ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.10.24
dawid-sassoli-David-Sassoli-ilham-toxti-mukapat.jpg ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى ئەپەندى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىگە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ۋە ئىلھام توختىنى تونۇشتۇردى. 2019-يىلى 24-ئۆكتەبىر، فىرانسىيە.
REUTERS

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» بېرىلدى.

24-ئۆكتەبىر كۈنى ئىلھام توختىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ بېرىلگەنلىكى بۈگۈنكى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ قىزىق خەۋەر تېمىسى بولدى. ئىلھام توختى 9-ئايدا «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلگەن ئاخىرقى 4 نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان ئىدى.

فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە 24-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى سۆز قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر-خىتاي خەلقلىرى ئارىسىدىكى دىئالوگ ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر زىيالىي» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادالەتسىز مىللىي سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-يىلى 9-ئايدا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

تېخى 30-سېنتەبىر كۈنى ئىلھام توختى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ۋاسلاۋ خاۋېل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ بىر ئايدىن كېيىنلا يەنە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر جامائىتىنى كۆپ سۆيۈندۈرۈپلا قالماستىن، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىمۇ بەك خۇرسەن قىلغان.

ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان ئېرىشكەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالدى.

غەرب مەتبۇئاتلىرى بۈگۈن 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئىلھام توختى مەنسۇپ بولغان ئىجتىمائىي توپلۇق-مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنىمۇ تەڭ تىلغا ئالماقتا.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە تەسىراتىنى بايان قىلىپ، «بۇ مۇكاپات خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاق بولدى،» دېدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» ھەر يىلى بىر قېتىم كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك يولىدا كۈرەش قىلغان شەخسلەر ياكى تەشكىلاتلارغا بېرىلىدىغان بولۇپ، قىممىتى 50 مىڭ ياۋرو. بۇ مۇكاپات 1988-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى قىلىپ بېكىتىلگەن.

(ئىلھام توختى: مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن ھەققانىيەت تەلەپ قىلدىم، جىنايىتىم يوق!)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.