يازغۇچى زۇنۇن قادىرى (1912 - 1989)
يازغۇچى زۇنۇن قادىرى 20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يىرىك نامايەندىلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى رېئالىستىك پروزىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ ئۆزىنىڭ 1930 - يىللاردا يازغان «غۇنچەم» درامىسى، 1940 - يىللاردا يازغان «مۇئەللىمنىڭ خېتى»، «ماغدۇر كەتكەندە» ناملىق ھېكايىلىرى شۇنداقلا 1955 - يىلى يىلى ئېلان قىلىنغان «چېنىقىش» ناملىق يىرىك پوۋېستلىرى بىلەن ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ھېكايىچىلىقىنىڭ ئۇلتېشىنى سالغان يازغۇچى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كەلمەكتە.
ئۇنداقتا، زۇنۇن قادىرىنىڭ بەدئىي ئىجادىيەت يولىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى 20 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ئىجتىمائىي يۈزىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە مەلۇم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قانداق خاتالارغا يول قويدى؟ سىياسىي ئاتموسفېراسى داۋالغۇپ تۇرغان ئەنسىز يىللاردا قەلەم تۇتقان يازغۇچى مىللىي ۋىجدان بىلەن دەۋر شاماللىرى ئارىسىدا قانداق تېڭىرقىدى؟
بىز بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ۋە زىيالىلىرى بىلەن يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيە ئېگەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفەسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى زۇنۇن قادىرىنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، زۇنۇن قادىرىنىڭ «ماغدۇر كەتكەندە»، «چېنىقىش» قاتارلىق ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ھېكايىلىرىنىڭ بەدئىي مۇۋەپپەقىيىتى ئەينى دەۋردىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، زۇنۇن قادىرىنىڭ ھېكايىلىرىگە باھا بېرىشتە ئەسەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەن تېما ۋە ئىدىيەۋىي مەزمۇن جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى يازغۇچىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئىشلەتكەن چىقىش نۇقتىسىدىن قاراش ئەڭ مۇۋاپىق ئۆلچەم بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ ئۆز بايانلىرىدا «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدىكى باقى ئوبرازى بىلەن «چېنىقىش» ھېكايىسىدىكى مەتنىياز ئوبرازىنىڭ يارىتىلىشىدىكى بەزى ئىنچىكە ۋە ئەھمىيەتلىك دېتاللارنى تۇتقا قىلىپ، يازغۇچىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆز دەۋرىنىڭ سىياسىي رامكىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان پېشقەدەم زىيالىلاردىن ھۈسەن ئەپەندى باشقىچە قاراشلارنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئالدى بىلەن زۇنۇن قادىرىنىڭ «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىنى مىسال قىلىپ، ھېكايىدىكى باقىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى سوۋېت كوممۇنىزم ئەدەبىياتىدا تەشۋىق قىلىنغان سىنىپىي كۈرەش مەپكۇرىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوبراز ئىكەنلىكىنى، ھېكايىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاساسلىق تېمىنىڭ ئۇيغۇر كەمبەغەللىرى سىنىپىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان باقى بىلەن ئۇيغۇر باي - پومىششېكلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يەر ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ھۈسەن ئەپەندى يەنە «چېنىقىش» ھېكايىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن باش تېمىنىڭ 1950 - يىللاردا خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلگەن «كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش» سىياسىتى ئۈچۈن تەشۋىقات قۇرالى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە «چېنىقىش» ھېكايىسىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەردىن ئايرىپ، ئاتالمىش «خەلق كوممۇناسى» گەۋدىسىگە قوشۇلۇشىنى تەرغىپ قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىدىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سەلىمە كامال خانىممۇ زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە، بولۇپمۇ «غۇنچەم» درامىسى بىلەن «ماغدۇر كەتكەندە»، «چېنىقىش» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە بايلارغا ۋە مىللەت سەرخىللىرىغا قارشى سىنىپىي كۈرەش تېمىسىنىڭ ئىزچىل ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئاخىرىدا خۇلاسە چىقىرىپ، زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى سىنىپىي كۈرەش تېمىسىنى ئەينى دەۋرنىڭ ئالاھىدە شارائىتىدىن چۈشىنىش كېرەكلىكىنى، كوممۇنىستىك رېجىم ھۆكۈم سۈرگەن ستالىن رۇسىيىسىدە بولسۇن ياكى ماۋ زېدوڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا بولسۇن، مۇتلەق كۆپ قىسىم يازغۇچىلارنىڭ بۇ خىل دەۋر شاماللىرىنى كۈيلەشتىن خالىي بولالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى يازغۇچى ئۆزى ياشىغان ۋە ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان ئەينى يىللاردىكى سىياسىي رامكىلار ۋە ماركىسىزىملىق ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدىن خالىي بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رېئالىستىك پروزىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.