«ئىزچىلار» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇسەمەت روزىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2023.11.20
abdusemet-rozi-1024 شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇسەمەت روزى (ئورنى، ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» دىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەمىنلىگەن

ئۆتكەن ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شىنجاڭ رادىيو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قىزىلسۇ شۆبىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇسەمەت روزىنىڭ بۇ يىل 31-ئاۋغۇست كۈنى ۋاپات بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشقا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى، جەسەتنىڭ ئائىلىسىگە قايتۇرۇلماستىن ئۇدۇللا زاراتگاھلىققا ئېلىپ چىقىلغانلىقى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ زاراتگاھلىققا ئېلىپ كېلىنىپ تەھدىت ئاستىدا نارازىلىق پىكرى سورالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

تور ئارخىپلىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇسەمەت روزى، 1966-يىلى ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاتۇشتا ئوقۇغان ئابدۇسەمەت روزى، 1983-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ مەزكۇر ئىنستىتۇتنى ‏1987-يىلى پۈتتۈرۈپ، ئاتۇش 4‏-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن. 1998-يىلى شىنجاڭ رادىيو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىزىلسۇ تارمىقىغا يۆتكەلگەن ئابدۇسەمەت روزى، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر مەزكۇر تارماقتا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئابدۇسەمەت روزى تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە ئەڭ باشتا ئورۇن ئالغان تەتقىقاتچىلاردىندۇر. مەزكۇر تىزىملىكنىڭ تۈزگۈچىسى، نورۋېگىيە ئۇيغۇريار فوندىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇسەمەت روزى 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 2019-يىلى 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن؛ 2021-يىلى سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ قويۇپ بېرىلگەن. 2022-يىلى سېنتەبىردە قايتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈرمىدە جان ئۈزگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتۇش شەھەر سۈنتاغ يېزىلىق ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئابدۇسەمەت روزى ئاتۇشتىكى ئۇلۇغچات تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 8 ئاينىڭ ئاخىرى ئۇلۇغچاتتىكى تۈرمە دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزگەن. دائىرىلەر ئابدۇسەمەت جان ئۈزگەن كۈنى ئابدۇسەمەتنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 7-8 چە كىشىنى سۈنتاغ يېزىلىق پارتىكومغا چاقىرتىپ ئەكەلگەن ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەن.

مەزكۇر ساقچى خادىمى ئابدۇسەمەت روزىنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇسەمەت روزى يازغان «ئىزچىلار» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇسەمەت روزى يازغان «ئىزچىلار» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» دىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەمىنلىگەن

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇسەمەت روزى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە «قىزىلسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بىر شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە قېتىلغان. بىر مەزگىل شېئىرىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئابدۇسەمەت روزى كېيىن ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشلىرىغا ئاتلانغان. 2005-يىلىدىن 2010‏-يىلىغىچە تەكشۈرۈش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ شاگىرتلىرى ھەققىدە «ئىزچىلار» ناملىق بىر كىتاب يازغان. كىتاب جەمئىيەتتە كۆپ ئالقىشلانغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئابدۇسەمەت روزىنىڭ تەتقىقات تېمىلىرى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدىن پۇتاق تېپىلىپ جازالانغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، ئابدۇسەمەت روزى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى ئاكتىپچانلىقى ۋە تەشكىلاتچىلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن، ئۇ تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن جىسمانىي ۋە روھىي قېيىن-قىستاق سەۋەبىدىن كېسەللەنگەن ۋە جان ئۈزگەن.

سۈنتاغ ساقچىخانا خادىمىنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ئابدۇسەمەت روزىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ۋە ھېچقانداق بىر قېيىن-قىستاققا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئۆلۈمگە قارىتا نارازىلىق پىكرىنى سورىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت چاقىرتىلىشى، سۆھبەت مەيدانىدا جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى خادىملىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشى ئابدۇسەمەت روزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان. تەھدىت ھاۋاسى ئىچىدىكى بۇ سۆھبەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە گۇمان ۋە نارازىلىقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇسەمەت روزىنىڭ جەسىتى تۈرمە دوختۇرخانىسىدىن ئائىلىسىگە ئەمەس، ئۇدۇل زاراتگاھلىققا ئاچىقىلغان ۋە مېيىتنىڭ يۈزى ئائىلە ئەزالىرىغا كۆرسىتىلىپ يەرلىكىگە قويۇۋېتىلگەن.

ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلىشىمىزدا ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇللا ساۋۇتنىڭمۇ ئاتۇشتىكى تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.