فرانسىيەدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
2022.07.05
بۈگۈن، يەنى 5-ئىيۇل كۈنى فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن پارىژنىڭ رىيال مەيدانىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرلەش ۋە شېھىتلارنى ئەسلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشقا پارىژدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ خادىملىرى، شۇنداقلا موڭغۇل، تىبەت پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشتى.
نامايىشقا قاتناشقان پائالىيەتچىلەر فىرانسىيە خەلقىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە چېتىشلىق خەلقئارالىق شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىشنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئادىلجان قاسىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ فىرانسىيە پارلامېنتنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى رەسمىي ئىتراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ تېخىچە ئەمەلىي بىر ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەلەپ قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۈگۈنكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىشىغا قاتناشقان، ئەينى ۋاقىتتىكى «تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بولغان موڭغۇل پائالىيەتچى لوڭ مىڭ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە موڭغۇل، تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلار تارىختا، بولۇپمۇ بۇنىڭدىن 800 يىل ئىلگىرىلا ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە بىر-بىرىمىز بىلەن زىچ باغلانغان بىر ئائىلە كىشىلەر ئىدۇق. مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىغا ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇنىڭلىق بىلەن بىز بىرلىكتە خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. بىر مىللەت مۇستەقىل بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىگە پۇرسەت يارىتالايدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ، جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ ۋە تىبەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدا مەڭگۈ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشىنى خالىمايمىز، بىز خىتاينىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇشىنى خالىمايمىز. ئۇ بىر مۇستەبىت دۆلەت. بىز ھەرقايسىمىزنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىمىزگە ۋە ھۆرلىكىمىزگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىلەرگە چىن دىلىمىزدىن بەخت تىلەيمەن!»
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ پاجىئە ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پارچىلىنىشغا سەۋەپ بولماقتا. فرانسىيەدە ياشاۋاتقان، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا نۇرغۇن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بەختىيار تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قېلىپ، بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شاۋگۇەن قىرغىنچىلىقى» نىڭ جاۋابكارلىرىغا قارىتا ھېچقانداق قانۇنىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى پارتىلىغان ئېدى. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر ياشلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قانلىق ۋەقە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دېگەن نام بىلەن ھەر يىلى خاتىرىلەپ كېلىنمەكتە.