ئامېرىكادىكى بىر قىسىم لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئاقساراي ئالدىدا 19-سېنتەبىر كۈنى ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، يەنى 20-سېنتەبىر كۈنى ئاقساراي ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارنى ئالاھىدە زىيارەت قىلدۇق.
بىز ئاقساراي ئالدىغا بارغاندا، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرى ھەمدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ۋە شۇنداقلا لاگېرغا تۇتۇلۇپ كەتكەن دادىسى ئۈچۈن داۋا قىلىۋاتقان دىليار سەيپىدىن قاتارلىقلار ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. ئۇلار بىر ياقتىن شۇئار توۋلاپ، يەنە بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قىزىققۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئۇلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋاتقان ئىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىككى مەقسىتى بارلىقىنى ئېيتتى: «بىزنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتىمىز، بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق قامالى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچلىق كىرىزىسىغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش؛ ئىككىنچىدىن، نۆۋەتتە جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بىر قارارنامە تەييارلاشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت.»

ئەلفىدار، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ئاچلىق ئېلان قىلىش مەقسىتىنى مۇخبىرلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات-ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە بۇ ئىشخانىنىڭ باياناتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئۇلارغا يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، پات ئارىدا ئۇلاردىن بىر جاۋاب كېلىشىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىۋاتقانلار تۆنۈگۈن كېچىنىمۇ ئاقساراي ئالدىدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ جەرياندا بىر قىسىم قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، ئۆزلىرىنىڭ ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېچىدە تالادا قېلىشىنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى بىر نەتىجە چىققۇچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزىمۇ ۋەتەندىكى لاگېرلاردا قىينىلىۋاتقانلارنىڭ ئازابى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاچ قېلىشىنىڭ ھېچنەرسە ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار، يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزۈشكە جاسارەت قىلىشنى دەۋەت قىلدى.
دىليار سەيپىدىن ئۆزىنىڭ لاگېرغا قامالغان دادىسىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق چارىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سەپكە قېتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.