كانادانىڭ تورونتو، مونتېرىيال، ۋانكوۋېر، كالگارىي قاتارلىق 4 شەھرىدە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» خاتىرلەندى

0:00 / 0:00

چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ھەر خىل پاالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ئۇيغۇرلارنى خاتىرلىدى. كانادادىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ 12 يىللىقىنى ئالاھىدە شەكىلدە خاتىرلىگەن.

شۇ كۈنى بىر ئۇيغۇر پاالىيەتچى كانادانىڭ تورونتو شەھرىدىن پايتەخت ئوتتاۋاغا قاراپ 15 كۈنلۈك پىيادە مارافون يۈرۈشى باشلىغان، شۇنداقلا تورونتو، كالگارىي، مونتېرىيال، ۋانكوۋېر شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ قۇربانلىرىغا ئادالەت تەلەپ قىلغان. كانادا ھۆكۈمىتىنى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «كانادا شەرقىي تۈكىستان جەمىيىتى» نىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تورونتو شەھرىدىكى نامايىشتا تەخمىنەن 300 دەك كىشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئ‍الدىغا يىغىلىپ، بۇ يەردىن كانادا مەملىكەتلىك ئولىمپىك كومىتېتىغا يۈرۈش قىلغان.

ئۇ 7-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا تورونتۇ، ۋانكوۋېر، كالگارىي، مونتېرىيال قاتارلىق تۆت شەھەردە نامايىش بولدى. تورونتۇدا تەخمىنەن 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا باشلىنىپ، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىناسى ئالدىدى ئاخىرلاشتى.»

تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ قىرغىنچىلىقتا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى سوتقا تارتىشنى تەلەپ قىلىش، كانادا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا، شۇنداقلا كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا دائىر قارارىنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە چاقىرىش ئىكەن.

توررونتۇدىكى نامايىشتا كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بىلال مالىك ئۇيغۇر تورونتۇدىن كانادا پايتەختى ئوتتاۋاغا قاراپ 15 كۈنلىك پىيادە مارافون يۈرۈشى باشلىغان. ئۇنىڭ مارافون يۈرۈشى بۈگۈن 4-كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇ ھازىر كانادانىڭ ۋېلكام دېگەن يېرىگە كەلگەن. بىلال مالىك ئۇيغۇر 7-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى سەپەر ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ئۇنىڭ ئ‍ېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ 15 كۈنلۈك مەزكۇر مارافون سەپىرىگە ئىككى مەقسەتنى كۆزلەپ چىققان. بىلال مالىك ئۇيغۇر بۇ مەقسەتنىڭ بىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىگە، يەنە بىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى نامايىش ۋە مارافون يۈرۈشى كانادا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قارار لايىھەسىنى رەت قىلغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. قارار لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشى كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

كانادا كېڭەش پالاتاسى ئ‍ۆتكەن ھەپتە مەزكۇر قارار لايىھەسىنى ئىنتايىن ئاز بىر پەرق بىلەن رەت قىلغان. قارار لايىھەسى 33 ئەزانىڭ قارشى بىلەت تاشلىشى، 27 ئەزانىڭ قوللىشى، 13 ئەزانىڭ بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كېچىشى، 17 ئەزانىڭ بىلەت تاشلاشقا قاتناشماسلىقىدەك نازۇك ۋەزىيەتتە رەت قىلىنغان.

بىلال مالىك ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى 19-ئىيۇل كۈنى ئوتتاۋادا چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنى كۈتۈۋېلىشنى پىلانلىماقتا ئ‍ىكەن. ئۇ 19-ئىيۇل ئ‍وتتاۋادا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، كانادا كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارار لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشىدا كانادا كېڭەش پالاتاسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئەزاسى خۇ يۈەنباۋ ھالقىلىق رول ئوينىغان. ئۇ قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇشنىڭ ئ‍الدىدا سۆز قىلىپ، كانادانىڭ بۇرۇن يەرلىك خەقلەرنىمۇ كەمسىتكەنلىكى، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «زىيانكەشلىك قىلىشىنى تەنقىدلەش سالاھىيىتى يوقلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ب د ت دا خۇ يۈەنباۋغا ئوخشاش كانادانىڭ يەرلىك خەلقلەرنى ئەزگەنلىكى، ب د ت نىڭ كانادادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىراق كانادا باش مىنىستىرى ترۇدېئو خىتايغا دەرھال ئ‍ىنكاس قايتۇرۇپ، كانادانىڭ ئ‍ۆتمۈشتىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ «قايتا يارىشىش كومىتېتى» قۇرۇپ، بۇ خاتالىقىنى تۈزۈتۈشكە كىرىشكەنلىكى، بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ رەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.