ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان فوندى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىن فوندى 2019-يىللىق «تۈرك دۇنياسى ئالىي خىزمەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
2-يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدا «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2019-يىللىق «تۈرك دۇنياسى ئالىي خىزمەت مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سىنان ئاتەش ئەپەندى، ئەزالىرى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.
مۇراسىمدا «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سىنان ئاتەش ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە «ئۈلكۇ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ زالىملارغا قارشى مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولۇش پرىنسىپلىرى بويىچە بۈگۈن ئۆز ۋەتەنلىرىدە خىتاي تەرىپىدىن قۇرۇلغان لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مۇراسىمدا 20 دىن ئارتۇق ساھەدە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار مۇكاپاتلاندى. مۇراسىمىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىپتىخار مۇكاپاتى تۈركىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى ئەپەندىگە بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا «سالجۇقلار تارىخى» ناملىق كىتابنى يازغان پروفېسسور ئەرقان گۆكسۇ ئەپەندىگە، «تۈركلەر كېلىۋاتىدۇ» ناملىق كىنونى ئىشلىگەن شىركەتكە ھەم تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىپتىخار مۇكاپاتى بېرىلدى. ئوسمانىيە فوندى تەشكىلاتىغا تۈرك دۇنياسىنىڭ خىزمەت مۇكاپاتى بېرىلدى. 2019-يىلى «بالىلار توڭمىسۇن» دېگەن نامدا ياردەم پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر يېتىم بالىلارغا قىشلىق كىيىم تەمىنلىگەن، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر يېتىم بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرغان شەرقىي تۈركىستان فوندى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىن فوندى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا كۆچمەن يېتىملەرگە ياردەم قىلىش خىزمەت مۇكاپاتى بېرىلدى.
بىز بۇ مۇراسىم توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ مۇراسىمدا سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالغان شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ رەئىسى مۇھىتتىن جانئۇيغۇر، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىن فوندىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىلھان تۇرانلى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇھىتتىن جانئۇيغۇر ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان فوندىنىڭ 2019-يىلى قىشتا «بالىلار توڭمىسۇن» ناملىق ياردەم پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر يېتىم بالىلارغا كىيىم-كېچەك ئېلىپ بەرگەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مۇھىتتىن جانئۇيغۇر ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» نامىدىكى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ بۇنداق بىر مۇكاپات بېرىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر ئىلھام بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىن فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان فوندى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىن فوندى قاتارلىق ئۈچ تەشكىلات ھەمكارلىشىش ئەھدىنامىسى تۈزگەن ئىدۇق. بىز ئىككى يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانلىق يېتىم بالىلارغا كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، يەنە يېتىم بالىلارنى خەتنى قىلدۇرۇش پائالىيىتىمىزمۇ بار. ئۇلارغا قەلەم، كىتاب ۋە دەپتەرلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ياردەم قىلىۋاتىمىز. قىلغان بۇ خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن مۇكاپات بەردى، ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىمىز.»
شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى مەسئۇلى ئىلھام تۇرانلى ئەپەندى بۇندىن كېيىن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
تۈرك دۇنياسى ئالىي خىزمەت مۇكاپاتى 6 يىلدىن بۇيان تارقىتىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ داڭق چىقارغان مۇجاھىت قەشقەرلى، ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچى ئاسىيە قاراقاش خانىم، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىن فوندىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى قاتارلىقلار مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.
0:00 / 0:00