۇنىڭدەك رەھىمسىزلەرچە سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، ئۆمۈرلۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىشتەك تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ناتسىستلارنىڭ ۋە كوممۇنىزم سىستېمىسىنىڭ ئاشۇ تارىختا ئىنسانىيەتنى ئەڭ ئېغىر پاجىئەلەرگە گىرىپتار قىلغان سىياسىي، مىللىي، ئىرقىي ئايرىمىچىلىقى ۋە مۇستەبىت تۈزۈملىرىگە نەقىل قىلغان بولسا كېرەك.
گۇلاگ رۇسچە سۆز بولۇپ، بۇ رۇسچە «لاگېرلارنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى» دېگەن ئىدارە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن ئىبارەت.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە سىياسەتشۇناس «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، گۇلاگ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ۋە نارازى بولغان، كوممۇنىستلار پارتىيەسى ۋە تۈزۈمىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ئىگە سىياسەتچىلەر، زىيالىيلار ۋە باشقا جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىكى كىشىلەرنى تۈرلۈك مۆھلەت بىلەن قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىپ سولايدىغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازا لاگېرلىرىدىن ئىبارەتتۇر. مۇنداق سانسىزلىغان لاگېرلار پۈتۈن سىبىرىيە، قازاقىستان ۋە باشقا جايلارغا جايلاشقان. ئۇ سوۋېت دۆلەتلىك سىياسىي قوغداش ئىدارىسى ۋە كېيىنرەك ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى ۋە كېيىنكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ساقچى ۋە دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن زىيالىيلار، ئەدىب-شائىرلار، سودىگەرلەر، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، دېھقان، ئادەتتىكى ئاۋام پۇقرا قاتارلىقلارنى قارىقويۇق تۇتقۇن قىلىپ، «تەربىيەلەش مەركىزى» نامى ئاستىدىكى يېپىق يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا سولىشى بىلەن ستالىن تۈزۈمىنىڭ 1930-يىللاردىكى، بولۇپمۇ 1937-1938-يىللىرىدىكى «چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى» جەريانىدىكى تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاش ھەم ئۇلارنى گۇلاگلارغا ھەيدىشى بىلەن كۆپ جەھەتلەردىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
«لېكىن ئىككى دەۋردىكى ئىككى ھاكىمىيەت، ئەمما بىر خىل ئىدېئولوگىيە، يەنى كومپارتىيە تۈزۈمىدىكى بۇ سوۋېت ۋە خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ جازالىشىدا مەلۇم پەرق بار. ئۇ بولسىمۇ ھازىرقى خىتاي دائىرىلىرى بىر مىللەتنى، يەنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى، ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى جازالاش نىشانى قىلغان» دەيدۇ قەھرىمان غوجامبەردى.
تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا، 1918-يىلى لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ تۇنجى «گۇلاگ» ئورنى، يەنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىنى قۇرغان. 1930-يىلى، 25-ئاپرېل كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت سىياسىي قوغداش بىرلەشمە ئىدارىسى 130/63-نومۇرلۇق بۇيرۇق بويىچە «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى ئىدارىسى» قۇرغان ۋە شۇ يىلى 10-ئايدا بۇنى باش ئىدارىگە ئۆزگەرتىپ، «گۇلاگ» دەپ ئاتىغان. دېمەك، رۇسچىدىكى «گۇلاگ» ئاتالغۇسى ئەنە شۇ 1930-يىلىدىن كېيىن پەيدا بولغان. گۇلاگ 1934-يىلىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىغا قاراشلىق بەش ئىدارىنىڭ بىرى بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنىڭ سانى ۋە تۇتۇلغانلارمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيگەن ئىدى.
بۇ، ستالىننىڭ 1928-1930-يىللىرى ئارىسىدا كوپىراتسىيەلەشتۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، بايلار، يەر-مۈلك ئىگىلىرى ۋە بۇ خىل سىياسەتكە نارازى بولغانلار، ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنى تۇتقۇن قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. گۇلاگنىڭ ئەڭ كۈچەيتىلگەن ۋاقتى 1937-1938-يىللىرىدىكى «خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش» نامى ئاستىدىكى ستالىن ھاكىمىيىتىنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ سىياسىي تازىلىشىغا توغرا كەلدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، پروفېسسور رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ستالىننىڭ 1937-1938-يىللىرىدىكى سىياسىي زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق دۆلەت ۋە پارتىيە رەھبەرلىرى، ھەربىي قوماندانلاردىن ماراشال، گېنېراللار ۋە نەچچە يۈزلىگەن يۇقىرى -ئوتتۇرا دەرىجىلىك كوماندىرلار، داڭلىق يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار، ئالىملار ۋە باشقىلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆلتۈرۈلمىگەنلەر بولسا سىبىرىيەدىكى گۇلاگ لاگېرلىرىغا ھەيدەلگەن. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك بىر سىياسىي تازىلاش ھېسابلىناتتى. ئۇيغۇرلارمۇ ئەنە شۇ قاتاردىن ئورۇن ئالغان.
ئەمما 1937-1938-يىللىرىدىكى تازىلاشتا قانچىلىك ئادەمنىڭ گۇلاگقا ھەيدەلگەنلىكى ۋە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بىراق رۇسىيە تارىخچىسى ۋ. زېمسكوۋنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەڭ دەھشەتلىك تازىلاش 1937-1938-يىللىرى بولغان بولۇپ، 1 مىليون300 مىڭ ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
(دۋامى بار)
0:00 / 0:00