ياۋروپادىكى 5 نەپەر لاگېر شاھىتلىرى نورۋېگىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەرمەكچى

0:00 / 0:00

17-ئۆكتەبىر نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى، د ئۇ ق نىڭ قوللىشى، نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى 4 پارتىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن نورۋېگىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

فرانسىيەدىن لاگېر شاھىتى گۇلباھار خاتىۋاجى ھەمدە گۇلباھار جېلىلوۋا، شىۋېتسىيەدىن لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي، گوللاندىيەدىن لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى ۋە قەلبىنۇر سىدىق قاتارلىق 5 نەپەر لاگېر شاھىتى ھەمدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى جېففىرىي نايىس ۋە كوممۇنىزىم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادرىيان زېنز قاتارلىقلارنىڭ بۇ گۇۋاھلىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

بۇ قېتىمقى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىقى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

نورۋېگىيەدىكى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە، مۇبادا بۇ گۇۋاھلىقتىن كېيىن نورۋېگىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، بۇنىڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىقنىڭ نورۋېگىيە تارىخىدىكى زور ھادىسە ئىكەنلىكىنى، بۇ گۇۋاھلىقنىڭ نورۋېگىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ دەسلەپكى تەييارلىق باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ يەنە نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىمۇ ئەسكەرتتى.

گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ مۇھىم گۇۋاھلىق يىغىنىغا نورۋېگىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاگېر شاھىتى گۇلباھار خاتىۋاجى بولسا، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىغا قاتنىشىشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىغا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتبايمۇ مەزكۇر گۇۋاھلىق ئارقىلىق نورۋېگىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىغا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.