«يۈكسەك مۇختارىيەت» نىڭ بەربات بولۇشى: خىتاي يۈكسەك مۇختارىيەتنى قانداق رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.05.06
Muhemmed-imin-Bughra-2.jpg مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1960-يىلى ھىندىستان پايتەختى دېھلىدا ئېچىلغان ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى قۇرۇلتىيىدا.
RFA/Qutlan

1943-يىلى 4-ئايدا 1931-1934-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ئىمىنى بۇغرا 9 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىدىن كېيىن چوڭچىڭغا كېلىپ، خىتاي مەركىزىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقان مەسئۇد سەبىرى بايقوزى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىنى باشلىدى. مۇھەممەد بۇغرانىڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىشىچە، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتكە كۆرە بىرىنچى قەدەمدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن يۈكسەك مۇختارىيەت ھوقۇقىنى دەۋا قىلىپ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈرەش نىشانى قىلىپ بېكىتتى.

ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۈچ ئەپەندى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن ئۆز ۋەتىنىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىش، خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا بۇ خىل ھوقۇق ۋە مىللىي ناملىرىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. تۈركىيەدىكى ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن بىۋاسىتە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماي، ئالىي مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى بەلگىلىشىنىڭ كۆپ خىل سەۋەبلىرى مەۋجۇت ئىدى. لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئەمەس ئىدى.

ئۈچ ئەپەندى تۇنجى قېتىم 1945-يىلى 4-ئايدا جاڭ كەيشى باشچىلىقىدىكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە 15 ماددىلىق «تەلەپ-پىكىر» سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭدا يۈكسەك مۇختارىيەت بېرىش ۋە «شىنجاڭ» نامىنى «تۈركىستان» غا ئۆزگەرتىش قاتارلىق ماددىلار بار ئىدى. ئارقىدىن ئۇلار 1945-يىلى 8-ئايدا يەنە بىر قېتىم خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستانغا «يۈكسەك مۇختارىيەت» بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، لېكىن، جاڭ كەيشىدىن باشلاپ بارلىق خىتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ «يۈكسەك مۇختارىيەت» تەلەپلىرىنى ئىچكى جەھەتتە مۇزاكىرە قىلىپ ئۇنى باشتىن ئاخىرى رەت قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتتى. ئۇلار قارىماققا خۇددى ئۇلارنىڭ مۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى قانۇنلۇقتەك ۋە قارشى ئالىدىغاندەك قىياپەتتە كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى رەت قىلىش تەرەپدارى ئىدى.

ئۇنداقتا، خىتاي رەھبەرلىرى گەرچە يۈكسەك مۇختارىيەت ھوقۇقىنى كۆڭلىدىن خالىمىسىمۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا قارشى بولسىمۇ، نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلتايلىرىدا مۇنداق تەلەپلەرنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇشىغا يول قويىدۇ؟ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دوكتورانتى مۇھەممەد ئېلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋاقىتتا گومىنداڭ دائىرىلىرى ئاساسلىقى ئۆزلىرىنى دۇنياغا دېموكراتىك ھاكىمىيەت قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقاندىن باشقا يەنە ئىچكى ئۇرۇش، مىللىي مۇناسىۋەتلەر قاتارلىق ئامىللارغىمۇ دىققەت قىلغانىدى.

جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى 1949-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخىرى يۈكسەك مۇختارىيەت دەۋاسى قىلىدىغان مەسئۇد ئەپەندى ۋە ئەيسا ئەپەندىلەرنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ۋە باش كاتىپىلىقىدىن قالدۇرۇپ، رەئىسلىك ئورنىغا مۇنداق تەلەپتىن يىراق ۋە ئەسلى رۇسىيەلىك تاتارلاردىن بۇرھان شەھىدىنى تىكلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن «يۈكسەك مۇختارىيەت» ئاتالغۇسى بارا-بارا سىياسىي تەلەپلەردىن قالدى. 1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىنمۇ يۈكسەك مۇختارىيەت سىياسىي يۈرگۈزمىدى.

بۇ ھەقتىكى تولۇق مەلۇماتنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.