دوھادا توسۇلۇپ قالغان ئابلىكىم يۈسۈپ ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىققان

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف، مۇخبىرىمىز جۈمە
2019.08.06
ablikim-yusup.jpg ئابلىكىم يۈسۈپ (ئوڭدىن بىرىنچى) خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى سۇن ۋېيدوڭ (سولدىن ئىككىنچى) بىلەن بىرگە.
Ablikim Yusup teminligen

دوھا خەلقئارالىق ئايرودرومىدا توسۇلۇپ قېلىپ خىتايغا يولغا سېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئابلىكىم يۈسۈپ بۈگۈن ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىققان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئابلىكىم يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ بىخەتەر ھالدا ئامېرىكاغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەيمىز،» دېدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، ئېتنىك قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن چۆچۈدۇق. بۇلار كۆلەملەشكەن مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى ئاپرېلدىن بۇيان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باياناتتا باشقا دۆلەتلەرنىمۇ مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىق ئەھدىنامىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىز بارلىق دۆلەتلەرنى قايتۇرماسلىق پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ‹تەن جازاسى ۋە باشقا ۋەھشىي، قەبىھ ياكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە ياكى جازالاشقا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› ھەمدە 1951 ‏-يىلىدىكى ‹مۇساپىرلار سالاھىيىتى ئەھدىنامىسى› ۋە 1967 ‏-يىلىدىكى‹مۇساپىرلار سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم› لەردە بەلگىلەنگەن كونكرېتنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز.»

خەۋەرگە قارىغاندا، ئابلىكىم يۈسۈپ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 لەردە ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.