ئابدۇرېھىم غېنى: «خىتاي ئەلچىخانىسىغا كىرىشىم تۇتقۇندىكى تۇغقانلىرىم ھەققىدە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈندۇر»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.08.16
abudurehim-gheni-xitay-konsulxanisi.jpg 3 يىلدىن بۇيان گوللاندىيەنىڭ دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلغان پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ خىتاي كونسۇلخانىسىغا خەت كىرگۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى ئاۋغۇست، گوللاندىيە.
Abduréhim Ghéni ozi teminligen

14-ئاۋغۇست ئەتىگەن فېيسبوكتا 3 يىلدىن بۇيان گوللاندىيەنىڭ دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشى ئارقىلىق خىتاي لاگېرلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ شۇ كۈنى خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئىچىگە بۆسۈپ كىرگەنلىكى ۋە كېيىن گوللاندىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە نەق مەيدان سىن فىلىمى تارقالدى.

سىن فىلىمى تارقىلىپ تورداشلار ئارىسىدا ئابدۇرېھېم غېنى ھەققىدە جىددىي ئىنكاس داۋام قىلىۋاتقىنىدا ئۇنىڭ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىك ئۇچۇرى تارقالدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۈمە كۈنى ئەتىگەن يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە ئېنىقلىما بەردى.

ئابدۇېھىم غېنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 14-ئاۋغۇست ئەتىگەن گوللاندىيە ئەلچىخانىسىغا كىرىش مەقسىتى ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئۈزلۈكسىز جاۋابسىز قالدۇرۇۋاتقان خىتاي ئەلچىخانىسىدىن تۇتقۇندىكى تۇغقانلىرى ھەققىدە يۈز تۇرانە ئېنىق جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن بولغان ئىكەن. ئەمما خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى ئۇنىڭغا بۇ پۇرسەتنى بېرىشنىڭ ئورنىغا ئەلچىخانىنىڭ قوغدىغۇچى خادىمى ئارقىلىق ئۇنى ئەلچىخانىدىن مەجبۇرى چىقىرىۋەتكەن. گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كېتىشىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ شىكايىتى سەۋەبىدىن بولغان ئىكەن.

ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن ساقچىلار ئۇنى ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۆيىگە قايتۇرغان. ئەگەر گوللاندىيە سوتى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ شىكايىتىنى قوبۇل قىلسا، ئۇنىڭغا 1000 ياۋرو ئەتراپىدا جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىنكەن.

ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى گوللاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز سۈرۈشتە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر ئېنىق بىر جاۋاب بەرمەسلىكى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ 14-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئىچىگە كىرىپ يۈزتۇرانە جاۋاب ئېلىشقا مەجبۇر بولۇشتەك قاتمال ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە 14-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئىچىگە كىرىشتىن ئىلگىرىكى 3 كۈنلۈك نامايىشى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن نامايىش تەستىقى ئالغاندىن كېيىن، 3 كۈندىن بۇيان گوللاندىيەنىڭ دەنھاك شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا تىنچ نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئۇ بۇ جەرياندا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى قىلىش، پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئاۋازلىق نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا تۇتقۇندىكى 19 نەپەر تۇغقىنى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. ئۇ يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىدىن تۇتقۇندىكى تۇغقانلىرى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىككى كۈن ئىلگىرى ئەلچىخانا ئالدىدىكى خەت ساندۇقىدىن مەكتۇپ يوللىغان. ئەمما خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ ئىلگىرى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق ئائىلىسىدىكى تۇتقۇنلارنى سۈرۈشتۈرگەن مەكتۇپىغا جاۋاب قايتۇرمىغىنىدەك، بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ خېتىغا جاۋاب قايتۇرمىغان. خىتاي ئەلچىخانىسى يەنە بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 13-ئاۋغۇست كۈنى گوللاندىيە ساقچىلىرىغا ئۇنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشىدىن شىكايەت قىلغان. ئەمما گوللاندىيە ساقچىلىرى ئۇنىڭ رۇخسەتلىك نامايىش قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نامايىش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قايتىپ كەتكەن ئىكەن. نەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئېنىق جاۋاب ئالالمىغان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى 14-ئاۋغۇست ئەتىگەن تۇتقۇندىكى تۇغقانلىرى ھەققىدە ئەلچىخانا خادىملىرىدىن يۈزتۇرانە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئەلچىخانا ئىچىگە كىرگەن. ئەمما ئۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قوغدىغۇچى خادىم تەرىپىدىن مەجبۇرى چىقىرىۋېتىلگەن. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ شىكايىتى سەۋەبىدىن گوللاندىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، 2 سائەتتىن كېيىن ئۆيىگە قايتۇرۇلغان.

ئابدۇرېھىم غېنى يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى سۈرۈشتۈرۈشتەك ئەڭ ئەقەللىي تەلىپىنىمۇ جاۋابسىز قالدۇرۇشى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى خەلقئاراغا تېخىمۇ ئېنىق ئېچىپ بەردى، دېدى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ساياھەتچىلەر كۆپ كېلىدىغان ئامستېردامدىكى دام مەيدانى ۋە خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچ شەكلىدىكى نامايىشىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى خەلقئارالىق بېسىمنى كۈچەيتىشتە تىنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىلدىكى نامايىشلارنىڭ تېخىمۇ زور ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.