ئىستانبۇلدا مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

25-ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلدا مەرھۇم ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىلىشنى مەرھۇمنىڭ سەپداشلىرىدىن ئابدۇلجېلىل تۇران بىلەن ئەزىز ئۇيغۇر قاتارلىقلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەرھۇمنىڭ ئىستانبۇلدىكى يېقىن دوستلىرى ۋە سەپداشلىرى قاتناشتى.

يىغىلىشتا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران، دىنى ئالىم ئابدۇلئەزىز رەھمىتۇللا، ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات تورىنىڭ مەسئۇلى ھامىتخان كۆكتۈرك ۋە دوكتۇر ھاجى قۇتلۇق قادىرى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھايات-پائالىيەتلىرى ۋە ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى.

تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ ھاياتىغا باھا بېرىپ ئۆتتى. ئۇ مەرھۇمنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي خىزمەتلىرى، سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.

مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە 7 يىل بىرگە خىزمەت قىلغان سەپدىشى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابلىكىم باقىنىڭ بىر ئىلىم ئادىمى، يازغۇچى ۋە ئەدىب بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ۋەتەن ۋە مىللىتى ئۈچۈن ھارماي كۈرەش قىلغان بىر پائالىيەتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندىمۇ پىكىر بايان قىلىپ، مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر بىلەن 1994-يىلى ئىستانبۇلدا تونۇشقانلىقىنى، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ھاياتى داۋامىدا ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئاپەتلىك يىللىرىدا، يەنى 1973-يىلدىن 1975-يىلغا قەدەر «قايتا تەربىيە» نامىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ توققۇزتارا ناھىيە گۆرجىلغا يېزىسىغا تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن. 1975-يىلى 9-ئايدىن 1977-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، كېيىنكى مەزگىللەردە يەنە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر ئەپەندى 1992-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان.

ئۇ 1992-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ چىقىپ مۇھاجىرلىق ھاياتىنى باشلىغاندىن بۇيان يېزىقچىلىق ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىغا خىزمەت قىلىشنى داۋام قىلىپ كەلگەن. ئۇ 1992-يىلدىن 2000-يىلى 2-ئايغىچە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىدە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولغان ھەمدە 2017-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. مەرھۇم 2019-يىلى 8-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغان.