ئالمۇتادا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-07-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرى 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە. شۇ جۈملىدىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ 3-ئىيۇل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «قورغان» رېستورانىغا جەم بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلىدى.

بۇ كۈنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىن كەلگەن يۇرت-جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلاردىن بولۇپ 100 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشقان بۇ مۇراسىم ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن باشلاندى. مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئەركىن ئەخمەتوف رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئالدى بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن زەينەپ ئىسلاموۋا خانىم ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسىنىڭ 10 يىللىقى تېمىسىدا دوكلات قىلىپ، ئۇ ئۆز دوكلاتىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش كەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئادىلەم مەسىمجان مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈنكى مۇراسىمدە ئوقۇلغان دوكلاتتىن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىدىن تەپسىلىي مەلۇمات ئالدۇق. زېمىنىمىزنى كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتى بېسىۋالغاندىن بۇيان باشلانغان تەقىبلەش، باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھېچ كىم ئۈچۈن سىر ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ سىياسەتكە قارشى ئۆزلىرىنىڭ ئادالەتلىك كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شۇ سەپنىڭ بىرىنچى قاتارىدا تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى، نارازىلىقىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بارىن ۋەقەسى، غۇلجا ياشلار نامايىشى ھەم ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ».

ئاندىن سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خەلقئارا ۋەزىيەت، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال ھەم خىتاي سىياسىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى ئەتراپىدا دوكلات قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ دوكلاتىدىن كۆپ مەلۇماتلارنى، يېڭىلىقلارنى ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى توغرىلىق قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى».

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف يەنە خىتاينىڭ بۈگۈنكى سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «خىتاي پۈتۈن دۇنيانىڭ مەركىزى بىز دەپ قارايدۇ. ئۇ ئۇيغۇرىستاننى بېسىۋالغىنىغا، قازاقىستان ۋە باشقا ئەللەرگە قەرز بېرىپ، تىلىنى قىسقا قىلىپ قويغىنىغا قانائەتلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› سىياسىتىدە دۇنياغا خوجايىن بولۇش ئويى بار».

مۇراسىمدە سۆزگە چىققان سەدىردىن ئايۇپوف، ئازتېكىن ئىبراھىموف ۋە باشقىلار ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەر يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەر قايسى تارىخى خاتىرە كۈنلىرىگە يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە مەمۇرىي ئىشلاردىن سىقىپ چىقىرىلغانلىقى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت